< 2 Kongebok 14 >

1 I Israels konge Joas', Joakas' sønns annet år blev Amasja konge; han var sønn av Judas konge Joas.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يوئاشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا [يەھۇدادىكى] يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى.
2 Han var fem og tyve år gammel da han blev konge, og regjerte ni og tyve år i Jerusalem; hans mor hette Joaddan og var fra Jerusalem.
پادىشاھ بولغاندا ئۇ يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق يەھوئاددان ئىدى.
3 Han gjorde hvad rett var i Herrens øine, men ikke som hans stamfar David; han gjorde aldeles som sin far Joas.
ئامازىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى، لېكىن ئەجدادى داۋۇت قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى ئاتىسى يوئاشنىڭ بارلىق قىلغانلىرى بويىچە ئىش كۆرەتتى.
4 Dog blev offerhaugene ikke nedlagt; folket blev ved å ofre og brenne røkelse på haugene.
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى.
5 Så snart han hadde fått kongedømmet fast i sin hånd, slo han ihjel dem av sine tjenere som hadde slått ihjel hans far kongen.
ۋە شۇنداق بولدىكى، سەلتەنىتى ئۇنىڭ قولىدا مۇقىم بولغاندا، ئۇ پادىشاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى.
6 Men mordernes barn drepte han ikke, efter det som er skrevet i Mose lovbok, hvor Herren har gitt dette bud: Foreldre skal ikke lide døden for sine barns skyld, og barn ikke lide døden for sine foreldres skyld; men enhver skal dø for sin egen synd.
لېكىن مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇن كىتابىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئاتىلارنى ئوغۇللىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ يا ئوغۇللىرىنى ئاتىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ھەربىرى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەن ئەمرى بويىچە، ئۇ ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمىدى.
7 Han slo Edom i Saltdalen, ti tusen mann, og inntok Sela og kalte det Jokte'el, som det heter den dag idag.
ئۇ «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى ۋە جەڭ قىلىپ سېلانى ئىشغال قىلىپ ئۇنى يوقتەئەل دەپ ئاتىدى؛ بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە.
8 På den tid sendte Amasja bud til Israels konge Joas, sønn av Joakas, Jehus sønn, og lot si: Kom, la oss prøve styrke med hverandre!
ئاندىن كېيىن ئامازىيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھۇنىڭ نەۋرىسى، يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاشنىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: «قېنى، [جەڭ مەيدانىدا] يۈز تۇرانە كۆرۈشەيلى» دېدى.
9 Men Israels konge Joas sendte bud til Judas konge Amasja og svarte: Tornebusken på Libanon sendte bud til sederen på Libanon og lot si: La min sønn få din datter til hustru! Men de ville dyr på Libanon fór frem og trådte tornebusken ned.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: ــ «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن، دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى.
10 Du har slått Edom, og derfor er du blitt overmodig; la dig nøie med den ære og bli hjemme! Hvorfor vil du kalle ulykken ned over dig, så du går til grunne, både du og Juda med dig?
سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتتىڭ. ئەمدى يايراپ پەخىرلەن، بىراق ئۆيدە قالغىن؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟».
11 Men Amasja hørte ikke på ham. Da drog Israels konge Joas op, og han og Judas konge Amasja prøvde styrke med hverandre ved Bet-Semes, som hører til Juda.
ئەمما ئامازىيا قۇلاق سالمىدى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش جەڭگە چىقتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن يەھۇدادىكى بەيت-شەمەشتە ئۇچرىشىپ سوقۇشتى.
12 Og Judas menn blev slått av Israels menn, og de flyktet hver til sitt hjem;
يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كەتتى.
13 men Judas konge Amasja, sønn av Joas, Akasjas sønn, blev tatt til fange av Israels konge Joas ved Bet-Semes. Og da de kom til Jerusalem, rev han ned et stykke av Jerusalems mur, fra Efra'im-porten til Hjørneporten, fire hundre alen.
ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاش بەيت-شەمەشتە ئاھازىيانىڭ نەۋرىسى، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيانى ئەسىر قىلىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنىڭ ئەفرائىم دەرۋازىسىدىن تارتىپ بۇرجەك دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز گەزلىك بىر بۆلىكىنى ئۆرۈۋەتتى.
14 Og han tok alt det gull og sølv og alle de kar som fantes i Herrens hus og i skattkammerne i kongens hus, og dessuten gislene; sa vendte han tilbake til Samaria.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ھەمدە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىدىن تېپىلغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، ھەممە قاچا-قۇچىلارنى بۇلىۋالدى ۋە كېپىللىك سۈپىتىدە بىرنەچچە تۇتقۇننى ئېلىپ سامارىيەگە يېنىپ كەتتى.
15 Hvad som ellers er å fortelle om Joas, om det han gjorde, og om hans store gjerninger og hans krig med Judas konge Amasja, det er opskrevet i Israels kongers krønike.
ئەمما يەھوئاشنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا بىلەن جەڭ قىلىپ كۆرسەتكەن قۇدرىتى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
16 Og Joas la sig til hvile hos sine fedre og blev begravet i Samaria hos Israels konger, og hans sønn Jeroboam blev konge i hans sted.
يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلىندى. ئوغلى يەروبوئام ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.
17 Judas konge Amasja, Joas' sønn, levde femten år efterat Israels konge Joas, Joakas' sønn, var død.
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئوغلى يەھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يەھوئاشنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىيا ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆردى.
18 Hvad som ellers er å fortelle om Amasja, det er opskrevet i Judas kongers krønike.
ئەمدى ئامازىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
19 De gjorde en sammensvergelse mot ham i Jerusalem, og han flyktet til Lakis; men de sendte folk efter ham til Lakis og drepte ham der.
ئۇ يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنى قەستلەشكە كىرىشكەنىدى، لاقىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى؛ لېكىن قەستلىگۈچىلەر كەينىدىن لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى.
20 Så kjørte de ham derfra med hester, og han blev begravet i Jerusalem hos sine fedre i Davids stad.
ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئاتلارغا ئارتىپ يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى.
21 Og alt Judas folk tok og gjorde Asarja, som da var seksten år gammel, til konge i hans far Amasjas sted.
يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ئۇنىڭ ئون ئالتە ياشقا كىرگەن ئوغلى ئازارىيانى تىكلەپ، ئۇنى ئاتىسى ئامازىيانىڭ ئورنىدا پادىشاھ قىلدى
22 Han gjorde Elat til en fast by og vant det tilbake for Juda, efterat kongen hadde lagt sig til hvile hos sine fedre.
(پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئازارىيا ئىدى).
23 I Judas konge Amasjas, Joas' sønns femtende år blev Jeroboam, sønn av Israels konge Joas, konge i Samaria, og han regjerte i en og firti år.
يەھۇدانىڭ پادىشاھى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلاپ، سامارىيەدە قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى.
24 Han gjorde hvad ondt var i Herrens øine; han vek ikke fra nogen av de synder som Jeroboam, Nebats sønn, hadde gjort og fått Israel til å gjøre.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھېچبىرىنى تاشلىمىدى.
25 Han vant tilbake Israels landemerker fra der hvor veien går til Hamat, og like til Ødemarks-havet, efter det ord som Herren, Israels Gud, hadde talt ved sin tjener profeten Jonas, Amittais sønn, fra Gat-Hefer.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى گات-ھەفەرلىك ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇس [پەيغەمبەر] ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ [شىمالدا] خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ [جەنۇبتا] «ئاراباھ دېڭىزى»غىچە ئىسرائىلنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتىپ ئەسلىگە كەلتۈردى.
26 For Herren hadde sett at Israel var stedt i bitter nød, og det var ute både med store og små, og Israel hadde ingen hjelper.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ تارتقان ئازابلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ ئاجىزلار ھەم مېيىپلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى، ئىسرائىلغا مەدەتكار يوق ئىدى.
27 Og Herren hadde ikke sagt at han vilde utslette Israels navn under himmelen; derfor frelste han dem ved Jeroboam, Joas' sønn.
پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ ئاستىدىن يوقىتىمەن» دېگەن ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا ئۇ يەھوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدى.
28 Hvad som ellers er å fortelle om Jeroboam, om alt det han gjorde, og om hans store gjerninger, hvilke kriger han førte, og hvorledes han vant tilbake til Israel den del av Damaskus og Hamat som før hadde tilhørt Juda, det er opskrevet i Israels kongers krønike.
ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قۇدرىتى ۋە قانداق جەڭ قىلىپ، ئەسلى يەھۇداغا تەۋە بولغان دەمەشق بىلەن خاماتنى ياندۇرۇۋالغانلىقى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
29 Og Jeroboam la sig til hvile hos sine fedre, hos Israels konger, og hans sønn Sakarja blev konge i hans sted.
يەروبوئام ئاتا-بوۋىلىرى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى زەكەرىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

< 2 Kongebok 14 >