< 1 Krønikebok 15 >

1 Siden bygget han sig huser i Davids stad og gjorde i stand et sted for Guds ark og reiste et telt for den.
داۋۇت داۋۇت شەھىرىدە ئۆزىگە ئۆي-ئوردىلار سالدۇردى، ھەم خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا جاي ھازىرلىدى ۋە ئۇنىڭغا چېدىر تىكتۈردى.
2 Da sa David: Ingen skal bære Guds ark uten levittene; for dem har Herren utvalgt til å bære Guds ark og til å tjene ham for alle tider.
ئۇ چاغدا داۋۇت: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن بۆلەك كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈشىگە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا شۇلارنى تاللىغانىدى» دېدى.
3 Så samlet David hele Israel til Jerusalem for å føre Herrens ark op til det sted som han hadde gjort i stand for den.
ئاندىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھازىرلاپ قويغان يەرگە يۆتكەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا يىغدى.
4 Og David kalte Arons barn og levittene sammen:
داۋۇت يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى:
5 av Kahats barn Uriel, den øverste, og hans brødre, hundre og tyve,
كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى جەمەت بېشى بولغان ئۇرىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز يىگىرمە كىشى؛
6 av Meraris barn Asaja, den øverste, og hans brødre, to hundre og tyve,
مەرارى ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشى؛
7 av Gersoms barn Joel, den øverste, og hans brødre, hundre og tretti,
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئوتتۇز كىشى؛
8 av Elisafans barn Semaja, den øverste, og hans brødre, to hundre,
ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان شېمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئىككى يۈز كىشى؛
9 av Hebrons barn Eliel, den øverste, og hans brødre, åtti.
ھېبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئەلىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى سەكسەن كىشى؛
10 av Ussiels barn Amminadab, den øverste, og hans brødre, hundre og tolv.
ئۇززىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى.
11 Så kalte David til sig prestene Sadok og Ebjatar og levittene Uriel, Asaja og Joel, Semaja og Eliel og Amminadab.
داۋۇت كاھىنلاردىن زادوك بىلەن ئابىياتارنى، شۇنىڭدەك لاۋىلىيلاردىن ئۇرىيەل، ئاسايا، يوئېل، شېمايا، ئەلىيەل ۋە ئاممىنادابنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا:
12 Og han sa til dem: I familiehoder for levittene, hellige eder, både I og eders brødre, og før Herrens, Israels Guds ark op til det sted jeg har gjort i stand for den!
«سىلەر لاۋىي جەمەتىنىڭ باشلىرىسىلەر؛ ئۆزۈڭلارنى ۋە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلاپ قويغان يەرگە كۆتۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن پاك قىلىڭلار.
13 Det var fordi I ikke var med første gang at Herren vår Gud brøt inn iblandt oss; for vi søkte ham ikke på rette måte.
چۈنكى ئىلگىرى سىلەر شۇنداق قىلماي، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭدىن يول سورىمىغىنىمىزدىن خۇدايىمىز پەرۋەردىگار بىزگە زەربە بەرگەن» دېدى.
14 Da helliget prestene og levittene sig for å føre Herrens. Israels Guds ark op.
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاك قىلدى.
15 Og levittenes barn bar Guds ark på sine skuldrer ved hjelp av bærestengene, således som Moses hadde påbudt efter Herrens ord.
لاۋىيلار ئەمدى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى بىلەن تاپىلىغىنى بويىچە، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداق بىلەن مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈردى.
16 Så bød David de øverste blandt levittene at de skulde stille sine brødre sangerne frem med musikkinstrumenter, harper og citarer og cymbler, som de skulde spille på, idet de lot gledesangen tone.
داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەرنى تەيىنلەشنى بۇيرۇدى؛ ئۇلار جۈملىدىن تەمبۇر، چىلتار، جاڭلار قاتارلىق ھەرخىل سازلارنى چېلىپ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈي ئېيتىشقا تەيىنلەندى.
17 Da stilte levittene frem Heman, sønn av Joel, og av hans brødre Asaf, sønn av Berekja, og av deres brødre Meraris barn Etan, sønn av Kusaja,
شۇڭلاشقا، لاۋىيلار يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكى بەرەكىيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ھەم ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بولغان مەرارىلاردىن كۇشاياھنىڭ ئوغلى ئېتاننى بەلگىلىدى.
18 og sammen med dem deres brødre av annen rang, Sakarja, Ben og Ja'asiel og Semiramot og Jehiel og Unni, Eliab og Benaja og Ma'aseja og Mattitja og Eliflehu og Mikneja og Obed-Edom og Je'iel, dørvokterne.
ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەنە قېرىنداشلىرىدىن زەكەرىيا، بىن، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، بىناياھ، مائاسېياھ، ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا ھەم دەرۋازىۋەن ئوبەد-ئېدوم بىلەن جەئىيەلنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەترەت قىلىپ تەشكىللىدى.
19 Sangerne Heman, Asaf og Etan skulde slå på kobbercymbler;
نەغمىچى ھېمان، ئاساف ۋە ئېتانلار مىس چاڭلار چېلىپ، ياڭراق ئاۋاز چىقىراتتى؛
20 Sakarja og Asiel og Semiramot og Jehiel og Unni og Eliab og Ma'aseja og Benaja skulde spille på harper efter Alamot,
زەكەرىيا، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، مائاسېياھ ۋە بىنايالار تەمبۇر چېلىپ «ئالاموت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش قىلاتتى؛
21 og Mattitja og Eliflehu og Mikneja og Obed-Edom og Je'iel og Asasja på citarer efter Sjeminit for å lede sangen.
ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا، ئوبەد-ئېدوم، جەئىيەل ۋە ئازازىيالار چىلتار چېلىپ باشلامچىلىق قىلىپ، «شەمىنىت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش بولاتتى.
22 Kenanja, levittenes sangmester, underviste i sangen; for han var kyndig i det.
لاۋىيلارنىڭ يولباشچىسى كەنانىيا مۇزىكىغا ناھايىتى پىششىق بولغاچقا، مەخسۇس نەغمە-ناۋاچىلىققا مەسئۇل بولۇپ مۇزىكا ئۆگىتەتتى.
23 Berekja og Elkana var dørvoktere ved arken.
بەرەكىيا بىلەن ئەلكاناھ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقارلار ئىدى.
24 Prestene Sebaina og Josafat og Netanel og Amasai og Sakarja og Benaja og Elieser blåste i trompeter foran Guds ark, og Obed-Edom og Jehia var dørvoktere ved arken.
شەبانىيا، يەھوشافات، نەتانەل، ئاماساي، زەكەرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئېزەر قاتارلىق كاھىنلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چالاتتى؛ ئوبەد-ئېدوم بىلەن يەھىياھمۇ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقار قىلىنىپ قويۇلغانىدى.
25 Så gikk David og Israels eldste og høvedsmennene over tusen avsted for å hente Herrens pakts-ark op fra Obed-Edoms hus under jubel.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭبېشى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ چىققىلى باردى.
26 Og da nu Gud hjalp levittene som bar Herrens pakts-ark, ofret de syv okser og syv værer.
ۋە شۇنداق بولدىكى، [داۋۇتلار] خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقار قۇربانلىق قىلدى.
27 David var klædd i en kåpe av hvitt bomullstøi, og likeså alle de levitter som bar arken, og sangerne og Kenanja, sangmesteren, som ledet sangen; dessuten hadde David en livkjortel av lerret på.
داۋۇت ۋە شۇنداقلا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلار ھەمدە نەغمىچىلەر ھەم نەغمە-ناۋا بېشى بولغان كەنانىيالارنىڭ ھەممىسى كاناپ لىباس كىيىشكەنىدى؛ داۋۇت ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كاناپ ئەفود كىيگەنىدى.
28 Og hele Israel førte Herrens pakts-ark op med fryderop og med basunklang og med trompeter og cymbler, under harpe- og citarspill.
پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەمدى شۇ تەرىقىدە تەنتەنە قىلىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭجاڭ، تەمبۇر، چىلتار قاتارلىق تۈرلۈك سازلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا چېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كېلىشتى.
29 Men da Herrens pakts-ark kom inn i Davids stad, da så Mikal, Sauls datter, ut gjennem vinduet, og hun så kong David hoppe og danse, og hun foraktet ham i sitt hjerte.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقال پەنجىردىن تۆۋەنگە قاراپ تۇراتتى؛ ئۇ داۋۇتنىڭ سەكرەپ ئويناپ-چېلىپ تەنتەنە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئۇنى زاڭلىق قىلدى.

< 1 Krønikebok 15 >