< Ceturtā Mozus 18 >

1 Tad Tas Kungs runāja uz Āronu: tev un taviem dēliem un tava tēva namam līdz ar tevi būs nest svētās vietas noziegumu, un tev un taviem dēliem būs nest priestera amata noziegumu.
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭدىكىلەر سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى، شۇنىڭدەك سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى ئۈستۈڭلەرگە ئالىسىلەر.
2 Un arī savus brāļus, Levja cilti, sava tēva cilti, tev līdz ar sevi būs pievest, ka tie tev palīdz un tev kalpo; bet tev un taviem dēliem līdz ar tevi būs būt liecības telts priekšā.
سەن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەرنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرلەشتۈر ھەم ئۇلارنى خىزمىتىڭنى قىلىشى ئۈچۈن باشلاپ ئېلىپ كەل؛ بىراق سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئالدىدا خىزمەتلەرنى قىلسۇن.
3 Un tiem būs kopt tavu kopšanu, un visas telts kopšanu; bet pie svētās vietas rīkiem un pie altāra tiem nebūs pieiet, lai nemirst, ne viņi, ne jūs.
ئۇلار سېنىڭ بۇيرۇقلىرىڭغا تەييار تۇرۇپ، شۇنداقلا چېدىردىكى بارلىق خىزمەت-ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛ پەقەت مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا ۋە قۇربانگاھقا يېقىنلاشمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلارمۇ، سىلەرمۇ ئۆلۈپ كېتىسىلەر.
4 Bet tiem būs tev palīdzēt un kopt to kopšanu saiešanas teltī visā telts kalpošanā, un nevienam svešiniekam pie jums nebūs pieiet.
ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەپ، قىلىدىغان ھەربىر ئىشىنى قىلسۇن؛ پەقەتلا ھېچ يات كىشىلەر سىلەرگە يېقىنلاشمىسۇن.
5 Tad nu kopjat svētās vietas kopšanu un altāra kopšanu, lai vairs nenāk bardzība pār Israēla bērniem.
قەھر-غەزەپ يەنە ئىسرائ‍ىللارنىڭ بېشىغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، سىلەر مۇقەددەس جايدىكى ۋەزىپە بىلەن قۇربانگاھدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەشكە مەسئۇل بولۇڭلار.
6 Jo redzi, Es jūsu brāļus, tos Levitus, esmu ņēmis no Israēla bērniem; tie jums ir doti par dāvanu Tam Kungam, ka tiem jākalpo pie saiešanas telts kalpošanas.
مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان.
7 Bet tev un taviem dēliem līdz ar tevi būs savu priestera amatu kopt visās altāra lietās un iekšpusē aiz tā priekškaramā un kalpot, jūsu priestera amatu Es jums dodu kā dāvanu. Un tam svešiniekam, kas pieiet, būs mirt.
لېكىن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپەڭلەردە تۇرۇپ، قۇربانگاھتىكى بارلىق ئىشلارنى ھەم پەردە ئىچىدىكى ئىشلارنى بېجىرىڭلار؛ سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلەر شۇنداق بولسۇن. كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى، خىزمىتىمدە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە سوۋغا قىلىپ بەردىم؛ يات ئادەملەر يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈۋېتىلسۇن.
8 Un Tas Kungs runāja uz Āronu: un Es, redzi, Es tev esmu devis glabāt Savus cilājamos upurus; no visām Israēla bērnu svētām dāvanām Es tev tos esmu devis par daļu un taviem dēliem par tiesu mūžīgi.
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — مەن ماڭا سۇنۇلغان كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، يەنى ئىسرائ‍ىللار ماڭا مۇقەددەس دەپ ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۈلۈشۈڭلار بولسۇن دەپ، مانا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم.
9 Tas lai tev pieder no tām augsti svētām dāvanām no ugunīm: visas viņu dāvanas pie visiem viņu ēdamiem upuriem un pie visiem viņu grēku upuriem un pie visiem viņu nozieguma upuriem, ko tie Man dod; augsti svētas dāvanas lai tās ir tev un taviem dēliem.
ئىسرائ‍ىللار ئوتتا سۇنىدىغان، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلەردىن سىلەرگە مۇنۇلار قالدۇرۇپ بېرىلىدۇ: — ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان بارلىق نەرسىلىرى، يەنى بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلەردىن، بارلىق گۇناھ قۇربانلىقلىرىدىن، بارلىق ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلانغانلىرى، ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىنىدۇ.
10 Augsti svētā vietā tev to būs ēst; visi, kas no vīriešu kārtas, lai to ēd, - tas lai tev ir svēts.
سەن شۇ [ئۈلۈشۈڭنى] «ئەڭ مۇقەددەس» سۈپىتىدە يېگىن، سىلەردىن بولغان ھەربىر ئەر كىشى ئۇنى يېسۇن؛ ئۇ ساڭا «ئەڭ مۇقەددەس» دەپ بىلىنسۇن.
11 Un tas lai tev pieder kā cilājams upuris no viņu dāvanām: no visiem Israēla bērnu līgojamiem upuriem Es to esmu devis tev un taviem dēliem un tavām meitām līdz ar tevi par tiesu mūžīgi; ikkatrs, kas tavā namā šķīsts, lai to ēd.
مۇنۇلارمۇ سېنىڭ بولىدۇ: — ئىسرائ‍ىللارنىڭ سوۋغاتلىرى ئىچىدىن كۆتۈرمە ھەدىيەلەر، بارلىق پۇلاڭلاتما ھەدىيەلەر سېنىڭ؛ مەن ئۇلارنى ساڭا، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم؛ سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ.
12 To visu labāko no eļļas un to visu labāko no vīna un no labības, viņu pirmajus, ko tiem būs Tam Kungam dot, to Es tev esmu devis.
زەيتۇن مېيىدىن ئەڭ ئېسىلىنى، يېڭى شارابتىن ئەڭ ئېسىلىنى، شۇنداقلا ئاشلىقتىن ئەڭ ئېسىلىنى، يەنى ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان دەسلەپكى پىشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا تەقدىم قىلىپ بەردىم.
13 Tiem pirmiem augļiem no visa, kas ir viņu zemē, ko tiem Tam Kungam būs nest, tev būs piederēt; ikkatrs, kas tavā namā šķīsts, lai to ēd.
ئۇلار يەردىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەكەلگەن دەسلەپكى پىشقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن؛ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ.
14 Viss, kas iekš Israēla Dievam nolikts, lai tev pieder.
ئىسرائىلدا خۇداغا مۇتلەق ئاتىلىدىغان ھەربىر نەرسە سېنىڭ بولىدۇ.
15 Viss, kas māti atplēš, no ikvienas miesas, ko Tam Kungam atnesīs, no cilvēkiem un no lopiem, lai tev pieder; bet cilvēku pirmdzimtos pērkot lai izpērk, un nešķīsto lopu pirmdzimtos arī lai izpērk.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرىدىغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ تۇنجىلىرى، مەيلى ئىنسان ياكى ئۇلاغ-چارپاي بولسۇن سېنىڭ بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى بولسا ئۇلارنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن ۋە ناپاك ھايۋانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن.
16 Kas nu tos izpērk, lai tos izpērk vienu mēnesi vecus, pēc tava sprieduma, par pieciem sēķeļiem pēc svētās vietas sēķeļa (viens ir divdesmit ģeras).
تۆلەم تۆلەش كېرەك بولغانلار ئۈچۈن يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقاندا تۆلەم پۇلى تۆلەنسۇن؛ ئۇلارغا سەن توختاتقان باھا بويىچە، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر› باھا قويۇپ، بەش كۈمۈش شەكەل ئال.
17 Bet govs pirmdzimto vai avs pirmdzimto vai kazas pirmdzimto tev nebūs likt izpirkt, tie ir svēti, - viņu asinis tev būs slacīt uz altāri, un viņu taukus tev būs iededzināt par uguns upuri, par saldu smaržu Tam Kungam.
پەقەت تۇنجى كالا، تۇنجى قوي ياكى تۇنجى ئوغلاققا تۆلەم ئالساڭ بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر. سەن ئۇلارنىڭ قېنىنى قۇربانگاھقا چېچىپ، مېيىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرگىن.
18 Un viņu gaļa lai tev pieder, itin kā tās līgojamās krūtis, un tas labais plecs, tā lai viņa tev pieder.
ئۇلارنىڭ گۆشى سېنىڭ بولىدۇ؛ خۇددى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىنغان تۆش ۋە ئوڭ ئارقا پۇتىغا ئوخشاش، ساڭا تەۋە بولىدۇ.
19 Visus svētos cilājamos upurus ko Israēla bērni Tam Kungam pienes, Es esmu devis tev un arī taviem dēliem un tavām meitām līdz ar tevi par tiesu mūžam. Šī lai ir mūžīga sāls derība Tā Kunga priekšā tev un arī tavam dzimumam mūžīgi.
ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە-قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ.
20 Un Tas Kungs sacīja uz Āronu: viņu zemē tev nebūs mantības un viņu starpā tev nebūs daļas; Es esmu tava daļa un tava manta starp Israēla bērniem.
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — [ئىسرائىل] زېمىنىدا سېنىڭ ھېچقانداق مىراسىڭ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق نېسىۋەڭ بولمايدۇ؛ ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا مانا مەن ئۆزۈم سېنىڭ نېسىۋەڭ، سېنىڭ مىراسىڭدۇرمەن.
21 Un redzi, Levja bērniem Es esmu devis visus desmitos iekš Israēla par daļu par viņu kalpošanu, ar ko tie kalpo saiešanas telts kalpošanā.
لاۋىيلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتەيدىغان خىزمەتلىرى، يەنى جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن، مانا مەن ئىسرائىلدا تەقدىم قىلىنغان بارلىق «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنمەن.
22 Un Israēla bērniem vairs nebūs pieiet pie saiešanas telts, ka tie neapgrēkojās un nemirst.
بۇنىڭدىن كېيىن، گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائ‍ىللار جامائەت چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن.
23 Bet Levitiem saiešanas telts kalpošanā būs kalpot, un tiem būs nest viņu noziegumus; tas lai ir likums mūžīgi pie jūsu pēcnākamiem; un starp Israēla bērniem tiem zemes daļas nebūs mantot.
جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ.
24 Jo Israēla bērnu desmitos, ko tie upurē Tam Kungam par cilājamu upuri, Es esmu devis Levitiem par daļu; tādēļ Es uz tiem esmu sacījis: tiem Israēla bērnu vidū zemes daļas nebūs mantot.
چۈنكى ئىسرائ‍ىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى لاۋىيلارغا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان بولدۇم؛ شۇڭا مەن ئۇلار توغرۇلۇق: ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولسا بولمايدۇ، — دېدىم.
25 Un Tas Kungs runāja uz Mozu un sacīja:
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: —
26 Tev uz Levitiem vēl būs runāt un tiem sacīt: kad jūs no Israēla bērniem dabūsiet tos desmitos, ko Es jums esmu devis par daļu no viņiem, tad jums no tiem būs nest cilājamu upuri Tam Kungam, to desmito no tiem desmitiem.
سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىن: «سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ قولىدىن مەن سىلەرگە مىراس بولسۇن دەپ تەقدىم قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى ئالغان ئىكەنسىلەر، سىلەر شۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.
27 Un tas jums taps pielīdzināts par jūsu cilājamo upuri, kā labība no klona un kā pilnība no vīna spaida.
بۇ يول بىلەن سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار سىلەرگە «خاماندىكى ئاشلىقىڭلار»دىن ھەم «شاراب كۆلچىكىدىكى تولۇپ تاشقان شارابىڭلار»دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ.
28 Tā jums arī cilājamu upuri būs upurēt Tam Kungam no visiem saviem desmitiem, ko jūs dabūsiet no Israēla bērniem, un no tiem dot Tā Kunga cilājamo upuri Āronam, tam priesterim.
بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار.
29 No visām savām dāvanām jums būs upurēt visu to cilājamo upuri Tam Kungam, no tā vislabākā to svēto daļu,
سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار».
30 Tev tad uz viņiem būs sacīt: kad jūs to vislabāko no tā upurējat, tad tas Levitiem taps pielīdzināts, tā kā labība no klona vai kā auglis no vīna spaida.
شۇڭا سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر شۇلاردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، بۇ سىلەر لاۋىيلارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقىڭلار ۋە شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىڭلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ.
31 Un ēdat to visās vietās, jūs un jūsu nams, jo tā ir jūsu alga par jūsu kalpošanu saiešanas teltī.
شۇنداق قىلغاندىن كېيىن سىلەر ۋە ئۆيدىكىلىرىڭلار شۇ «ئوندىن بىر ئۈلۈش»لەرنى خالىغان يەردە يېسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛
32 Un jūs par to nenesīsiet nekādu grēku, kad jūs to visu labāko no tā upurēsiet, un Israēla bērnu svētās dāvanas nesagānīsiet un nemirsiet.
سىلەر [شۇ ئۈلۈشلەردىن] ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائ‍ىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر».

< Ceturtā Mozus 18 >