< Ecechiela 14 >

1 Un pie manis atnāca kādi Israēla vecaji un apsēdās manā priekšā.
ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئالدىمدا ئولتۇرۇشتى.
2 Tad Tā Kunga vārds uz mani notika sacīdams:
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
3 Cilvēka bērns, šie vīri savus elkadievus uzņēmuši savā sirdī un to, kas viņus apgrēcina, cēluši priekš savām acīm; vai tad tādiem bija Mani jautāt?
«ئى ئىنسان ئوغلى، مۇشۇ ئادەملەر ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىگە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويغانىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ مېنى ئىزدەپ مەندىن يول سورىشىنى قوبۇل قىلامدىمەن؟
4 Tādēļ runā ar tiem un saki uz tiem: tā saka Tas Kungs Dievs: ikviens no Israēla nama, kas savā sirdī uzņem elkudievus un ceļ priekš savām acīm, kas viņus apgrēcina, un nāk pie pravieša, - tad Es Tas Kungs viņam atbildēšu pēc viņu elkadievu pulka,
ئەمدى ئۇلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل جەمەتىدىكى كۆڭلىدە ئۆز بۇتلىرىنى تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن پەيغەمبەر ئالدىغا كېلىدىغان ھەربىر ئادەمنى بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بويىچە جاۋاب قايتۇرىمەن.
5 Lai Es Israēla namam sirdi aizgrābju, jo tie visi no Manis ir atkāpušies caur saviem elkadieviem.
شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە ئىگىلدۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بارلىق بۇتلىرى بىلەن ماڭا يات بولۇپ كەتتى».
6 Tāpēc saki uz Israēla namu: tā saka Tas Kungs Dievs: atgriežaties un nogriežaties no saviem elkadieviem un nogriežat savu vaigu no visām savām negantībām.
ــ شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «توۋا قىلىڭلار! بۇتلىرىڭلاردىن يېنىپ [يېنىمغا] قايتىپ كېلىڭلار! بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلاردىن يۈزۈڭلارنى ئۆرۈڭلار!
7 Jo ikviens no Israēla nama un no tiem svešiniekiem, kas Israēla starpā dzīvo, kas no Manis atkāpjas un uzņem savus elkadievus savā sirdī un ceļ priekš savām acīm, kas viņus apgrēcina, un nāk pie pravieša caur viņu Mani vaicāt, - Es esmu Tas Kungs, - tam no Manis kļūs atbilde,
چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئۆزلىرىنى مەندىن ئايرىپ، ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىدە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن مەندىن سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان ھەرقايسى ئادەم ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى مۇساپىرلار بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن؛
8 Un Es celšu Savu vaigu pret šo vīru un to likšu par zīmi un sakāmu vārdu un to izdeldēšu no viņa ļaužu vidus, un jūs samanīsiet, ka Es esmu Tas Kungs.
مەن مۇشۇ كىشىنى بىر ئاگاھ بېشارىتى قىلىپ ئۇنى سۆز-چۆچەككە قالدۇرۇشقا يۈزۈمنى ئۇنىڭغا قارشى قىلىمەن؛ مەن خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
9 Kad nu kāds pravietis pievilsies un kaut ko runās, šim pravietim Es, Tas Kungs, atkal likšu pievilties, un izstiepšu Savu roku pret viņu un to izdeldēšu no Savu Israēla ļaužu vidus.
بىراق پەيغەمبەر ئۆزى ئېزىقتۇرۇلۇپ، بىر بېشارەتلىك سۆز قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈم پەرۋەردىگار شۇ پەيغەمبەرنى ئېزىتقۇغا ئۇچراتقانمەن؛ مەن ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى ئۇزارتىپ، ئۇنى خەلقىم ئارىسىدىن ھالاك قىلىمەن.
10 Tā tie nesīs savu noziegumu; kā tā vaicātāja noziegums būs, tāpat būs tā pravieša noziegums,
ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ پەيغەمبەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن سورىغۇچىغا بېرىلىدىغان جازا ئوخشاش بولىدۇ.
11 Lai Israēla nams no Manis vairs nenomaldās un vairs neapgānās ar visiem saviem pārkāpumiem; tad tie Man būs par ļaudīm, un Es tiem būšu par Dievu, saka Tas Kungs, Dievs.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتى يەنە مەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ، ياكى يەنە ئاسىيلىقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».
12 Atkal Tā Kunga vārds uz mani notika sacīdams:
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
13 Cilvēka bērns, kad kāda zeme pret Mani apgrēkojās un no Manis atkāpjas, tad Es izstiepšu Savu roku pret viņu un viņai atņemšu maizes padomu un tai sūtīšu badu un izdeldēšu no tās cilvēkus un lopus.
«ئى ئىنسان ئوغلى، مەلۇم بىر زېمىن ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ گۇناھ قىلغاندا، مەن شۇنىڭ بىلەن قولۇمنى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزارتىپ، ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولغان نېنىنى قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچارچىلىقنى ئەۋەتىمەن ھەم ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ئۇنىڭدىن ئۈزىمەن؛
14 Jebšu šie trīs vīri, Noa, Daniēls un Ījabs būtu viņas vidū, tad tie caur savu taisnību tikai izglābtu savas dvēseles, saka Tas Kungs Dievs.
ئەمدى ئۇ چاغدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ھەققانىيلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلىيالغان بولاتتى ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
15 Un ja Es sūtītu niknus zvērus tai zemē, ka tā paliktu bez ļaudīm un par tuksnesi un to zvēru dēļ neviens tur nestaigātu,
ئەگەر مەن زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆتكۈزسەم، ئۇلار ئۇنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلسا، ھايۋانلار تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولماي، ئۇ ۋەيرانە بولسا،
16 Un šie trīs vīri būtu viņas vidū, - tik tiešām kā Es dzīvoju, saka Tas Kungs Dievs, tie neizglābtu nedz dēlus nedz meitas; tie paši vien izglābtos, bet tā zeme paliktu par tuksnesi.
ئەمدى مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى، زېمىننىڭ ئۆزى ۋەيرانە پېتى قالاتتى.
17 Jeb kad Es zobenu sūtītu pār šo zemi un sacītu: zoben, ej pa to zemi! Un Es no tās izdeldētu cilvēkus un lopus,
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا قىلىچنى چۈشۈرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام،
18 Jebšu tie trīs vīri būtu viņas vidū, tik tiešām kā Es dzīvoju, saka Tas Kungs Dievs, tie neizglābtu nedz dēlus nedz meitas, bet paši vien izglābtos.
ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى ساقلاپ قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى.
19 Jeb kad Es mēri sūtītu šai zemē, un pār to izgāztu savu bardzību ar asinīm, un izdeldētu no tās cilvēkus un lopus,
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرۇپ، ئۆز قەھرىمنى قان تۆكتۈرۇلۈشى بىلەن ئۈستىگە تۆكسەم، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام،
20 Jebšu Noa, Daniēls un Ījabs būtu viņas vidū, tik tiešām kā Es dzīvoju, saka Tas Kungs Dievs, tie neizglābtu nedz dēlus nedz meitas, bet caur savu taisnību tie izglābtu tikai savu dvēseli.
ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغلىنى نە قىزىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ھەققانىيلىقى بىلەن ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى.
21 Bet tā saka Tas Kungs Dievs: jebšu Es pret Jeruzālemi sūtīšu Savas četras sodības, zobenu un badu un niknus zvērus un mēri, un izdeldēšu cilvēkus un lopus no turienes,
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تۆت جازايىمنى، يەنى قىلىچ، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋان ۋە ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرسەم قانداق بولار؟
22 Tomēr redzi, tur atliks kādi izglābti, kas taps izvesti, dēli un meitas; redzi, tie nāks pie jums, un jūs redzēsiet, kā tiem klājās un ko tie dara, un tapsiet iepriecināti pār to ļaunumu, ko Es esmu vedis pār Jeruzālemi ar visu to citu, ko Es pār to esmu vedis.
بىراق مانا، ئۇنىڭدا قېلىپ قالغانلار بولىدۇ، يەنى ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلىپ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ مانا، ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا چىقىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن كۈلپەت، يەنى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تەسەللى ئالىسىلەر؛
23 Tie jūs iepriecinās, kad jūs redzēsiet, kā tiem klājās un ko tie dara, un jūs redzēsiet, ka Es neesmu darījis bez iemesla, ko Es tur esmu darījis, saka Tas Kungs Dievs.
ئەمدى سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە تەسەللى ئېپكېلىدۇ؛ سىلەر مېنىڭ ئۇنىڭدا بارلىق قىلغان ئىشلىرىمنى بىكاردىن-بىكار قىلمىغانلىقىمنى تونۇپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار».

< Ecechiela 14 >