< Corinthios Ii 6 >

1 Adiuvantes autem exhortamur ne in vacuum gratiam Dei recipiatis.
ئەمدى [خۇدانىڭ] ھەمكارلىرى سۈپىتىدە سىلەردىن ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بىكارغا كەتكۈزمەڭلار دەپ ئۆتۈنىمىز
2 Ait enim: Tempore accepto exaudivi te, et in die salutis adiuvi te. Ecce nunc tempus acceptabile, ecce nunc dies salutis.
(چۈنكى ئۇ: «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن» ــ دېدى. مانا، ھازىر بولسا «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان ياخشى پەيت»؛ مانا، ھازىر «نىجات-قۇتۇلۇش كۈنى»دۇر!).
3 nemini dantes ullam offensionem, ut non vituperetur ministerium nostrum:
[رەبنىڭ] خىزمىتىگە داغ كەلتۈرۈلمىسۇن دەپ ھېچقانداق ئىشتا ھېچكىمنىڭ ئىمانىغا توسالغۇلۇق قىلمايمىز؛
4 sed in omnibus exhibeamus nosmetipsos sicut Dei ministros in multa patientia, in tribulationibus, in necessitatibus, in angustiis,
بەلكى ھەربىر ئىشتا ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى سۈپىتىدە نەمۇنە قىلىپ يۈرىمىز؛ زور چىداملىق بىلەن، جەبىر-زۇلۇملاردا، جاپا-مۇشەققەتلەردە، بېسىم-قىستاقلاردا،
5 in plagis, in carceribus, in seditionibus, in laboribus, in vigiliis, in ieiuniis,
قامچا يارىلىرىدا، زىندانلاردا، قوزغىلاڭ-توپىلاڭلار ئىچىدە، ئېغىر مېھنەتلەردە، تۈنەشلەردە، روزا تۇتۇشلاردا،
6 in castitate, in scientia, in longanimitate, in suavitate, in Spiritu sancto, in charitate non ficta,
پاكلىق بىلەن، بىلىملەر بىلەن، سەۋر-تاقەتلىك بىلەن، مېھرىبانلىقلار بىلەن، مۇقەددەس روھ بىلەن، ساختىلىقسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن،
7 in verbo veritatis, in virtute Dei, per arma iustitiae a dextris, et a sinistris,
ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى بىلەن، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن، ھەققانىيلىقنىڭ ئوڭ-سول قوللاردىكى قوراللىرى بىلەن،
8 per gloriam, et ignobilitatem, per infamiam, et bonam famam: ut seductores, et veraces, sicut qui ignoti, et cogniti:
ھەم ئىززەت-شۆھرەتتە ھەم ھاقارەت ئىچىدە، تۆھمەت ھەم تەرىپلىنىشلەر ئىچىدە [ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەكارلىرى سۈپىتىدە نامايان قىلدۇق]؛ يالغانچىلار دەپ قارالغان بولساقمۇ سەمىمىي-سادىق بولۇپ،
9 quasi morientes, et ecce vivimus: ut castigati, et non mortificati:
نامسىز بولدۇق-يۇ، ئەمما مەشھورمىز؛ ئۆلەي دەپ قالدۇق-يۇ، ئەمما مانا، ھاياتتۇرمىز؛ تەربىيىدە جازالاندۇق-يۇ، ئەمما ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنمىدۇق؛
10 quasi tristes, semper autem gaudentes: sicut egentes, multos autem locupletantes: tamquam nihil habentes, et omnia possidentes.
دەرد-ئەلەم تارتتۇق-يۇ، ئەمما دائىم شاد-خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز.
11 Os nostrum patet ad vos, o Corinthii, cor nostrum dilatatum est.
سىلەرگە ئوچۇق-يورۇق سۆزلىدۇق، ئەي كورىنتلىقلار، بىزنىڭ باغرىمىز سىلەرگە كەڭ ئېچىلدى!
12 Non angustiamini in nobis: angustiamini autem in visceribus vestris:
سىلەر بىز تەرەپتىن قىسىلغان ئەمەس، لېكىن ئۆز ئىچ-باغرىڭلارنىڭ تارلىقىدىن قىسىلىسىلەر؛
13 eandem autem habentes remunerationem, tamquam filiis dico: dilatamini et vos.
ئەمدى ئادىل ئالماشتۇرۇشتا بولۇپ ــ (ئۆز پەرزەنتلىرىمگە سۆزلىگەندەك سۆزلەيمەن) ــ باغرىڭلارنى بىزگىمۇ كەڭ ئېچىڭلار.
14 Nolite iugum ducere cum infidelibus. Quae enim participatio iustitiae cum iniquitate? Aut quae societas luci ad tenebras?
ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا چېتىلىپ تەڭسىزلىكتە بولماڭلار؛ چۈنكى ھەققانىيلىق ۋە قەبىھلىك ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇق بىلەن قانداق ھەمراھلىقى بولسۇن؟
15 Quae autem conventio Christi ad Belial? Aut quae pars fideli cum infideli?
مەسىھنىڭ بېلىئال بىلەن نېمە ئىناقلىقى بولسۇن؟ ئىشەنگۈچىنىڭ ئىشەنمىگۈچى بىلەن قانداق ئورتاق نېسىۋىسى بولسۇن؟
16 Quis autem consensus templo Dei cum idolis? Vos enim estis templum Dei vivi, sicut dicit Deus: Quoniam inhabitabo in illis, et inambulabo inter eos, et ero illorum Deus, et ipsi erunt mihi populus.
خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇتلار بىلەن قانداق بىرلىكى بولسۇن؟ چۈنكى سىلەر تىرىك خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر ــ خۇدانىڭ: «مەن ئۇلاردا تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن ۋە ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ» دېگىنىدەك [سىلەر ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇرسىلەر]»؛
17 Propter quod exite de medio eorum, et separamini, dicit Dominus, et immundum ne tetigeritis:
شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار، ماڭا ئايرىلىڭلار»، ــ دەيدۇ رەب، ــ «ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگكۈچى بولماڭلار»، «شۇندىلا مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن»،
18 et ego recipiam vos: et ero vobis in patrem, et vos eritis mihi in filios, et filias, dicit Dominus omnipotens.
ۋە: «مەن سىلەرگە ئاتا بولىمەن، سىلەر ماڭا ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر» ــ دەيدۇ ھەممىگە قادىر بولغان رەب.

< Corinthios Ii 6 >