< Corinthios I 9 >

1 Non sum liber? Non sum Apostolus? Nonne Christum Iesum Dominum nostrum vidi? Nonne opus meum vos estis in Domino?
مەن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن روسۇل ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار مېنىڭ رەبدە بولغان ئەجرىم ئەمەسمۇ؟
2 Et si aliis non sum Apostolus, sed tamen vobis sum: nam signaculum Apostolatus mei vos estis in Domino.
ئەگەر باشقىلارغا نىسبەتەن روسۇل دەپ ھېسابلانمىسام، مەن ھېچ بولمىغاندا سىلەرگە روسۇل بولدۇم؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار رەبدە مېنىڭ روسۇل بولغانلىقىمنى تەستىقلىغان مۆھۈردۇرسىلەر.
3 mea defensio apud eos, qui me interrogant, haec est:
مېنى سۈرۈشتە قىلماقچى بولغانلارغا بولغان جاۋابىم مۇنداق: ــ
4 Numquid non habemus potestatem manducandi, et bibendi?
بىزلەرنىڭ يەپ-ئىچىشكە ھوقۇقىمىز بار ئەمەسمۇ؟
5 Numquid non habemus potestatem mulierem sororem circumducendi sicut et ceteri Apostoli, et fratres Domini, et Cephas?
بىزنىڭ باشقا روسۇللار، رەبنىڭ ئۆز ئىنىلىرى ۋە كېفاسنىڭ قىلغىنىدەك، ئېتىقادچى بىر سىڭىلنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ سەپەردە ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟
6 Aut ego solus, et Barnabas, non habemus potestatem hoc operandi?
ئەجەبا، پەقەت بارناباس بىلەن مېنىڭلا ئەمگەك قىلماسلىققا ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟
7 Quis militat suis stipendiis umquam? Quis plantat vineam, et de fructu eius non edit? Quis pascit gregem, et de lacte gregis non manducat?
كىم خىراجەتنى ئۆزى تۆلەپ [ئەسكەر بولۇپ] جەڭگە چىقىدۇ؟ كىم ئۈزۈمزار بىنا قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېمەيدۇ؟ قايسى پادا باققۇچى پادىنىڭ سۈتىدىن ئىچمەيدۇ؟
8 Numquid secundum hominem haec dico? An et lex haec non dicit?
بۇ دېگەنلىرىم پەقەت ئىنسانىي كۆزقاراش بويىچە ئېيتىلغانمۇ؟ تەۋرات-قانۇننىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەن ئەمەسمۇ؟!
9 Scriptum est enim in lege Moysi: Non alligabis os bovi trituranti. Numquid de bobus cura est Deo?
چۈنكى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇندا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىغا كۆشەك سالما» دەپ پۈتۈلگەندۇر. خۇدا ئۆكۈزلەرگىلا كۆيۈنگەنمۇ،
10 An propter nos utique hoc dicit? Nam propter nos scripta sunt. quoniam debet in spe qui arat, arare: et qui triturat, in spe fructus percipiendi.
ياكى بۇنى پەقەت بىزلەرنى دەپ ئېيتقانمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر بىزلەر ئۈچۈن پۈتۈلگەندۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يەر ھەيدىگۈچى ئۈمىدتە ھەيدىشىگە تېگىشلىك، شۇنداقلا خامان تەپكۈچىمۇ ھوسۇلدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىدە ئىشلەشكە تېگىشلىكتۇر.
11 Si nos vobis spiritualia seminavimus, magnum est si nos carnalia vestra metamus?
بىز سىلەرگە روھىي بەخت-بەرىكەتلەرنى تېرىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتىن يىغىۋالساق بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟
12 Si alii potestatis vestrae participes sunt, quare non potius nos? Sed non usi sumus hac potestate: sed omnia sustinemus, ne quod offendiculum demus Evangelio Christi.
باشقا [خىزمەتچىلەر] سىلەردە مۇشۇ ھوقۇقنى ئىشلەتكەن يەردە، بىز شۇنداق قىلساق تېخىمۇ بولىدىغۇ؟ ئەمما مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ھېچ توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، بىز بۇ ھوقۇقنى ھېچقاچان ئىشلىتىپ باقمىدۇق؛ ئەكسىچە، ھەرقانداق ئىشلارغا چىداپ كېلىۋاتىمىز.
13 Nescitis quoniam qui in sacrario operantur, quae de sacrario sunt, edunt: et qui altaria deserviunt, cum altari participant?
ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئاتالغان ھەدىيەلەردىن يەيدىغانلىقىنى، قۇربانگاھتا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟
14 Ita et Dominus ordinavit iis, qui Evangelium annunciant, de Evangelio vivere.
شۇنىڭغا ئوخشاش، رەب خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچىلارنىڭ جېنى خۇش خەۋەردىن بېقىلسۇن دەپ بېكىتكەندۇر.
15 Ego autem nullo horum usus sum. Non autem scripsi haec ut ita fiant in me: bonum est enim mihi magis mori, quam ut gloriam meam quis evacuet.
ئەمما مەن بولسام بۇ ھوقۇقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. ھەم ھازىرمۇ مۇشۇ ھوقۇقتىن پادىلىناي دەپ مۇشۇلارنى يېزىۋاتقىنىم يوق! چۈنكى مەن باشقىلارنىڭ مېنى بۇ پەخىرلىنىدىغانلىرىمدىن مەھرۇم قىلغىنىدىن كۆرە ئۆلگىنىم تۈزۈك!
16 Nam si evangelizavero, non est mihi gloria: necessitas enim mihi incumbit: vae enim mihi est, si non evangelizavero.
چۈنكى مېنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىشىمدا پەخىرلەنگۈدەك ئىش يوق؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى مېنى بېسىپ تۇرىدۇ؛ خۇش خەۋەرنى جاكارلىمىسام ھالىمغا ۋاي!
17 Si enim volens hoc ago, mercedem habeo: si autem invitus, dispensatio mihi credita est.
چۈنكى ئەگەر ئۇنى خالىس قىلسام، بۇنىڭدىن ماڭا ئىنئام بولىدۇ؛ ئەمما ئۆز ئىختىيارىم بىلەن بولمىسا، بۇ پەقەت مېنىڭ غوجىدارلىق بۇرچىنى ئادا قىلغىنىم بولىدۇ، خالاس.
18 Quae est ergo merces mea? Ut Evangelium praedicans, sine sumptu ponam Evangelium, ut non abutar potestate mea in Evangelio.
شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ ئىنئامىم زادى نېمە بولىدۇ؟ مېنىڭ ئىنئامىم دەل شۇكى، خۇش خەۋەر جاكارلىغىنىمدا مەن خۇش خەۋەرگە كىشىلەرنى ھەقسىز ئېرىشتۈرىمەن ــ دېمەك، ئىنئامىم خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىكى تېگىشلىق [ھەق ئېلىش] ھوقۇقلىرىمنى ھېچ ئىشلەتمەسلىكىمدىن ئىبارەتتۇر.
19 Nam cum liber essem ex omnibus, omnium me servum feci, ut plures lucrifacerem.
چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىلكىدىن ئەركىن بولۇپ، ئۆزۈمنى كۆپچىلىككە قۇل قىلدىم؛ شۇ يول بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ئادەملەرنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزسام دەيمەن.
20 Et factus sum Iudaeis tamquam Iudaeus, ut Iudaeos lucrarer.
يەھۇدىيلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن يەھۇدىيغا ئوخشاش بولدۇم؛ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن (تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغان بولمىساممۇ) تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانلارغا نىسبەتەن تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرغانغا ئوخشاش بولدۇم؛
21 iis qui sub lege sunt, quasi sub lege essem (cum ipse non essem sub lege) ut eos, qui sub lege erant, lucrifacerem. iis, qui sine lege erant, tamquam sine lege essem (cum sine lege Dei non essem: sed in lege essem Christi) ut lucrifacerem eos, qui sine lege erant.
تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا نىسبەتەن (خۇدا ئالدىدا قانۇنسىز بولماي، بەلكى مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشۇم بىلەن) مەن تەۋرات قانۇنىدا بولمىغانلارغا ئوخشاش بولدۇم؛
22 Factus sum infirmis infirmus, ut infirmos lucrifacerem. Omnibus omnia factus sum, ut omnes facerem salvos.
ئاجىزلارنى قايىل قىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاجىزلارغا ئۆزۈم ئاجىزدەك بولدۇم؛ مۇمكىن قەدەر كۆپرەك ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مەن ھەرقانداق ئادەمگە قارىتا شۇنداق ئادەم بولدۇم.
23 Omnia autem facio propter Evangelium: ut particeps eius efficiar.
ئۆزۈمنىڭ خۇش خەۋەردىن نېسىۋەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى دەپ ھەممە ئىشنى قىلىمەن.
24 Nescitis quod ii, qui in stadio currunt, omnes quidem currunt, sed unus accipit bravium? Sic currite ut comprehendatis.
بەيگىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرىشىدۇ، ئەمما پەقەت بىرىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىنى بىلمەمسىلەر؟ غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن يۈگۈرۈڭلار.
25 Omnis autem, qui in agone contendit, ab omnibus se abstinet, et illi quidem ut corruptibilem coronam accipiant: nos autem incorruptam.
مۇسابىقىدە ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەيدۇ؛ ئۇلار پەقەت بىر چىرىپ كېتىدىغان تاجغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما بىز بولساق چىرىماس تاج ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز.
26 Ego igitur sic curro, non quasi in incertum: sic pugno, non quasi aerem verberans:
شۇڭا مەن نىشانسىز ئادەمدەك يۈگۈرۈۋاتمايمەن؛ مۇشت ئاتسام ھاۋاغا ئاتىدىغان ئادەمدەك بولمايمەن.
27 sed castigo corpus meum, et in servitutem redigo: ne forte cum aliis praedicaverim, ipse reprobus efficiar.
ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئۆز تېنىمنى ئۇرۇپ ئۆزۈمگە كۆندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن؛ ئۇنداق قىلمىغاندا، باشقىلارغا تەلىم جاكارلاپ تۇرۇپ ئۆزۈم لاياقەتلىك بولماي قېلىشىم مۇمكىن.

< Corinthios I 9 >