< Lucam 7 >

1 Cum autem implesset omnia verba sua in aures plebis, intravit Capharnaum.
ئەيسا كۆپچىلىككە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە [قايتا] كىردى.
2 Centurionis autem cuiusdam servus male habens, erat moriturus: qui illi erat pretiosus.
ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى.
3 Et cum audisset de Iesu, misit ad eum seniores Iudæorum, rogans eum ut veniret, et salvaret servum eius.
يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى.
4 At illi cum venissent ad Iesum, rogabant eum solicite, dicentes ei: Quia dignus est ut hoc illi præstes.
ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىشنى تىلىگۈچى بولسا، تىلىكىنى ئىجابەت قىلىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئادەم.
5 diligit enim gentem nostram: et synagogam ipse ædificavit nobis.
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ [يەھۇدىي] ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، ــ دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى.
6 Iesus autem ibat cum illis. Et cum iam non longe esset a domo, misit ad eum Centurio amicos, dicens: Domine noli vexari: Non enim sum dignus ut sub tectum meum intres.
ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى: ــ «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن.
7 propter quod et meipsum non sum dignum arbitratus ut venirem ad te: sed dic verbo, et sanabitur puer meus.
شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ.
8 nam et ego homo sum sub potestate constitutus, habens sub me milites: et dico huic vade, et vadit: et alii veni, et venit: et servo meo, fac hoc, et facit.
چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ».
9 Quo audito Iesus miratus est: et conversus sequentibus se turbis, dixit: Amen dico vobis, nec in Israel tantam fidem inveni.
ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ [يۈزبېشىغا] تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا: دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! ــ دېدى.
10 Et reversi, qui missi fuerant domum, invenerunt servum, qui languerat, sanum.
يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى.
11 Et factum est: deinceps ibat in civitatem, quæ vocatur Naim: et ibant cum eo discipuli eius, et turba copiosa.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
12 Cum autem appropinquaret portæ civitatis, ecce defunctus efferebatur filius unicus matris suæ: et hæc vidua erat: et turba civitatis multa cum illa.
ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى.
13 Quam cum vidisset Dominus, misericordia motus super eam, dixit illi: Noli flere.
رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى.
14 Et accessit, et tetigit loculum. (Hi autem, qui portabant, steterunt) Et ait: Adolescens, tibi dico, surge.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ: ــ يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! ــ دېدى.
15 Et resedit qui erat mortuus, et cœpit loqui. Et dedit illum matri suæ.
ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. [ئەيسا] ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
16 Accepit autem omnes timor: et magnificabant Deum, dicentes: Quia propheta magnus surrexit in nobis: et quia Deus visitavit plebem suam.
ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ: ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى.
17 Et exiit hic sermo in universam Iudæam de eo, et in omnem circa regionem.
ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.
18 Et nunciaverunt Ioanni discipuli eius de omnibus his.
يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ،
19 Et convocavit duos de discipulis suis Ioannes, et misit ad Iesum, dicens: Tu es qui venturus es, an alium expectamus?
ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.
20 Cum autem venissent ad eum viri, dixerunt: Ioannes Baptista misit nos ad te dicens: Tu es, qui venturus es, an alium expectamus?
ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سەندىن: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە يېنىڭغا ئەۋەتتى ــ دېدى.
21 (in ipsa autem hora multos curavit a languoribus, et plagis, et spiritibus malis, et cæcis multis donavit visum.)
دەل شۇ ۋاقىتتا [ئەيسا] ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى.
22 Et respondens, dixit illis: Euntes renunciate Ioanni quæ audistis, et vidistis: Quia cæci vident, claudi ambulant, leprosi mundantur, surdi audiunt, mortui resurgunt, pauperes evangelizantur:
شۇنىڭ بىلەن ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا]: ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار.
23 et beatus est quicumque non fuerit scandalizatus in me.
[ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.
24 Et cum discessissent nuncii Ioannis, cœpit de Ioanne dicere ad turbas: Quid existis in desertum videre? arundinem vento agitatam?
يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ: ــ «سىلەر [بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ] چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟
25 Sed quid existis videre? hominem mollibus vestibus indutum? Ecce qui in veste pretiosa sunt et deliciis, in domibus regum sunt.
ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ!
26 Sed quid existis videre? prophetam? Utique dico vobis, et plusquam Prophetam:
ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر.
27 hic est, de quo scriptum est: Ecce mitto angelum meum ante faciem tuam, qui præparabit viam tuam ante te.
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ يېزىلغان سۆز مانا دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغاندۇر.
28 Dico enim vobis: Maior inter natos mulierum propheta Ioanne Baptista nemo est. qui autem minor est in regno Dei, maior est illo.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ
29 Et omnis populus audiens et publicani, iustificaverunt Deum, baptizati baptismo Ioannis.
(ئەمدى [يەھيانى] ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى.
30 Pharisæi autem, et legis periti consilium Dei spreverunt in semetipsos, non baptizati ab eo.
لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى).
31 Ait autem Dominus: Cui ergo similes dicam homines generationis huius? et cui similes sunt?
لېكىن بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟
32 Similes sunt pueris sedentibus in foro, et loquentibus adinvicem, et dicentibus: Cantavimus vobis tibiis, et non saltastis: lamentavimus, et non plorastis.
ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ [قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز] بالىلارغا ئوخشايدۇ.
33 Venit enim Ioannes Baptista, neque manducans panem, neque bibens vinum, et dicitis: Dæmonium habet.
چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر.
34 Venit Filius hominis manducans, et bibens, et dicitis: Ecce homo devorator, et bibens vinum, amicus publicanorum, et peccatorum.
ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر: «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر.
35 Et iustificata est sapientia ab omnibus filiis suis.
لېكىن دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ».
36 Rogabat autem illum quidam de Pharisæis ut manducaret cum illo. Et ingressus domum Pharisæi discubuit.
پەرىسىيلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆيۈمدە مېھمان بولسىڭىز دەپ ئۆتۈندى. ئەمدى ئۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كىرىپ داستىخاندا ئولتۇردى.
37 Et ecce mulier, quæ erat in civitate peccatrix, ut cognovit quod accubuisset in domo Pharisæi, attulit alabastrum unguenti:
ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى.
38 et stans retro secus pedes eius, lacrymis cœpit rigare pedes eius, et capillis capitis sui tergebat, et osculabatur pedes eius, et unguento ungebat.
ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى.
39 Videns autem Pharisæus, qui vocaverat eum, ait intra se dicens: Hic si esset propheta, sciret utique, quæ, et qualis est mulier, quæ tangit eum: quia peccatrix est.
ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى.
40 Et respondens Iesus, dixit ad illum: Simon, habeo tibi aliquid dicere. At ille ait: Magister, dic.
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: سىمون، ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار، ــ دېدى. ــ ئېيتىڭ، ئۇستاز، ــ دېدى سىمون.
41 Duo debitores erant cuidam fœneratori: unus debebat denarios quingentos, et alius quinquaginta.
ــ ئىككى ئادەم مەلۇم بىر قەرز ئىگىسىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش دىنارغا، يەنە بىرى بولسا ئەللىك كۈمۈش دىنارغا قەرزدار ئىكەن.
42 Non habentibus illis unde redderent, donavit utrisque. Quis ergo eum plus diligit?
لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرغىلى ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۇنى بەكرەك سۆيىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئەيسا.
43 Respondens Simon dixit: Æstimo quia is, cui plus donavit. At ille dixit ei: Recte iudicasti.
سىمون جاۋابەن: ــ مېنىڭچە، [قەرزى] كۆپرەك كەچۈرۈم قىلىنغان كىشى، ــ دېدى. ــ توغرا ھۆكۈم قىلدىڭ، ــ دېدى ئەيسا.
44 Et conversus ad mulierem, dixit Simoni: Vides hanc mulierem? Intravi in domum tuam, aquam pedibus meis non dedisti: hæc autem lacrymis rigavit pedes meos, et capillis suis tersit.
ئاندىن ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلۇپ، سىمونغا: ــ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ مەن ئۆيۈڭگە كىرگىنىم بىلەن، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ؛ لېكىن ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى ۋە چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى.
45 Osculum mihi non dedisti: hæc autem ex quo intravit, non cessavit osculari pedes meos.
سەن مېنى سالام بېرىپ سۆيمىدىڭ؛ لېكىن ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشتىن توختىمىدى.
46 Oleo caput meum non unxisti: hæc autem unguento unxit pedes meos.
سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى.
47 Propter quod dico tibi: Remittuntur ei peccata multa, quoniam dilexit multum. Cui autem minus dimittitur, minus diligit.
شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ــ دېدى.
48 Dixit autem ad illam: Remittuntur tibi peccata.
ئاندىن ئۇ ئايالغا: ــ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.
49 Et cœperunt qui simul accumbebant, dicere intra se: Quis est hic, qui etiam peccata dimittit?
ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلار كۆڭلىدە: «كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغۇچى بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى.
50 Dixit autem ad mulierem: Fides tua te salvam fecit: vade in pace.
ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: ــ ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى؛ ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن قايتقىن! ــ دېدى.

< Lucam 7 >