نوێژێکی داود. ئەی یەزدان، گوێ ڕادێرە و بەدەنگمەوە وەرە، من هەژار و نەدارم. | 1 |
داۋۇتنىڭ دۇئاسى: قۇلىقىڭنى مەن تەرەپكە تۇتقىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئېزىلگەن ۋە ھاجەتمەندۇرمەن. |
ژیانم بپارێزە، چونکە من خۆشەویستی تۆم، تۆ خودای منیت، خزمەتکارەکەی خۆت ڕزگار بکە، ئەوەی پشتی پێت بەستووە. | 2 |
جېنىمنى ساقلىغايسەن، چۈنكى مەن ساڭا مۆمىندۇرمەن؛ ئى سەن خۇدايىم، ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى قۇتقۇزغايسەن؛ |
ئەی پەروەردگار، لەگەڵم میهرەبان بە، بە درێژایی ڕۆژ هاوار بۆ تۆ دەکەم. | 3 |
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ئى رەب، چۈنكى مەن كۈن بويى ساڭا نىدا قىلىمەن. |
گیانی خزمەتکاری خۆت شاد بکە، ئەی پەروەردگار، چونکە گیانی خۆم بۆ تۆ بەرز دەکەمەوە. | 4 |
قۇلۇڭنىڭ جېنىنى شاد قىلغىن، چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ |
ئەی پەروەردگار، تۆ چاک و لێبوردەیت، پڕیت لە خۆشەویستی نەگۆڕ بۆ ئەوانەی هاوارت بۆ دەهێنن. | 5 |
چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن! |
ئەی یەزدان، گوێ لە نوێژم بگرە، گوێ لە پاڕانەوەم بگرە. | 6 |
مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛ |
لە ڕۆژی تەنگانەدا هاوار بۆ تۆ دەهێنم، چونکە بە هاوارمەوە دێیت. | 7 |
بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن. |
ئەی پەروەردگار، کوا هاوشێوەی تۆ لەنێو خوداوەندەکان؟ کوا هاوشێوەی کردەوەکانت؟ | 8 |
ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر. |
ئەی پەروەردگار، هەموو ئەو نەتەوانەی دروستت کردوون، دێن و لەبەردەم تۆدا کڕنۆش دەبەن و ناوت شکۆدار دەکەن، | 9 |
سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ. |
چونکە تۆ مەزنیت و کاری سەرسوڕهێنەری گەورەت کردووە، هەر تەنها تۆ خودایت. | 10 |
چۈنكى سەن ناھايىتى بۈيۈكسەن، مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن خۇدادۇرسەن، يالغۇز سەنلا. |
ئەی یەزدان، ڕێگای خۆتم فێر بکە، بۆ ئەوەی بە ڕاستی تۆ بڕۆم، دڵم یەکبخە بۆ ترسی ناوەکەت. | 11 |
ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، ۋە سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرىمەن؛ نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن. |
ئەی خودای پەروەردگارم، بە هەموو دڵەوە ستایشت دەکەم، هەتاهەتایە ناوت شکۆدار دەکەم، | 12 |
يا رەببىم خۇدا، پۈتۈن قەلبىم بىلەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئەبەدىلئەبەد نامىڭنى ئۇلۇغلايمەن. |
چونکە خۆشەویستییە نەگۆڕەکەت گەورەیە بۆ من، گیانی منت لە جیهانی مردووانی ژێرەوە دەرباز کرد. (Sheol h7585) | 13 |
چۈنكى ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ زوردۇر، سەن تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن جېنىمنى قۇتقۇزىسەن؛ (Sheol h7585) |
ئەی خودایە، لووتبەرزەکان لێم هەستاون، تاقمە زۆردارەکان دەیانەوێت لەناوم ببەن، تۆ لەبەرچاو ناگرن. | 14 |
ئى خۇدا، تەكەببۇرلار ماڭا قارشى كۆتۈرۈلدى، ئەشەددىيلەرنىڭ جامائىتى جېنىمنى ئىزدىمەكتە، ئۇلار سېنى نەزىرىگە ئالمەيدۇ! |
بەڵام ئەی پەروەردگار، تۆ خودایەکی میهرەبان و بەزەییداریت، پشوودرێژیت و پڕیت لە خۆشەویستی نەگۆڕ و دڵسۆزیی. | 15 |
ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ. |
ئاوڕم لێ بدەوە و لەگەڵم میهرەبان بە، هێزی خۆت بە خزمەتکارەکەت ببەخشە و کوڕی کارەکەرەکەت ڕزگار بکە. | 16 |
مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭغا كۈچۈڭنى بەرگەيسەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغايسەن! |
نیشانەی چاکەی خۆتم لەگەڵ بکە، بۆ ئەوەی ناحەزانم ببینن و شەرمەزار بن، ئەی یەزدان، چونکە تۆ یارمەتیت داوم و دڵنەواییت کردووم. | 17 |
ماڭا ئۆچمەنلەرنىڭ ئۇنى كۆرۈپ خىجىل بولۇشى ئۈچۈن، ئىلتىپاتىڭنى كۆرسىتىدىغان بىر ئالامەتنى ماڭا كۆرسەتكىن؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار، ماڭا ياردەم قىلدىڭ، ماڭا تەسەللى بېرىپ كەلگەنسەن. |