< 레위기 3 >

1 사람이 만일 화목제의 희생을 예물로 드리되 소로 드리려거든 수컷이나 암컷이나 흠 없는 것으로 여호와 앞에 드릴지니
بىرسىنىڭ سۇنىدىغىنى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولسا، شۇنداقلا كالىلاردىن سۇنسا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن.
2 그 예물의 머리에 안수하고 회막 문에서 잡을 것이요, 아론의 자손 제사장들은 그 피를 제단 사면에 뿌릴 것이며
ئۇ سۇنىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.
3 그는 또 그 화목제의 희생중에서 여호와께 화제를 드릴지니 곧 내장에 덮인 기름과, 내장에 붙은 모든 기름과,
سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ
4 두 콩팥과, 그 위의 기름 곧 허리 근방에 있는 것과, 간에 덮인 꺼풀을 콩팥과 함께 취할 것이요
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن.
5 아론의 자손은 그것을 단 윗불 위에 있는 나무 위 번제물 위에 사를지니 이는 화제라 여호와께 향기로운 냄새니라
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى بولسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كەلتۈرۈپ ئوت ئۈستىگە قويۇلغان ئوتۇننىڭ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ.
6 만일 여호와께 예물로 드리는 화목제의 희생이 양이면 수컷이나 암컷이나 흠 없는 것으로 드릴지며
بىرسىنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنىدىغىنى ئۇششاق مالدىن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن.
7 만일 예물로 드리는 것이 어린 양이면 그것을 여호와 앞으로 끌어다가
ئەگەر ئۇنىڭ قۇربانلىقى قوي بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ،
8 그 예물의 머리에 안수하고 회막 앞에서 잡을 것이요, 아론의 자손은 그 피를 단 사면에 뿌릴 것이며
قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.
9 그는 그 화목제의 희생 중에서 여호와께 화제를 드릴지니 그 기름 곧 미려골에서 벤바 기름진 꼬리와, 내장에 덮힌 기름과, 내장에 붙은 모든 기름과,
سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى، يەنى ئۇنىڭ مېيىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، ــ پۈتۈن مايلىق قۇيرۇقىنى ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىغا يېقىن يەردىن ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ،
10 두 콩팥과, 그 위의 기름 곧 허리 근방에 있는 것과, 간에 덮인 꺼풀을 콩팥과 함께 취할 것이요
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن.
11 제사장은 그것을 단 위에 불사를지니 이는 화제로 여호와께 드리는 식물이니라
كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
12 만일 예물이 염소면 그것을 여호와 앞으로 끌어다가
ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى ئۆچكە بولسا، بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرسۇن.
13 그 머리에 안수하고 회막 앞에서 잡을 것이요, 아론의 자손은 그 피를 단 사면에 뿌릴 것이며
ئۇ قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.
14 그는 그 중에서 예물을 취하여 여호와께 화제를 드릴지니 곧 내장에 덮인 기름과, 내장에 붙은 모든 기름과,
ئاندىن سۇنغۇچى كىشى بۇ قۇربانلىقتىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ،
15 두 콩팥과, 그 위의 기름 곧 허리 근방에 있는 것과, 간에 덮인 꺼풀을 콩팥과 함께 취할 것이요
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن.
16 제사장은 그것을 단 위에 불사를지니 이는 화제로 드리는 식물이요, 향기로운 냄새라 모든 기름은 여호와의 것이니라
كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ماينىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر.
17 너희는 기름과 피를 먹지 말라! 이는 너희 모든 처소에서 대대로 영원한 규례니라!
بۇ ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا سىلەرگە ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ھېچقانداق ماي ياكى قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك.

< 레위기 3 >