< ゼカリヤ書 14 >

1 視よヱホバの日來る汝の貨財奪はれて汝の中にて分たるべし
مانا، پەرۋەردىگارغا خاس كۈن كېلىدۇ؛ [ئۇ كۈنى] ئاراڭدىن مال-مۈلكۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ بۆلۈشۈۋېلىنىدۇ.
2 我萬國の民を集めてヱルサレムを攻撃しめん邑は取られ家は掠められ婦女は犯され邑の人は半は擄へられてゆかん然どその餘の民は邑より絶れじ
مەن بارلىق ئەللەرنى يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا يىغىمەن؛ شەھەر ئىشغال قىلىنىدۇ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، قىز-ئاياللار ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ؛ شەھەرنىڭ يېرىمى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن قىلىنىدۇ؛ تىرىك قالغان خەلق شەھەردىن ئېلىپ كېتىلمەيدۇ.
3 その時ヱホバ出きたりて其等の國人を攻撃たまはん在昔その軍陣の日に戰ひたまひしごとくなるべし
ئاندىن پەرۋەردىگار چىقىپ شۇ ئەللەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ جەڭ قىلغان كۈنىدىكىدەك ئۇرۇشىدۇ.
4 其日にはヱルサレムの前に當りて東にあるところの橄欖山の上に彼の足立ん而して橄欖山その眞中より西東に裂て甚だ大なる谷を成しその山の半は北に半は南に移るべし
ئۇنىڭ پۇتلىرى شۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان زەيتۇن تېغىدا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زەيتۇن تېغى ئوتتۇرىدىن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە يېرىلىدۇ؛ زور يوغان بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ؛ تاغنىڭ يېرىمى شىمال تەرەپكە، يېرىمى جەنۇب تەرەپكە يۆتكىلىدۇ.
5 汝らは我山の谷に逃いらん其山の谷はアザルにまで及ぶべし汝らはユダの王ウジヤの世に地震を避て逃しごとくに逃ん我神ヱホバ來りたまはん諸の聖者なんぢとともなるべし
ۋە سىلەر مېنىڭ تاغلىرىمنىڭ دەل مۇشۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر؛ چۈنكى تاغلارنىڭ جىلغىسى ئازەلگىچە بارىدۇ؛ سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ئۇززىيانىڭ كۈنلىرىدە بولغان يەر تەۋرەشتە قاچقىنىڭلاردەك قاچىسىلەر. ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ؛ ھەمدە سەن بىلەن بارلىق «مۇقەددەس بولغۇچىلار»مۇ كېلىدۇ!
6 その日には光明なかるべく輝く者消うすべし
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، نۇر توختاپ قالىدۇ؛ پارلاق يۇلتۇزلارمۇ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ؛
7 茲に只一の日あるべしヱホバこれを知たまふ是は晝にもあらず夜にもあらず夕暮の頃に明くなるべし
بىراق ئۇ پەرۋەردىگارغا مەلۇم بولغان ئالاھىدە بىر كۈن، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ؛ شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، كەچ كىرگەندە، ئالەم يورۇتۇلىدۇ.
8 その日に活る水ヱルサレムより出でその半は東の海にその半は西の海に流れん夏も冬も然あるべし
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ھاياتلىق سۇلىرى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ؛ يازدا ۋە قىشتا شۇنداق بولىدۇ.
9 ヱホバ全地の王となりたまはん其日には只ヱホバのみ只その御名のみにならん
پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدە پادىشاھ بولىدۇ؛ شۇ كۈنى پەقەت بىر «پەرۋەردىگار» بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] بىردىنبىر ئۇنىڭلا نامى بولىدۇ.
10 全地はアラバのごとくなりてゲバよりヱルサレムの南のリンモンまでの間のごとくなるべし而してヱルサレムは高くなりてその故の處に立ちベニヤミンの門より第一の門の處に及び隅の門にいたりハナニエルの戍樓より王の酒榨倉までに渉るべし
گېبادىن يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان پۈتۈن زېمىن «ئاراباھ»دەك تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ؛ يېرۇسالېم بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دىن «بىرىنچى دەرۋازا»غىچە ۋە يەنە «بۇرجەك دەرۋازىسى»غىچە، «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، لېكىن شەھەر يەنىلا ئۆز جايىدا شۇ پېتى تۇرىدۇ؛
11 その中には人住ん重て呪詛あらじヱルサレムは安然に立べし
ئادەملەر يەنە ئۇنىڭدا تۇرىدۇ. «ھالاك پەرمانى» يەنە ھېچ چۈشۈرۈلمەيدۇ؛ يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ.
12 ヱルサレムを攻撃し諸の民にヱホバ災禍を降してこれを撃なやましたまふこと是のごとくなるべし即ち彼らその足にて立をる中に肉腐れ目その孔の中にて腐れ舌その口の中にて腐れん
ۋە پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا جەڭ قىلغان بارلىق ئەللەرنى ئۇرۇشقا ئىشلەتكەن ۋابا شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئۆرە بولسىلا گۆشلىرى چىرىپ كېتىدۇ؛ كۆزلىرى چاناقلىرىدا چىرىپ كېتىدۇ؛ تىللىرى ئاغزىدا چىرىپ كېتىدۇ.
13 その日にはヱホバかれらをして大に狼狽しめたまはん彼らは各人の手を執へん此手と彼手撃あふべし
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەرۋەردىگاردىن زور بىر ئالاقزادىلىك چۈشىدۇ؛ ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىنى تۇتۇشىدۇ، ھەربىرىنىڭ قولى يېقىنىنىڭ قولىغا قارشى كۆتۈرۈلىدۇ.
14 ユダもまたヱルサレムに於て戰ふべしその四周の一切の國人の財寳金銀衣服など甚だ多く聚められん
يەھۇدامۇ يېرۇسالېمدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى جەم قىلىپ يىغىلىدۇ ــ سان-ساناقسىز ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەر بولىدۇ.
15 また馬騾駱駝驢馬およびその諸營の一切の家畜の蒙る災禍もこの災禍のごとくなるべし
ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارگاھلىرىدا بولغان بارلىق مال-ۋارانلار ئۈستىگە چۈشكەن ۋابا يۇقىرىقى ۋاباغا ئوخشاش بولىدۇ.
16 ヱルサレムに攻きたりし諸の國人の遺れる者はみな歳々に上りきてその王なる萬軍のヱホバを拜み結茅の節を守るにいたるべし
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن ھەممە ئەللەردىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھەر يىلى يېرۇسالېمغا، پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقىدۇ.
17 地上の諸族の中その王なる萬軍のヱホバを拜みにヱルサレムに上らざる者の上には凡て雨ふらざるべし
شۇنداق بولىدۇكى، يەر يۈزىدىكى قوۋم-جەمەتلەردىن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەتكە چىقمىغانلار بولسا، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغمايدۇ.
18 例ばエジプトの族もし上り來らざる時はその上に雨ふらじヱホバその結茅の節を守りに上らざる一切の國人を撃なやます災禍を之に降したまふべし
مىسىر جەمەتى چىقىپ ھازىر بولمىسا، ئۇلارغىمۇ يامغۇر بولمايدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان ۋابا ئۇلارغىمۇ چۈشۈرۈلىدۇ.
19 エジプトの罪凡て結茅の節を守りに上り來らざる國人の罪是のごとくなるべし
بۇ مىسىرنىڭ جازاسى، شۇنداقلا «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقمايدىغان بارلىق ئەللەرنىڭ جازاسى بولىدۇ.
20 その日には馬の鈴にまでヱホバに聖としるさん又ヱホバの家の鍋は壇の前の鉢と等しかるべし
شۇ كۈنى ئاتلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولسۇن!» دەپ يېزىلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ قۇربانگاھ ئالدىدىكى قاچىلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ؛
21 ヱルサレムおよびユダの鍋は都て萬軍のヱホバの聖物となるべし凡そ犠牲を獻ぐる者は來りてこれを取り其中にて祭肉を煮ん其日には萬軍のヱホバの室に最早カナン人あらざるべし
يېرۇسالېمدىكى ۋە يەھۇدادىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ قۇربانلىق قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى پىشۇرىدۇ؛ شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ.

< ゼカリヤ書 14 >