< 詩篇 59 >

1 聖歌隊の指揮者によって、「滅ぼすな」というしらべにあわせてうたわせたダビデのミクタムの歌。これはサウルがダビデを殺そうとして人をつかわし、その家をうかがわせたときダビデのよんだもの わが神よ、どうかわたしをわが敵から助け出し、わたしに逆らって起りたつ者からお守りください。
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى؛ (بۇ [كۈي] سائۇل پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆيىنى كۆزلەشكە پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدايىم، دۈشمەنلىرىمنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن مېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغايسەن.
2 悪を行う者からわたしを助け出し、血を流す人からわたしをお救いください。
مېنى يامانلىق قىلغۇچىلار چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن، قانخور ئادەملەردىن مېنى قۇتقۇزغايسەن.
3 見よ、彼らはひそみかくれて、わたしの命をうかがい、力ある人々が共に集まってわたしを攻めます。主よ、わたしにとがも罪もなく、
چۈنكى مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا، زوراۋانلار ماڭا قارشى توپ بولۇشۇپ قەستلەشمەكتە؛ بۇ [قىلغىنى] مەندە بولغان بىرەر ئاسىيلىق ئۈچۈن ئەمەس، ياكى گۇناھىم ئۈچۈن ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار؛
4 わたしにあやまちもないのに、彼らは走りまわって備えをします。わたしを助けるために目をさまして、ごらんください。
مەندە ھېچ سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، ئۇلار يۈگۈرۈپ ماڭا قارشى سەپ سالىدۇ؛ مېنىڭ ياردىمىمگە كېلىشكە ئويغان، [ھالىمنى] نەزىرىڭگە ئالغايسەن.
5 万軍の神、主よ、あなたはイスラエルの神です。目をさまして、もろもろの国民を罰し、悪をたくらむ者どもに、あわれみを施さないでください。 (セラ)
ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، بارلىق ئەل-يۇرتلارنى سوتلاپ-جازالاشقا ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ قەستلەشنى نىيەت قىلغۈچىلارنىڭ ھېچقايسىسىغا رەھىم قىلمىغايسەن. سېلاھ.
6 彼らは夕ごとに帰ってきて、犬のようにほえて町をあさりまわる。
ئۇلار كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرمەكتە.
7 見よ、彼らはその口をもってほえ叫び、そのくちびるをもってうなり、「だれが聞くものか」と言う。
قارا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيلىرىنى! لەۋلىرىدىن قىلىچلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار: «كىم ئاڭلىيالايدۇ؟» ــ دەيدۇ.
8 しかし、主よ、あなたは彼らを笑い、もろもろの国民をあざけり笑われる。
لېكىن سەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىسەن؛ بارلىق ئەللەرنى مازاق قىلىسەن!
9 わが力よ、わたしはあなたにむかってほめ歌います。神よ、あなたはわたしの高きやぐらです。
ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر.
10 わが神はそのいつくしみをもってわたしを迎えられる。わが神はわたしに敵の敗北を見させられる。
ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا مېنىڭ ئالدىمدا ماڭىدۇ؛ خۇدا ماڭا دۈشمەنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
11 どうぞ、わが民の忘れることのないために、彼らを殺さないでください。主、われらの盾よ、み力をもって彼らをよろめかせ、彼らを倒れさせないでください。
بىراق، [ئى خۇدا]، بۇلارنى قەتل قىلماي تۇرغاي؛ بولمىسا مېنىڭ خەلقىم سېنى ئۇنتۇيدۇ. ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلارنى سەرسان قىلغايسەن، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېغىرلاشتۇرغايسەن؛ ئى رەب، بىزنىڭ قالقىنىمىز!
12 彼らの口の罪、そのくちびるの言葉のために彼らをその高ぶりに捕われさせてください。彼らが語るのろいと偽りのために
ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ بۇزۇقلۇقى تۈپەيلىدىن، لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قارغاشلار ھەم ئالدامچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۆز تەكەببۇرلۇقى ئىچىدە تۇزاققا چۈشكەي!
13 憤りをもって彼らを滅ぼし、もはやながらえることのないまでに、彼らを滅ぼしてください。そうすれば地のはてまで、人々は神がヤコブを治められることを知るに至るでしょう。 (セラ)
غەزىپىڭ بىلەن بۇ ئىشلارغا خاتىمە بەرگەيسەن، خاتىمە بەرگەيسەن! شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزنىنىڭ چەت-چەتلىرىگىچە خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ياقۇپقا ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغانلىقى ئايان بولغاي! سېلاھ.
14 彼らは夕ごとに帰ってきて、犬のようにほえて町をあさりまわる。
دەرۋەقە، ئۇلار ھازىرغىچە كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ-غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرىدۇ.
15 彼らは食い物のためにあるきまわり、飽くことを得なければ怒りうなる。
ئىتلاردەك ئۇلار ئوزۇق ئىزدەپ ھەر يەردە قاترايدۇ؛ قارنى تويمىغۇچە ھۇۋلاپ يۈرمەكتە؛
16 しかし、わたしはあなたのみ力をうたい、朝には声をあげてみいつくしみを歌います。あなたはわたしの悩みの日にわが高きやぐらとなり、わたしの避け所となられたからです。
لېكىن مەن بولسام قۇدرىتىڭنى كۈيلەيمەن، بەرھەق، سەھەرلەردە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىمەن؛ چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن يۇقىرى قورغان، ئېغىر كۈنلىرىمدە پاناھگاھ بولۇپ كەلگەنسەن.
17 わが力よ、わたしはあなたにむかってほめうたいます。神よ、あなたはわが高きやぐら、わたしにいつくしみを賜わる神であられるからです。
ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى، ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر، ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدايىمدۇر.

< 詩篇 59 >