< 詩篇 103 >

1 ダビデの歌 わがたましいよ、主をほめよ。わがうちなるすべてのものよ、その聖なるみ名をほめよ。
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم؛ ئى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر قايتۇر!
2 わがたましいよ、主をほめよ。そのすべてのめぐみを心にとめよ。
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم، ئۇنتۇما ئۇنىڭ بارلىق مېھرىمبانلىق-بەرىكەتلىرىنى؛
3 主はあなたのすべての不義をゆるし、あなたのすべての病をいやし、
ئۇ پۈتكۈل قەبىھلىكلىرىڭنى كەچۈرىدۇ، بارلىق كېسەللىرىڭگە داۋا قىلىدۇ؛
4 あなたのいのちを墓からあがないいだし、いつくしみと、あわれみとをあなたにこうむらせ、
ھاياتىڭنى ھاڭدىن ھۆرلۈككە قۇتقۇزىدۇ، بېشىڭغا مېھىر-مۇھەببەت ھەم رەھىمدىللىقلارنى تاج قىلىپ كىيگۈزىدۇ.
5 あなたの生きながらえるかぎり、良き物をもってあなたを飽き足らせられる。こうしてあなたは若返って、わしのように新たになる。
كۆڭلۈڭنى نازۇنېمەتلەر بىلەن قاندۇرىدۇ؛ ياشلىقىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يېڭىلىنىدۇ.
6 主はすべてしえたげられる者のために正義と公正とを行われる。
پەرۋەردىگار بارلىق ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ؛
7 主はおのれの道をモーセに知らせ、おのれのしわざをイスラエルの人々に知らせられた。
ئۇ ئۆز يوللىرىنى مۇساغا، قىلغانلىرىنى ئىسرائىللارغا نامايان قىلغان.
8 主はあわれみに富み、めぐみふかく、怒ること遅く、いつくしみ豊かでいらせられる。
پەرۋەردىگار رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تېشىپ تۇرىدۇ.
9 主は常に責めることをせず、また、とこしえに怒りをいだかれない。
ئۇ ئۇزۇنغىچە ئەيىبلەۋەرمەيدۇ، ياكى تا مەڭگۈگە غەزىپىدە تۇرىۋەرمەيدۇ.
10 主はわれらの罪にしたがってわれらをあしらわず、われらの不義にしたがって報いられない。
ئۇ بىزگە گۇناھلىرىمىزغا قارىتا مۇئامىلىدە بولغان ئەمەس، بىزگە قەبىھلىكلىرىمىزگە قارىتا تېگىشلىكىنى ياندۇرغان ئەمەس.
11 天が地よりも高いように、主がおのれを恐れる者に賜わるいつくしみは大きい、
ئاسمان يەردىن قانچىلىك ئېگىز بولسا، ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارغا بولغان مۇھەببىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۈر.
12 東が西から遠いように、主はわれらのとがをわれらから遠ざけられる。
شەرق غەربتىن قانچىلىك يىراقتا بولسا، بىزدىكى ئاسىيلىقلارنىمۇ شۇنچە يىراقلاشتۇردى.
13 父がその子供をあわれむように、主はおのれを恐れる者をあわれまれる。
ئاتا بالىلىرىغا قانداق كۆيۈنگەن بولسا، پەرۋەردىگارمۇ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا شۇنداق مېھرىباندۇر.
14 主はわれらの造られたさまを知り、われらのちりであることを覚えていられるからである。
چۈنكى ئۇ ئۆزى بىزنىڭ جىسمىمىزنى بىلىدۇ، تۇپراقتىن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇ ئېسىگە ئالىدۇ.
15 人は、そのよわいは草のごとく、その栄えは野の花にひとしい。
ئىنسان بولسا ــ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، دالادىكى گۈلدەك ئۈنۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ؛
16 風がその上を過ぎると、うせて跡なく、その場所にきいても、もはやそれを知らない。
ئۇنىڭ ئۈستىدىن شامال ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، ئۇ يوق بولىدۇ، ئەسلىي ماكانىمۇ ئۇنى قايتا تونۇمايدۇ.
17 しかし主のいつくしみは、とこしえからとこしえまで、主を恐れる者の上にあり、その義は子らの子に及び、
لېكىن ئۆزىدىن قورقىدىغانلارغا، ئۆز ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا، كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئەبەدگىچە، ھەققانىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادلىرىگىچىدۇر.
18 その契約を守り、その命令を心にとめて行う者にまで及ぶ。
19 主はその玉座を天に堅くすえられ、そのまつりごとはすべての物を統べ治める。
پەرۋەردىگار تەختىنى ئەرشتە قۇرغان، ئۇنىڭ سەلتەنىتى ھەممىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
20 主の使たちよ、そのみ言葉の声を聞いて、これを行う勇士たちよ、主をほめまつれ。
ئى سۆزىگە قۇلاق سالغۇچى، كالامىنى ئىجرا قىلغۇچى، قۇدرىتى زور بولغان ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!
21 そのすべての万軍よ、そのみこころを行うしもべたちよ、主をほめよ。
ئى سىلەر، ئۇنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى، ئىرادىسىنى ئادا قىلغۇچى خىزمەتكارلىرى، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!
22 主が造られたすべての物よ、そのまつりごとの下にあるすべての所で、主をほめよ。わがたましいよ、主をほめよ。
ئى، ئۇنىڭ بارلىق ياسىغانلىرى، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بارلىق جايلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! ئى مېنىڭ جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر!

< 詩篇 103 >