< 箴言 知恵の泉 8 >

1 知恵は呼ばわらないのか、悟りは声をあげないのか。
[قۇلاق سال،] دانالىق چاقىرىۋاتمامدۇ؟ يورۇقلۇق سادا چىقىرىۋاتمامدۇ؟
2 これは道のほとりの高い所の頂、また、ちまたの中に立ち、
يوللارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن، دوقمۇشلاردىن ئۇ ئورۇن ئالىدۇ،
3 町の入口にあるもろもろの門のかたわら、正門の入口で呼ばわって言う、
شەھەرگە كىرىدىغان قوۋۇقلارنىڭ يېنىدا، ھەرقانداق دەرۋازا ئېغىزلىرىدا ئۇ مۇراجىئەت قىلماقتا: ــ
4 「人々よ、わたしはあなたがたに呼ばわり、声をあげて人の子らを呼ぶ。
«ئى مۆتىۋەرلەر، سىلەرگە مۇراجئەت قىلىمەن، ھەي، ئادەم بالىلىرى، سادانى سىلەر ئۈچۈن قىلىمەن،
5 思慮のない者よ、悟りを得よ、愚かな者よ、知恵を得よ。
گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!
6 聞け、わたしは高貴な事を語り、わがくちびるは正しい事を語り出す。
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى گۈزەل نەرسىلەرنى دەپ بېرىمەن، ئاغزىمنى ئېچىپ، دۇرۇس ئىشلارنى [سىلەرگە] يەتكۈزىمەن.
7 わが口は真実を述べ、わがくちびるは悪しき事を憎む。
ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر، ئاغزىم رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛
8 わが口の言葉はみな正しい、そのうちに偽りと、よこしまはない。
سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەق، ئۇلاردا ھېچقانداق ھىيلىگەرلىك ياكى ئەگىتمىلىك يوقتۇر.
9 これはみな、さとき者の明らかにするところ、知識を得る者の正しとするところである。
ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق، بىلىم ئالغانلار ئۈچۈن دۇرۇس-توغرىدۇر.
10 あなたがたは銀を受けるよりも、わたしの教を受けよ、精金よりも、むしろ知識を得よ。
كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار.
11 知恵は宝石にまさり、あなたがたの望むすべての物は、これと比べるにたりない。
چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىن ئەۋزەل، ھەرقانداق ئەتىۋارلىق نەرسەڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.
12 知恵であるわたしは悟りをすみかとし、知識と慎みとをもつ。
مەن بولسام دانالىقمەن، زېرەكلىك بىلەن بىللە تۇرىمەن، ئىستىقامەتتىن كېلىپ چىققان بىلىمنى ئايان قىلىمەن.
13 主を恐れるとは悪を憎むことである。わたしは高ぶりと、おごりと、悪しき道と、偽りの言葉とを憎む。
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ــ يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن.
14 計りごとと、確かな知恵とは、わたしにある、わたしには悟りがあり、わたしには力がある。
مەندە ئوبدان مەسلىھەتلەر، پىشقان ھېكمەت بار؛ مەن دېگەن يورۇقلۇق، قۇدرەت مەندىدۇر.
15 わたしによって、王たる者は世を治め、君たる者は正しい定めを立てる。
پادىشاھلار مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، مەنسىز ھاكىملار ئادىل ھۆكۈم چىقارماس.
16 わたしによって、主たる者は支配し、つかさたる者は地を治める。
مەن ئارقىلىقلا ئەمىرلەر ئىدارە قىلىدۇ، ئالىيجانابلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق سوراقچىلار [توغرا] ھۆكۈم قىلىدۇ.
17 わたしは、わたしを愛する者を愛する、わたしをせつに求める者は、わたしに出会う。
كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛
18 富と誉とはわたしにあり、すぐれた宝と繁栄もまたそうである。
مەندە بايلىق، شۆھرەت، ھەتتا كونىرىماس، كۆچمەس دۆلەت ۋە ھەققانىيەتمۇ بار.
19 わたしの実は金よりも精金よりも良く、わたしの産物は精銀にまさる。
مەندىن چىققان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر، مەندىن ئالىدىغان دارامەت ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئۈستۈندۇر.
20 わたしは正義の道、公正な道筋の中を歩み、
مەن ھەققانىيەت يولىغا ماڭىمەن؛ ئادالەت يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىمەنكى،
21 わたしを愛する者に宝を得させ、またその倉を満ちさせる。
مېنى سۆيگەنلەرنى ئەمەلىي نەرسىلەرگە مىراس قىلدۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن.
22 主が昔そのわざをなし始められるとき、そのわざの初めとして、わたしを造られた。
پەرۋەردىگار ئىشلىرىنى باشلىشىدىلا، قەدىمدە ياسىغانلىرىدىن بۇرۇنلا، مەن ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمەن. ئەزەلدىن تارتىپلا ــ مۇقەددەمدە، يەر-زېمىن يارىتىلماستىلا، مەن تىكلەنگەنمەن.
23 いにしえ、地のなかった時、初めに、わたしは立てられた。
24 まだ海もなく、また大いなる水の泉もなかった時、わたしはすでに生れ、
چوڭقۇر ھاڭلار، دېڭىز-ئوكيانلار ئاپىرىدە بولۇشتىن ئاۋۋال، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن؛ مول سۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بولماستىنلا،
25 山もまだ定められず、丘もまだなかった時、わたしはすでに生れた。
ئېگىز تاغلار ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلماستىنلا، تۆپىلىكلەر شەكىللەنمەستىنلا، [پەرۋەردىگار] بىپايان زېمىن، كەڭ دالالارنى، ئالەمنىڭ ئەسلىيدىكى توپا-چاڭلىرىنىمۇ تېخى ياراتماستىنلا، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن.
26 すなわち神がまだ地をも野をも、地のちりのもとをも造られなかった時である。
27 彼が天を造り、海のおもてに、大空を張られたとき、わたしはそこにあった。
ئۇ ئاسمانلارنى بىنا قىلىۋاتقىنىدا، دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىۋاتقىنىدا، ئەرشتە بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇلاق-مەنبەلەرنى مۇستەھكەملەۋاتقىنىدا، دېڭىز سۇلىرىنى بېكىتكەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرىۋاتقىنىدا، بىپايان زېمىننىڭ ئۇللىرىنى قۇرۇۋاتقىنىدا، مەن ئۇ يەردە ئىدىم؛
28 彼が上に空を堅く立たせ、淵の泉をつよく定め、
29 海にその限界をたて、水にその岸を越えないようにし、また地の基を定められたとき、
30 わたしは、そのかたわらにあって、名匠となり、日々に喜び、常にその前に楽しみ、
شۇ چاغدا گويا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەندەك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، مەن ھەردائىم ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىناتتىم، مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك دىلئارامى ئىدىم؛
31 その地で楽しみ、また世の人を喜んだ。
مەن ئۇنىڭ ئالىمىدىن، يەر-زېمىنىدىن شادلىنىپ، دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن خۇرسەنلىك تېپىپ يۈرەتتىم،
32 それゆえ、子供らよ、今わたしの言うことを聞け、わたしの道を守る者はさいわいである。
شۇڭا ئى بالىلار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى يوللىرىمنى چىڭ تۇتقانلار نەقەدەر بەخت تاپار!
33 教訓を聞いて、知恵を得よ、これを捨ててはならない。
ئالغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلىپ، دانا بولغىن، ئۇنى رەت قىلما.
34 わたしの言うことを聞き、日々わたしの門のかたわらでうかがい、わたしの戸口の柱のわきで待つ人はさいわいである。
سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ھەركۈنى دەرۋازىلىرىم ئالدىدىن كەتمەي، ئىشىكلىرىم ئالدىدا مېنى كۈتىدىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
35 それは、わたしを得る者は命を得、主から恵みを得るからである。
كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ.
36 わたしを失う者は自分の命をそこなう、すべてわたしを憎む者は死を愛する者である」。
لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ».

< 箴言 知恵の泉 8 >