< 箴言 知恵の泉 16 >

1 心にはかることは人に属し、舌の答は主から出る。
كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛ بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر.
2 人の道は自分の目にことごとく潔しと見える、しかし主は人の魂をはかられる。
ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى پاك دەپ بىلەر؛ لېكىن قەلبدىكى نىيەتلەرنى پەرۋەردىگار تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر.
3 あなたのなすべき事を主にゆだねよ、そうすれば、あなたの計るところは必ず成る。
نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن، شۇنداق قىلغاندا پىلانلىرىڭ پىشىپ چىقار.
4 主はすべての物をおのおのその用のために造り、悪しき人をも災の日のために造られた。
پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەربىرىنى مەلۇم مەقسەت بىلەن ئاپىرىدە قىلغان؛ ھەتتا يامانلارنىمۇ بالايىئاپەت كۈنى ئۈچۈن ياراتقاندۇر.
5 すべて心に高ぶる者は主に憎まれる、確かに、彼は罰を免れない。
تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس.
6 いつくしみとまことによって、とがはあがなわれる、主を恐れることによって、人は悪を免れる。
مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.
7 人の道が主を喜ばせる時、主はその人の敵をもその人と和らがせられる。
ئادەمنىڭ ئىشلىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا، ئۇ ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرار.
8 正義によって得たわずかなものは、不義によって得た多くの宝にまさる。
ھالال ئالغان ئاز، ھارام ئالغان كۆپتىن ئەۋزەلدۇر.
9 人は心に自分の道を考え計る、しかし、その歩みを導く者は主である。
ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛ ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر.
10 王のくちびるには神の決定がある、さばきをするとき、その口に誤りがない。
ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس.
11 正しいはかりと天びんとは主のものである、袋にあるふんどうもすべて彼の造られたものである。
ئادىل تارازا-مىزانلار پەرۋەردىگارغا خاستۇر؛ تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياسىغاندۇر.
12 悪を行うことは王の憎むところである、その位が正義によって堅く立っているからである。
پادىشاھ رەزىللىك قىلسا يىرگىنچلىكتۇر، چۈنكى تەخت ھەققانىيەت بىلەنلا مەھكەم تۇرار.
13 正しいくちびるは王に喜ばれる、彼は正しい事を言う者を愛する。
ھەققانىي سۆزلىگەن لەۋلەر پادىشاھلارنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛ ئۇلار دۇرۇس سۆزلىگۈچىلەرنى ياخشى كۆرەر.
14 王の怒りは死の使者である、知恵ある人はこれをなだめる。
پادىشاھنىڭ قەھرى گويا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر؛ بىراق دانا كىشى [ئۇنىڭ غەزىپىنى] تىنچلاندۇرار.
15 王の顔の光には命がある、彼の恵みは春雨をもたらす雲のようだ。
پادىشاھنىڭ چىرايىنىڭ نۇرى كىشىگە جان كىرگۈزەر؛ ئۇنىڭ شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر.
16 知恵を得るのは金を得るのにまさる、悟りを得るのは銀を得るよりも望ましい。
دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!
17 悪を離れることは正しい人の道である、自分の道を守る者はその魂を守る。
دۇرۇس ئادەمنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن يولى يامانلىقتىن ئايرىلىشتۇر؛ ئۆز يولىغا ئېھتىيات قىلغان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار.
18 高ぶりは滅びにさきだち、誇る心は倒れにさきだつ。
مەغرۇرلۇق ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال كېلەر، تەكەببۇرلۇق يىقىلىشتىن ئاۋۋال كېلەر.
19 へりくだって貧しい人々と共におるのは、高ぶる者と共にいて、獲物を分けるにまさる。
كەمتەر بولۇپ مىسكىنلەر بىلەن باردى-كەلدىدە بولۇش، تەكەببۇرلار بىلەن ھارام مال بۆلۈشكەندىن ئەۋزەلدۇر.
20 慎んで、み言葉をおこなう者は栄える、主に寄り頼む者はさいわいである。
كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار؛ پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، بەخت-سائادەت كۆرەر.
21 心に知恵ある者はさとき者ととなえられる、くちびるが甘ければ、その教に人を説きつける力を増す。
كۆڭلى دانا كىشى سەگەك ئاتىلار؛ يېقىملىق سۆزلەر ئادەملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرار.
22 知恵はこれを持つ者に命の泉となる、しかし、愚かさは愚かな者の受ける懲しめである。
پەم-پاراسەت ئۆزىگە ئىگە بولغانلارغا ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئەقىلسىزلەرگە تەلىم بەرمەكنىڭ ئۆزى ئەقىلسىزلىكتۇر.
23 知恵ある者の心はその言うところを賢くし、またそのくちびるに人を説きつける力を増す。
ئاقىلانە كىشىنىڭ قەلبى ئاغزىدىن ئەقىل چىقىرار؛ ئۇنىڭ لەۋزىگە بىلىمنى زىيادە قىلار.
24 ここちよい言葉は蜂蜜のように、魂に甘く、からだを健やかにする。
يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر؛ كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىپ تەنگە داۋادۇر.
25 人が見て自分で正しいとする道があり、その終りはついに死にいたる道となるものがある。
ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.
26 ほねおる者は飲食のためにほねおる、その口が自分に迫るからである。
ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى ئىشقا سالار؛ ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار.
27 よこしまな人は悪を企てる、そのくちびるには激しい火のようなものがある。
مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار.
28 偽る者は争いを起し、つげ口する者は親しい友を離れさせる。
ئەگرى ئادەم جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرغۇچىدۇر؛ غەيۋەتچى يېقىن دوستلارنى ئايرىۋېتەر.
29 しえたげる者はその隣り人をいざない、これを良くない道に導く。
زوراۋان كىشى يېقىن ئادىمىنى ئازدۇرار؛ ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر.
30 めくばせする者は悪を計り、くちびるを縮める者は悪事をなし遂げる。
كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى يامان نىيەتنى ئويلار؛ لېۋىنى چىشلىگەن كىشى يامانلىققا تەيياردۇر.
31 しらがは栄えの冠である、正しく生きることによってそれが得られる。
ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر.
32 怒りをおそくする者は勇士にまさり、自分の心を治める者は城を攻め取る者にまさる。
ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان كىشى پالۋاندىن ئەۋزەلدۇر؛ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان شەھەر ئالغاندىنمۇ ئۈستۈندۇر.
33 人はくじをひく、しかし事を定めるのは全く主のことである。
چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، لېكىن نەتىجىسى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگاردىندۇر.

< 箴言 知恵の泉 16 >