< 民数記 29 >

1 七月には、その月の第一日に聖会を開かなければならない。なんの労役をもしてはならない。これはあなたがたがラッパを吹く日である。
يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ [ئۇ كۈنى] ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. بۇ سىلەر ئۈچۈن كانايلار چېلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ.
2 あなたがたは燔祭をささげて、主に香ばしいかおりとしなければならない。すなわち若い雄牛一頭、雄羊一頭、一歳の雄の全き小羊七頭をささげなければならない。
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، يەتتە بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار.
3 その素祭には油を混ぜた麦粉をささげなければならない。すなわち雄牛一頭について一エパの十分の三、雄羊一頭について十分の二をささげ、
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى،
4 また七頭の小羊には一頭ごとに十分の一をささげなければならない。
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛
5 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげ、あなたがたのために罪のあがないをしなければならない。
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ [گۇناھىڭلار ئۈچۈن] كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن.
6 これは新月の燔祭とその素祭、常燔祭とその素祭、および灌祭のほかのものであって、これらのものの定めにしたがい、香ばしいかおりとして、主に火祭としなければならない。
شۇلارنى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارغا قۇشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەلىرىنىڭ سىرتىدا سۇنۇڭلار؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىرى بەلگىلىمە بويىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ سۇنۇلسۇن.
7 またその七月の十日に聖会を開き、かつあなたがたの身を悩まさなければならない。なんの仕事もしてはならない。
يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ.
8 あなたがたは主に燔祭をささげて、香ばしいかおりとしなければならない。すなわち若い雄牛一頭、雄羊一頭、一歳の雄の小羊七頭をささげなければならない。これらはみな全きものでなければならない。
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›.
9 その素祭には油を混ぜた麦粉をささげなければならない。すなわち雄牛一頭につき一エパの十分の三、雄羊一頭につき十分の二をささげ、
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى،
10 また七頭の小羊には一頭ごとに十分の一をささげなければならない。
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى،
11 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは贖罪の罪祭と常燔祭とその素祭、および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كافارەت كۈنىدىكى گۇناھ قۇربانلىقى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن.
12 七月の十五日に聖会を開かなければならない。なんの労役もしてはならない。七日のあいだ主のために祭をしなければならない。
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار؛
13 あなたがたは燔祭をささげて、主に香ばしいかおりの火祭としなければならない。すなわち若い雄牛十三頭、雄羊二頭、一歳の雄の小羊十四頭をささげなければならない。これらはみな全きものでなければならない。
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئون ئۈچنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›.
14 その素祭には油を混ぜた麦粉をささげなければならない。すなわち十三頭の雄牛には一頭ごとに十分の三、その二頭の雄羊には一頭ごとに十分の二をささげ、
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ئون ئۈچ تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، ئىككى قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى،
15 その十四頭の小羊には一頭ごとに十分の一をささげなければならない。
ئون تۆت قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى،
16 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは常燔祭とその素祭および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
17 第二日には若い雄牛十二頭、雄羊二頭、一歳の雄の全き小羊十四頭をささげなければならない。
ئىككىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئون ئىككىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
18 その雄牛と雄羊と小羊とのための素祭と灌祭とはその数にしたがって、定めのようにささげなければならない。
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار.
19 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは常燔祭とその素祭および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن.
20 第三日には雄牛十一頭、雄羊二頭、一歳の雄の全き小羊十四頭をささげなければならない。
ئۈچىنچى كۈنى بىر ياش تورپاقتىن ئون بىرنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
21 その雄牛と雄羊と小羊とのための素祭と灌祭とは、その数にしたがって定めのようにささげなければならない。
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
22 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは常燔祭とその素祭および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
23 第四日には雄牛十頭、雄羊二頭、一歳の雄の全き小羊十四頭をささげなければならない。
تۆتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئوننى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
24 その雄牛と雄羊と小羊とのための素祭と灌祭とは、その数にしたがって定めのようにささげなければならない。
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
25 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは常燔祭とその素祭および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
26 第五日には雄牛九頭、雄羊二頭、一歳の雄の全き小羊十四頭をささげなければならない。
بەشىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن توققۇزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
27 その雄牛と雄羊と小羊とのための素祭と灌祭とは、その数にしたがって定めのようにささげなければならない。
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
28 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは常燔祭とその素祭および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
29 第六日には雄牛八頭、雄羊二頭、一歳の雄の全き小羊十四頭をささげなければならない。
ئالتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن سەككىزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
30 その雄牛と雄羊と小羊とのための素祭と灌祭とは、その数にしたがって定めのようにささげなければならない。
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
31 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは常燔祭とその素祭および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
32 第七日には雄牛七頭、雄羊二頭、一歳の雄の全き小羊十四頭をささげなければならない。
يەتتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن يەتتىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
33 その雄牛と雄羊と小羊とのための素祭と灌祭とは、その数にしたがって定めのようにささげなければならない。
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
34 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは常燔祭とその素祭および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
35 第八日にはまた集会を開かなければならない。なんの労役をもしてはならない。
سەككىزىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار.
36 あなたがたは燔祭をささげて主に香ばしいかおりの火祭としなければならない。すなわち雄牛一頭、雄羊一頭、一歳の雄の全き小羊七頭をささげなければならない。
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›
37 その雄牛と雄羊と小羊とのための素祭と灌祭とは、その数にしたがって定めのようにささげなければならない。
ھەمدە تورپاق، قوچقار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ، بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛
38 また雄やぎ一頭を罪祭としてささげなければならない。これらは常燔祭とその素祭および灌祭のほかのものである。
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدىمۇ بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.
39 あなたがたは定めの祭の時に、これらのものを主にささげなければならない。これらはあなたがたの誓願、または自発の供え物としてささげる燔祭、素祭、灌祭および酬恩祭のほかのものである』」。
بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئەنە شۇلاردۇر؛ سىلەرنىڭ قەسەمگە باغلىق ياكى ئىختىيارەن سۇنىدىغانلىرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭلار، شاراب ھەدىيەلىرىڭلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدىدۇر.
40 モーセは主が命じられた事をことごとくイスラエルの人々に告げた。
شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئىسرائ‍ىللارغا ئۇقتۇردى.

< 民数記 29 >