< イザヤ書 66 >

1 主はこう言われる、「天はわが位、地はわが足台である。あなたがたはわたしのためにどんな家を建てようとするのか。またどんな所がわが休み所となるのか」。
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟
2 主は言われる、「わが手はすべてこれらの物を造った。これらの物はことごとくわたしのものである。しかし、わたしが顧みる人はこれである。すなわち、へりくだって心悔い、わが言葉に恐れおののく者である。
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان، ئۇلار شۇنداق بولغاچقىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن مەن نەزىرىمنى شۇنداق بىر ئادەمگە سالىمەن: ــ مۆمىن-كەمتەر، روھى سۇنۇق، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ تىترەك باسىدىغان بىر ئادەمگە نەزىرىمنى سالىمەن.
3 牛をほふる者は、また人を殺す者、小羊を犠牲とする者は、また犬をくびり殺す者、供え物をささげる者は、また豚の血をささげる者、乳香を記念としてささげる者は、また偶像をほめる者である。これはおのが道を選び、その心は憎むべきものを楽しむ。
كالا سويغان كىشى ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، قوزىنى قۇربانلىق قىلغان كىشى ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ؛ ماڭا ھەدىيە تۇتقۇچى چوشقا قېنىنىمۇ تۇتۇپ بەرمەكچىدۇر؛ دۇئاسىنى ئەسلىتىشكە خۇشبۇي ياققۇچى مەبۇدقىمۇ مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان يوللىرىنى تاللىغان، كۆڭلى يىرگىنچلىك نەرسىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
4 わたしもまた彼らのために悩みを選び、彼らの恐れるところのものを彼らに臨ませる。これは、わたしが呼んだときに答える者なく、わたしが語ったときに聞くことをせず、わたしの目に悪い事を行い、わたしの好まなかった事を選んだからである」。
شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى تاللايمەن؛ ئۇلار دەل قورقىدىغان ۋەھىمىلەرنى بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن چاقىرغىنىمدا، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى؛ مەن سۆز قىلغىنىمدا، ئۇلار قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلدى، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىدى».
5 あなたがた、主の言葉に恐れおののく者よ、主の言葉を聞け、「あなたがたの兄弟たちはあなたがたを憎み、あなたがたをわが名のために追い出して言った、『願わくは主がその栄光をあらわしてわれわれにあなたがたの喜びを見させよ』と。しかし彼らは恥を受ける。
«ئى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئالدىدا قورقۇپ تىترەيدىغانلار، ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ «سىلەرنى نامىمغا [سادىق بولغانلىقىڭلار] تۈپەيلىدىن چەتكە قاققانلار بولسا، يەنى سىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرگە: ــ «قېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلارنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز!» ــ دېدى؛ بىراق شەرمەندىلىكتە قالغانلار ئۆزلىرى بولىدۇ.
6 聞けよ、町から起る騒ぎを。宮から聞える声を。主がその敵に報復される声を。
ئاڭلاڭلار! ــ شەھەردىن كەلگەن چۇقان-سۈرەنلەر! ئاڭلاڭلار! ــ ئىبادەتخانىدىن چىققان ئاۋازنى! ئاڭلاڭلار! ــ پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىگە [يامانلىقلىرىنى] قايتۇرۇۋاتىدۇ!»
7 シオンは産みの苦しみをなす前に産み、その苦しみの来ない前に男子を産んだ。
ــ تولغىقى تۇتمايلا ئۇ بوشىنىدۇ؛ ئاغرىقى تۇتمايلا، ئوغۇل بالا تۇغىدۇ!
8 だれがこのような事を聞いたか、だれがこのような事どもを見たか。一つの国は一日の苦しみで生れるだろうか。一つの国民はひと時に生れるだろうか。しかし、シオンは産みの苦しみをするやいなやその子らを産んだ。
كىمنىڭ مۇشۇنداق ئىش توغرۇلۇق خەۋىرى باردۇ؟ كىم مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باققان؟ زېمىن بىر خەلقنى بىر كۈن ئىچىدىلا تۇغىدىغان ئىش بارمۇ؟ دەقىقە ئىچىدىلا بىر ئەلنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ چۈنكى زىئوننىڭ ئەمدىلا تولغىقى تۇتۇشىغا، ئۇ ئوغۇل بالىلىرىنى تۇغدى!
9 わたしが出産に臨ませて産ませないことがあろうか」と主は言われる。「わたしは産ませる者なのに胎をとざすであろうか」とあなたの神は言われる。
بىرسىنى بوشىنىش ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولسام، مەن بالىنى چىقارغۇزماي قالامتىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئۆزۈم تۇغدۇرغۇچى تۇرسام، بالىياتقۇنى ئېتىۋېتەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ خۇدايىڭ.
10 「すべてエルサレムを愛する者よ、彼女と共に喜べ、彼女のゆえに楽しめ。すべて彼女のために悲しむ者よ、彼女と共に喜び楽しめ。
يېرۇسالېم بىلەن بىللە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار؛ ئۇنى سۆيگۈچىلەر، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىنىڭلار! ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شادلىق بىلەن شادلىنىڭلار!
11 あなたがたは慰めを与えるエルサレムの乳ぶさから乳を吸って飽くことができ、またその豊かな栄えから飲んで楽しむことができるからだ」。
چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ تەسەللى بېرىدىغان ئەمچەكلىرىدىن ئېمىپ قانائەتلىنىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر قانغۇچە ئىچىپ چىقىسىلەر، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ زورلۇقىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ».
12 主はこう言われる、「見よ、わたしは川のように彼女に繁栄を与え、みなぎる流れのように、もろもろの国の富を与える。あなたがたは乳を飲み、腰に負われ、ひざの上であやされる。
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇنىڭغا تاشقان دەريادەك ئارام-خاتىرجەملىكنى، تېشىپ كەتكەن ئېقىمدەك ئەللەرنىڭ شان-شەرەپلىرىنى سۇنۇپ بېرىمەن؛ سىلەر ئېمىسىلەر، سىلەر يانپاشقا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىسىلەر، ئېتەكتە ئەكىلىتىلىسىلەر.
13 母のその子を慰めるように、わたしもあなたがたを慰める。あなたがたはエルサレムで慰めを得る。
خۇددى ئانا بالىسىغا تەسەللى بەرگەندەك، مەن شۇنداق سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن؛ سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئىگە بولىسىلەر.
14 あなたがたは見て、心喜び、あなたがたの骨は若草のように栄える。主の手はそのしもべらと共にあり、その憤りはその敵にむかっていることを知る。
سىلەر بۇلارنى كۆرگەندە كۆڭلۈڭلار شادلىنىدۇ، سۆڭەكلىرىڭلار يۇمران ئوت-چۆپتەك ياشناپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۆز قۇللىرىغا ئايان قىلىنىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىگە قەھرىنى كۆرسىتىدۇ.
15 見よ、主は火の中にあらわれて来られる。その車はつむじ風のようだ。激しい怒りをもってその憤りをもらし、火の炎をもって責められる。
چۈنكى غەزىپىنى قەھر بىلەن، تەنبىھىنى ئوت يالقۇنلىرى بىلەن چۈشۈرۈشى ئۈچۈن، مانا، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن كېلىدۇ، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قۇيۇندەك كېلىدۇ.
16 主は火をもって、またつるぎをもって、すべての人にさばきを行われる。主に殺される者は多い」。
چۈنكى ئوت بىلەن ھەم قىلىچ بىلەن پەرۋەردىگار بارلىق ئەت ئىگىلىرىنى سوراق قىلىپ جازالايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر نۇرغۇن بولىدۇ.
17 「みずからを聖別し、みずからを清めて園に行き、その中にあるものに従い、豚の肉、憎むべき物およびねずみを食う者はみな共に絶えうせる」と主は言われる。
«باغچىلار»غا كىرىش ئۈچۈن پاكىزلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئايرىم تۇتۇپ، ئوتتۇرىدا تۇرغۇچىنىڭ گېپىگە كىرگەنلەر، شۇنداقلا چوشقا گۆشىنى، يىرگىنچلىك بولغاننى، جۈملىدىن چاشقانلارنى يەيدىغانلار بولسا جىمىسى تەڭ تۈگىشىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
18 「わたしは彼らのわざと、彼らの思いとを知っている。わたしは来て、すべての国民と、もろもろのやからとを集める。彼らは来て、わが栄光を見る。
چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئويلىغانلىرى مېنىڭ ئالدىمدىدۇر؛ بىراق بارلىق ئەللەر، ھەممە تىلدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ مېنىڭ شان-شەرىپىمنى كۆرىدۇ؛
19 わたしは彼らの中に一つのしるしを立てて、のがれた者をもろもろの国、すなわちタルシシ、よく弓をひくプトおよびルデ、トバル、ヤワン、またわが名声を聞かず、わが栄光を見ない遠くの海沿いの国々につかわす。彼らはわが栄光をもろもろの国民の中に伝える。
ۋە مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كارامەت بەلگىنى تىكلەيمەن؛ ھەم ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن؛ نام-شۆھرىتىمنى ئاڭلىمىغان، شان-شەرىپىمنى كۆرۈپ باقمىغان تارشىشقا، لىۋىيەگە، ئوقياچىلىقتا داڭقى چىققان لۇدقا، تۇبال، گرېتسىيەگە ھەم يىراق چەتلەردىكى ئاراللارغا ئۇلارنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى جاكارلايدۇ.
20 彼らはイスラエルの子らが清い器に供え物を盛って主の宮に携えて来るように、あなたがたの兄弟をことごとくもろもろの国の中から馬、車、かご、騾馬、らくだに乗せて、わが聖なる山エルサレムにこさせ、主の供え物とする」と主は言われる。
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار «ئاشلىق ھەدىيە»نى پاكىز قاچىلارغا قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندەك، شۇلار بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەدىيە سۈپىتىدە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئەللەردىن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاتلارغا، جەڭ ھارۋىلىرىغا، سايىۋەنلىك ھارۋا-زەمبىللەرگە، قېچىرلارغا ھەم نار تۆگىلەرگە مىندۈرۈپ مۇقەددەس تېغىمغا، يەنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
21 「わたしはまた彼らの中から人を選んで祭司とし、レビびととする」と主は言われる。
ھەم مەن ئۇلاردىن بەزىلىرىنى كاھىنلار ھەم لاۋىيلار بولۇشقا تاللايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
22 「わたしが造ろうとする新しい天と、新しい地がわたしの前にながくとどまるように、あなたの子孫と、あなたの名はながくとどまる」と主は言われる。
چۈنكى مەن يارىتىدىغان يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا دائىم تۇرغاندەك، سېنىڭ نەسلىڭ ھەم ئىسمىڭ تۇرۇپ ساقلىنىدۇ.
23 「新月ごとに、安息日ごとに、すべての人はわが前に来て礼拝する」と主は言われる。
ھەم شۇنداق بولىدۇكى، يېڭى ئايمۇ يېڭى ئايدا، شابات كۈنىمۇ شابات كۈنىدە، بارلىق ئەت ئىگىلىرى مېنىڭ ئالدىمغا ئىبادەت قىلغىلى كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
24 「彼らは出て、わたしにそむいた人々のしかばねを見る。そのうじは死なず、その火は消えることがない。彼らはすべての人に忌みきらわれる」。
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىرتقا چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىگە قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى يەۋاتقان قۇرتلار ئۆلمەيدۇ؛ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە يىرگىنچلىك بىلىنىدۇ.

< イザヤ書 66 >