< イザヤ書 38 >

1 そのころヒゼキヤは病気になって死にかかっていた。アモツの子預言者イザヤは彼のところに来て言った、「主はこう仰せられます、あなたの家を整えておきなさい。あなたは死にます、生きながらえることはできません」。
شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا ئەجەل كەلتۈرگۈچى بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۆيۈڭ توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلغىن؛ چۈنكى ئەجەل كەلدى، ياشىمايسەن، ــ دېدى.
2 そこでヒゼキヤは顔を壁に向けて主に祈って言った、
ھەزەكىيا يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ:
3 「ああ主よ、願わくは、わたしが真実と真心とをもって、み前に歩み、あなたの目にかなう事を行ったのを覚えてください」。そしてヒゼキヤはひどく泣いた。
ــ ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى.
4 その時主の言葉がイザヤに臨んで言った、
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەشاياغا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
5 「行って、ヒゼキヤに言いなさい、『あなたの父ダビデの神、主はこう仰せられます、「わたしはあなたの祈を聞いた。あなたの涙を見た。見よ、わたしはあなたのよわいを十五年増そう。
بېرىپ ھەزەكىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار، ئاتاڭ داۋۇتنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم؛ مانا، كۈنلىرىڭگە يەنە ئون بەش يىل قوشىمەن؛
6 わたしはあなたと、この町とをアッスリヤの王の手から救い、この町を守ろう」。
شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن سېپىل بولۇپ بۇ شەھەرنى قوغدايمەن.
7 主が約束されたことを行われることについては、あなたは主からこのしるしを得る。
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان ئىشىنى جەزمەن قىلىدىغانلىقىنى ساڭا ئىسپاتلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن مۇنداق بېشارەتلىك ئالامەت بولىدۇكى،
8 見よ、わたしはアハズの日時計の上に進んだ日影を十度退かせよう』」。すると日時計の上に進んだ日影が十度退いた。
مانا، مەن قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ئون قەدەم كەينىگە ياندۇرىمەن». شۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ چۈشكەن سايىسى ئون باسقۇچ كەينىگە ياندى.
9 次の言葉はユダの王ヒゼキヤが病気になって、その病気が直った後、書きしるしたものである。
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ، ئاندىن كېسىلىدىن ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن مۇنداق خاتىرىلەرنى يازدى:
10 わたしは言った、わたしはわが一生のまっ盛りに、去らなければならない。わたしは陰府の門に閉ざされて、わが残りの年を失わなければならない。 (Sheol h7585)
ــ «مەن: «ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىغا بېرىۋاتىمەن، قالغان يىللىرىمدىن مەھرۇم بولدۇم» ــ دېدىم. (Sheol h7585)
11 わたしは言った、わたしは生ける者の地で、主を見ることなく、世におる人々のうちに、再び人を見ることがない。
مەن: ــ «تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرۇپ خۇدايىم ياھنى، ياھنى كۆرەلمەيدىغان، شۇنداقلا «ھەممە نەرسە يوق بولغان» جايدا تۇرغانلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، ئىنساننىمۇ كۆرەلمەيدىغان بولدۇم» ــ دېدىم.
12 わがすまいは抜き去られて羊飼の天幕のようにわたしを離れる。わたしは、わが命を機織りのように巻いた。彼はわたしを機から切り離す。あなたは朝から夕までの間に、わたしを滅ぼされる。
مېنىڭ تۇرالغۇم چارۋىچىنىڭ چېدىرىدەك ئۆزۈمدىن يۆتكىلىپ كەتتى؛ مەن باپكار ئۆز توقۇغىنىنى تۈرۈۋەتكىنىدەك ھاياتىمنى تۈرىۋەتتىم؛ ئۇ مېنى توقۇش دەستىگاھىدىن كېسىۋەتتى؛ تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن [خۇدا] جېنىمنى ئالىسەن؛
13 わたしは朝まで叫んだ。主はししのようにわが骨をことごとく砕かれる。あなたは朝から夕までの間に、わたしを滅ぼされる。
تاڭ ئاتقۇچە مەن كۈتۈپ، ئۆزۈمنى تىنچلاندۇرۇپ يۈرىمەن، بىراق ئۇ شىرغا ئوخشاش ھەممە سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرغاندەك قىلىدۇ؛ تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا سەن [خۇدا] جېنىمنى ئالىسەن.
14 わたしは、つばめのように、つるのように鳴き、はとのようにうめき、わが目は上を見て衰える。主よ、わたしは、しえたげられています。どうか、わたしの保証人となってください。
مەن قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك ۋىچىرلاپ يۈرىمەن؛ پاختەكتەك ئاھ-ئۇھ ئۇرىمەن؛ كۆزلىرىم يۇقىرىغا قاراش بىلەن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ؛ ئى رەب، مېنى زۇلۇم باستى! جېنىمغا كېپىل بولغىن!
15 しかし、わたしは何を言うことができましょう。主はわたしに言われ、かつ、自らそれをなされたからである。わが魂の苦しみによって、わが眠りはことごとく逃げ去った。
نېمە دېسەم بولار؟ چۈنكى ئۇ ماڭا سۆز قىلدى ۋە ئۆزى مۇشۇ ئىشنى قىلدى! جېنىم تارتقان ئازاب تۈپەيلىدىن مەن بار يىللىرىمدا قەدەملىرىمنى ساناپ بېسىپ ئاۋايلاپ ماڭىمەن.
16 主よ、これらの事によって人は生きる。わが霊の命もすべてこれらの事による。どうか、わたしをいやし、わたしを生かしてください。
ئى رەب، ئادەملەر مۇشۇنداق ساۋاقلار بىلەن ياشىشى كېرەك؛ روھىم مۇشۇ ساۋاقلاردىن ھاياتىنى تاپىدۇ؛ سەن مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ، مېنى ھايات قىلدىڭ!
17 見よ、わたしが大いなる苦しみにあったのは、わが幸福のためであった。あなたはわが命を引きとめて、滅びの穴をまぬかれさせられた。これは、あなたがわが罪をことごとく、あなたの後に捨てられたからである。
مانا، ئۆزۈمنىڭ بەخت-تىنچلىقىم ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب تارتتىم؛ ماڭا بولغان سۆيگۈڭ تۈپەيلىدىن جېنىمنى ھالاكەت ھاڭىدىن چىقاردىڭسەن؛ سەن ھەممە گۇناھلىرىمنى كەينىڭگە چۆرۈۋەتتىڭسەن.
18 陰府は、あなたに感謝することはできない。死はあなたをさんびすることはできない。墓にくだる者は、あなたのまことを望むことはできない。 (Sheol h7585)
چۈنكى تەھتىسارا ساڭا رەھمەت ئېيتالمايدۇ؛ ئۆلۈم سېنى مەدھىيىلىيەلمەيدۇ؛ ھاڭغا چۈشىۋاتقانلار سېنىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭغا ئۈمىد باغلىيالمايدۇ. (Sheol h7585)
19 ただ生ける者、生ける者のみ、きょう、わたしがするように、あなたに感謝する。父はあなたのまことを、その子らに知らせる。
ئۆزۈم بۈگۈن قىلغىنىمدەك ساڭا رەھمەت ئېيتىدىغانلار تىرىكلەر، تىرىكلەردۇر؛ ئاتا بولغۇچى ئوغۇللىرىغا ھەقىقەت-ۋاپالىقىڭنى بىلدۈرىدۇ.
20 主はわたしを救われる。われわれは世にあるかぎり、主の家で琴にあわせて、歌をうたおう。
پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزۇشقا نىيەت باغلىغاندۇر؛ بىز بولساق، قالغان ئۆمرىمىزدە ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساز چېلىپ مەدھىيە ناخشلىرىمنى ئېيتىمىز!».
21 イザヤは言った、「干いちじくのひとかたまりを持ってこさせ、それを腫物につけなさい。そうすれば直るでしょう」。
(يەشايا بولسا: ــ «ئەنجۈر پوشكىلى تەييارلاپ، يارىسىغا چاپلاڭلار، ئۇ ئەسلىگە كېلىدۇ»، دېگەنىدى
22 ヒゼキヤはまた言った、「わたしが主の家に上ることについて、どんなしるしがありましょうか」。
ۋە ھەزەكىيا: ــ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىقىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان قانداق بېشارەتلىك ئالامەت بېرىلىدۇ؟» دەپ سورىغانىدى).

< イザヤ書 38 >