< イザヤ書 29 >

1 ああ、アリエルよ、アリエルよ、ダビデが営をかまえた町よ、年に年を加え、祭をめぐりこさせよ。
ئارىئەلگە، داۋۇت ئۆز ماكانى قىلغان ئارىئەلگە ۋاي! يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن، ھېيت-بايراملار يەنە ئايلىنىپ كەلسۇن؛
2 その時わたしはアリエルを悩ます。そこには悲しみと嘆きとがあって、アリエルのようなものとなる。
بىراق مەن دەرد-ئەلەمنى ئارىئەلگە كەلتۈرىمەن؛ داد-پەريادلار كۆتۈرۈلۈپ ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن بىر «ئارىئەل» بولىدۇ.
3 わたしはあなたのまわりに営を構え、やぐらをもってあなたを囲み、塁を築いてあなたを攻める。
چۈنكى مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ، سېنى قامال قىلىپ مۇھاسىرە ئىستىھكاملىرىنى سالىمەن، پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن.
4 その時あなたは深い地の中から物言い、低いちりの中から言葉を出す。あなたの声は亡霊の声のように地から出、あなたの言葉はちりの中から、さえずるようである。
شۇنىڭ بىلەن پەس قىلىنىسەن، سەن يەر تېگىدىن سۆزلەيدىغان، گەپلىرىڭ پەستىن، يەنى توپا-چاڭدىن كېلىدىغان، ئاۋازىڭ ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىنىڭكىدەك يەر تېگىدىن چىقىدۇ، سۆزلىرىڭ توپا-چاڭدىن شىۋىرلاپ چىققاندەك بولىدۇ؛
5 しかしあなたのあだの群れは細かなちりのようになり、あらぶる者の群れは吹き去られるもみがらのようになる。また、にわかに、またたくまに、この事がある。
شۇ چاغدا دۈشمەنلىرىڭنىڭ توپى خۇددى يۇمشاق توپا-چاڭلاردەك، ياۋۇزلارنىڭ توپى شامال ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان توپاندەك توزۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىش بىردىنلا، تۇيۇقسىز بولىدۇ!
6 すなわち万軍の主は雷、地震、大いなる叫び、つむじ風、暴風および焼きつくす火の炎をもって臨まれる。
ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛ گۈلدۈرماما، يەر تەۋرەش، كۈچلۈك شاۋقۇن، قۇيۇنتاز، بوران ۋە يۇتۇۋالغۇچى ئوت يالقۇنلار بىلەن سەندىن ھېساب ئالىدۇ.
7 そしてアリエルを攻めて戦う国々の群れ、すなわちアリエルとその城を攻めて戦い、これを悩ます者はみな夢のように、夜の幻のようになる。
شۇنداق قىلىپ ئارىئەلگە قارشى جەڭ قىلىدىغان، يەنى ئۇنىڭغا ۋە قەلئە-قورغانلىق مۇداپىئەلەرگە جەڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى كېچىسى كۆرگەن چۈشتىكى كۆرۈنۈشتەك يوقاپ كېتىدۇ.
8 飢えた者が食べることを夢みても、さめると、その飢えがいえないように、あるいは、かわいた者が飲むことを夢みても、さめると、疲れてそのかわきがとまらないように、シオンの山を攻めて戦う国々の群れもそのようになる。
ئاچ قالغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، چۈشىدە بىر نېمە يەيدۇ؛ بىراق ئويغانسا، مانا قورسىقى قۇرۇق تۇرىدۇ؛ چاڭقىغان بىرسى چۈش كۆرگەندە، چۈشىدە سۇ ئىچىدۇ؛ بىراق ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ، ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛ مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ.
9 あなたがたは知覚を失って気が遠くなれ、目がくらんで盲となれ。あなたがたは酔っていよ、しかし酒のゆえではない、よろめけ、しかし濃き酒のゆえではない。
ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، قايمۇقۇپ كېتىڭلار! ئۆزۈڭلارنى قارىغۇ قىلىپ، قارىغۇ بولۇڭلار! ئۇلار مەست بولدى، بىراق شارابتىن ئەمەس! ئۇلار ئىلەڭلىشىپ قالدى، بىراق ھاراقتىن ئەمەس!
10 主が深い眠りの霊をあなたがたの上にそそぎ、あなたがたの目である預言者を閉じこめ、あなたがたの頭である先見者をおおわれたからである。
چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ، كۆزۈڭلارنى ئېتىۋەتتى؛ ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋە باش-كۆزۈڭلار بولغان ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى.
11 それゆえ、このすべての幻は、あなたがたには封じた書物の言葉のようになり、人々はこれを読むことのできる者にわたして、「これを読んでください」と言えば、「これは封じてあるから読むことができない」と彼は言う。
مۇشۇ كۆرگەن پۈتكۈل ۋەھىي بولسا، سىلەر ئۈچۈن پېچەتلىۋېتىلگەن بىر يۆگىمە كىتابدەك بولۇپ قالدى؛ خەق كىتابنى ساۋاتلىق بىرسىگە بېرىپ: ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېسە، ئۇ: ــ «ئوقۇيالمايمەن، چۈنكى پېچىتى بار ئىكەن» ــ دەيدۇ.
12 またその書物を読むことのできない者にわたして、「これを読んでください」と言えば、「読むことはできない」と彼は言う。
كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ: ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېيىلسە، ئۇ: ــ «مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ.
13 主は言われた、「この民は口をもってわたしに近づき、くちびるをもってわたしを敬うけれども、その心はわたしから遠く離れ、彼らのわたしをかしこみ恐れるのは、そらで覚えた人の戒めによるのである。
ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛
14 それゆえ、見よ、わたしはこの民に、再び驚くべきわざを行う、それは不思議な驚くべきわざである。彼らのうちの賢い人の知恵は滅び、さとい人の知識は隠される」。
شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛ كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ».
15 わざわいなるかな、おのが計りごとを主に深く隠す者。彼らは暗い中でわざを行い、「だれがわれわれを見るか、だれがわれわれのことを知るか」と言う。
ئۆزىنىڭ پۈككەن نىيەتلىرىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاستىن يەرگە كىرىۋالغان، ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا قىلىدىغان، ۋە «بىزنى كىم كۆرىدۇ» ۋە «كىم بىزنى بىلگەن» دېگەنلەرگە ۋاي!
16 あなたがたは転倒して考えている。陶器師は粘土と同じものに思われるだろうか。造られた物はそれを造った者について、「彼はわたしを造らなかった」と言い、形造られた物は形造った者について、「彼は知恵がない」と言うことができようか。
ئاھ، سىلەرنىڭ تەتۈرلۈكۈڭلار! ساپالچىنى سېغىز لايغا ئوخشاتقىلى بولامدۇ؟ شۇنداقلا ئىش ئۆزىنى ئىشلىگۈچىگە: «ئۇ مېنى ئىشلىمىگەن»، ياكى شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: «ئۇنىڭ ئەقلى يوق» دېسە بولامدۇ؟!
17 しばらくしてレバノンは変って肥えた畑となり、肥えた畑は林のように思われる時が来るではないか。
چۈنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟ مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟
18 その日、耳しいは書物の言葉を聞き、目しいの目はその暗やみから、見ることができる。
شۇ كۈنىدە گاسلار شۇ يۆگىمە كىتابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان، قارىغۇلار زۇلمەت ھەم قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ؛
19 柔和な者は主によって新たなる喜びを得、人のなかの貧しい者はイスラエルの聖者によって楽しみを得る。
مۆمىنلەر بولسا پەرۋەردىگاردىن تېخىمۇ خۇرسەن بولىدۇ؛ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىسكىنلەر ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدىن شادلىنىدۇ.
20 あらぶる者は絶え、あざける者はうせ、悪を行おうと、おりをうかがう者は、ことごとく断ち滅ぼされるからである。
رەھىمسىز بولغۇچى يوقايدۇ، مازاق قىلغۇچى غايىب بولىدۇ؛ قەبىھلىك پۇرسىتىنى كۈتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك قىلىنىدۇ؛
21 彼らは言葉によって人を罪に定め、町の門でいさめる者をわなにおとしいれ、むなしい言葉をかまえて正しい者をしりぞける。
مانا [مۇشۇنداق ئادەملەر] ئادەمنى بىر سۆز ئۈچۈنلا جىنايەتچى قىلىدۇ، دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ، ھەققانىي ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىۋېتىدۇ.
22 それゆえ、昔アブラハムをあがなわれた主は、ヤコブの家についてこう言われる、「ヤコブは、もはやはずかしめを受けず、その顔は、もはや色を失うことはない。
شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ، ھازىر بولسا ئۇ تىت-تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ؛
23 彼の子孫が、その中にわが手のわざを見るとき、彼らはわが名を聖とし、ヤコブの聖者を聖として、イスラエルの神を恐れる。
چۈنكى [ياقۇپ] قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇلار نامىمنى مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلايدىغان، ياقۇپنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىنى پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن قورقىدىغان بولىدۇ.
24 心のあやまれる者も、悟りを得、つぶやく者も教をうける」。
روھى ئېزىپ كەتكەنلەر يورۇتۇلىدىغان، قاقشاپ يۈرگەنلەر نەسىھەت-بىلىم قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ.

< イザヤ書 29 >