< イザヤ書 10 >

1 わざわいなるかな、不義の判決を下す者、暴虐の宣告を書きしるす者。
قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە، ئازابلىق پەرمان-ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي!
2 彼らは乏しい者の訴えを引き受けず、わが民のうちの貧しい者の権利をはぎ、寡婦の資産を奪い、みなしごのものをかすめる。
تۇل خوتۇنلارنى ئولجىمىز قىلايلى، يېتىم-يېسىرلارنى بۇلاپ-تالايلى دەپ، ئۇلار مىسكىنلەرگە ئادالەتنى بەرمەي، خەلقىمدىكى ئاجىز-بېچارىلەردىن ھوقۇقنى بۇلاپ كېتىدۇ.
3 あなたがたは刑罰の日がきたなら、何をしようとするのか。大風が遠くから来るとき、何をしようとするのか。あなたがたはのがれていって、だれに助けを求めようとするのか。また、どこにあなたがたの富を残そうとするのか。
ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، نېمە قىلىسىلەر؟ كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟
4 ただ捕われた者の中にかがみ、殺された者の中に伏し倒れるのみだ。それでも主の怒りはやまず、なおも、そのみ手を伸ばされる。
ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن، ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى! ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
5 ああ、アッスリヤはわが怒りのつえ、わが憤りのむちだ。
قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان، ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي!
6 わたしは彼をつかわして不信の国を攻め、彼に命じてわが怒りの民を攻め、かすめ奪わせ、彼らをちまたの泥のように踏みにじらせる。
مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا، [خەلقىمنى] كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن.
7 しかし彼はそのようには思わず、その心もそのようには考えず、かえってその心は滅ぼすことを思い、あまたの国々を倒そうとする。
بىراق [ئاسۇرىيەلىكنىڭ] كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش، كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
8 彼は言う、「わが諸侯はみな王ではないか。
ئۇ: ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟
9 カルノはカルケミシのようではないか。ハマテはアルパデのようではないか。サマリヤはダマスコのようではないか。
كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
10 わが手は偶像に仕える国々に伸びた。その彫った像はエルサレムおよびサマリヤのものにまさっていた。
مەبۇدلىرى سامارىيەنىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭكىدىن ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن، مېنىڭ قولۇم مۇشۇ مەبۇدقا تەۋە بولغان پادىشاھلىقلارغا ئىگە بولۇشقا يەتكۈدەك تۇرسا،
11 わたしはサマリヤとその偶像に行ったように、エルサレムとその偶像に行わぬであろうか」。
سامارىيە ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى قانداق قىلغان بولسام، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى ئوخشاشلا شۇنداق قىلمامدىمەن؟» ــ دەيدۇ.
12 主がシオンの山とエルサレムとになそうとすることを、ことごとくなし遂げられた時、主はアッスリヤ王の無礼な言葉と、その高ぶりとを罰せられる。
بىراق رەب زىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا پۈتكۈل جازا ئىشىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: ــ «مەن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىدىكى باشباشتاقلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى [ئۇنىڭغا چۈشۈرىمەن]، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كىبىرلىك نەزەرلىرىنى جازالايمەن» دەيدۇ.
13 彼は言う、「わが手の力により、またわが知恵によって、わたしはこれをなした。わたしは賢いからである。わたしはもろもろの民の境を除き、その財宝を奪った。またわたしは雄牛のように、位に座する者を引きおろした。
چۈنكى ئۇ: ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن، ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛ چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛ مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم، تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛
14 わが手は巣を取るように、もろもろの民の富を得た。またわたしは人々が捨てられた卵を集めるように、全地を取り集めた。あるいは翼を動かし、あるいは口を開き、あるいはぺちゃくちゃ言う者もなかった」。
مەن قولۇمنى بىر قۇش ئۇۋىسىغا ئۇزاتقاندەك ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئۇزاتتىم، بىرسى تاشلىۋېتىلگەن تۇخۇملارنى تەرگەندەك مەن پۈتكۈل دۇنيانى يىغقانمەن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرىمۇ قاناتلىرىنى پالاقلاتمىدى، تۇمشۇقىنى ئاچمىدى، ياكى چۇك-چۇك قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى» ــ دەيدۇ.
15 おのは、それを用いて切る者にむかって、自分を誇ることができようか。のこぎりは、それを動かす者にむかって、みずから高ぶることができようか。これはあたかも、むちが自分をあげる者を動かし、つえが木でない者をあげようとするのに等しい。
پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟ ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك، خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟!
16 それゆえ、主、万軍の主は、その肥えた勇士の中に病気を送って衰えさせ、その栄光の下に火の燃えるような炎を燃やされる。
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ [ئاسۇرىيەلكنىڭ] پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ.
17 イスラエルの光は火となり、その聖者は炎となり、そのいばらと、おどろとを一日のうちに焼き滅ぼす。
«ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ، ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ.
18 また、その林と土肥えた田畑の栄えを、魂も、からだも二つながら滅ぼし、病める者のやせ衰える時のようにされる。
ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ-ئېتىزلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ.
19 その林の木の残りのものはわずかであって、わらべもそれを書きとめることができる。
بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى، كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ.
20 その日にはイスラエルの残りの者と、ヤコブの家の生き残った者とは、もはや自分たちを撃った者にたよらず、真心をもってイスラエルの聖者、主にたより、
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ.
21 残りの者、すなわちヤコブの残りの者は大能の神に帰る。
بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ، يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.
22 あなたの民イスラエルは海の砂のようであっても、そのうちの残りの者だけが帰って来る。滅びはすでに定まり、義であふれている。
ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ [چۈنكى] ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛
23 主、万軍の主は定められた滅びを全地に行われる。
چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
24 それゆえ、主、万軍の主はこう言われる、「シオンに住むわが民よ、アッスリヤびとが、エジプトびとがしたように、むちをもってあなたを打ち、つえをあげてあなたをせめても、彼らを恐れてはならない。
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ « ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم، ئاسۇرىيەدىن قورقما! ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان، ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ،
25 ただしばらくして、わが憤りはやみ、わが怒りは彼らを滅ぼすからである。
پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا، سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ، غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن.
26 万軍の主は、むかしミデアンびとをオレブの岩で撃たれた時のように、彼らにむかって、むちをふるわれる。またそのつえを海の上にのばし、エジプトでなされたように、それをあげられる。
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛ ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ، ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛
27 その日には、彼の重荷はあなたの肩からおり、彼のくびきはあなたの首から離れる」。彼はリンモンから上り、
ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن، بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ مايلىرىڭ سەۋەبىدىن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ.
28 アイアテにきたり、ミグロンを過ぎ、ミクマシでその行李をとどめ、
مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن، مىخماشتا يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛
29 渡しを過ぎて、ゲバに宿る。ラマはおののき、サウルのギベアは逃げ去った。
ئۇلار بوسۇغا-داۋاندىن ئۆتكەن، گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛ راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛ سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛
30 ガリムの娘よ、声をあげて叫べ。ライシよ、耳を傾けよ。アナトテよ、彼に答えよ。
ئى گاللىمنىڭ قىزى، پەريادىڭنى كۆتۈر! ھەي لائىش، ئاڭلاپ قوي! ئى بىچارە ئاناتوت!
31 マデメナは逃げ去り、ゲビムの民は隠れ場を求めた。
مادمەناھ بولسا قاچتى؛ گېبىمدىكىلەر بەدەر قاچتى؛
32 この日彼はノブに立ちとどまり、シオンの娘の山、エルサレムの丘にむかって、その手を振る。
شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ زىئون قىزىنىڭ تېغىغا، يەنى يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ.
33 見よ、主、万軍の主は、恐ろしい力をもって枝を切りおろされる。たけの高いものも切り落され、そびえ立つものは低くされる。
مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار چوڭ شاخلارنى شىددەت بىلەن كېسىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئېگىز ئۆسكەنلەر كېسىپ يىقىتىلىدۇ؛ ھالى ئۈستۈنلەر پەسلەشتۈرۈلىدۇ.
34 主はおのをもって茂りあう林を切られる。みごとな木の茂るレバノンも倒される。
ئۇ تۆمۈر [قوراللار] بىلەن ئورمانلىقنىڭ باراقسان يەرلىرىنى كېسىپ قاقاسلىق قىلىۋېتىدۇ؛ لىۋان بولسا ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن يىقىتىلىدۇ.

< イザヤ書 10 >