< 創世記 44 >

1 さてヨセフは家づかさに命じて言った、「この人々の袋に、運べるだけ多くの食糧を満たし、めいめいの銀を袋の口に入れておきなさい。
ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ كىشىلەرنىڭ تاغارلىرىنى ئېلىپ كۆتۈرەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، ھەربىرىنىڭ پۇلىنى تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن؛
2 またわたしの杯、銀の杯をあの年下の者の袋の口に、穀物の代金と共に入れておきなさい」。家づかさはヨセフの言葉のとおりにした。
ئاندىن مېنىڭ جامىمنى، يەنى كۈمۈش جامنى ئاشلىقنىڭ پۇلى بىلەن بىللە ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم يۈسۈپنىڭ دېگىنىدەك قىلدى.
3 夜が明けると、その人々と、ろばとは送り出されたが、
ئەتىسى تاڭ يورىغاندا، ئۇلار ئېشەكلىرى بىلەن بىللە يولغا سېلىپ قويۇلدى.
4 町を出て、まだ遠くへ行かないうちに、ヨセフは家づかさに言った、「立って、あの人々のあとを追いなさい。追いついて、彼らに言いなさい、『あなたがたはなぜ悪をもって善に報いるのですか。なぜわたしの銀の杯を盗んだのですか。
لېكىن ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ ئادەملەرنىڭ كەينىدىن قوغلىغىن؛ ئۇلارغا يېتىشكىنىڭدە ئۇلارغا: «نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇردۇڭلار؟
5 これはわたしの主人が飲む時に使い、またいつも占いに用いるものではありませんか。あなたがたのした事は悪いことです』」。
خوجام شۇ [جامدا] شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! مۇنداق قىلغىنىڭلار رەزىللىك قىلغىنىڭلار بولمامدۇ!» دېگىن، ــ دېدى.
6 家づかさが彼らに追いついて、これらの言葉を彼らに告げたとき、
بۇ ئادەم ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى.
7 彼らは言った、「わが主は、どうしてそのようなことを言われるのですか。しもべらは決してそのようなことはいたしません。
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجىمىز نېمىشقا مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مۇنداق ئىشنى قىلىش كەمىنىلىرىدىن نېرى بولسۇن!
8 袋の口で見つけた銀でさえ、カナンの地からあなたの所に持ち帰ったほどです。どうして、われわれは御主人の家から銀や金を盗みましょう。
بىز ئەسلىدە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن تاپقان پۇلنىمۇ قانائان زېمىنىدىن سىلىنىڭ قاشلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەكەلگەنىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ خوجىلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئوغرىلايلى؟
9 しもべらのうちのだれの所でそれが見つかっても、その者は死に、またわれわれはわが主の奴隷となりましょう」。
كەمىنىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا كىمدىن بۇ [جام] تېپىلسا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن، بىزمۇ خوجىمىزنىڭ قۇللىرى بولايلى، ــ دېدى.
10 家づかさは言った、「それではあなたがたの言葉のようにしよう。杯の見つかった者はわたしの奴隷とならなければならない。ほかの者は無罪です」。
غوجىدار جاۋابەن: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردەك بولسۇن؛ جام كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ كىشى قۇلۇم بولۇپ قېلىپ قالسۇن، قالغانلىرىڭلار بىگۇناھ بولىسىلەر، ــ دېدى.
11 そこで彼らは、めいめい急いで袋を地におろし、ひとりひとりその袋を開いた。
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ، تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز تاغىرىنى ئېچىپ بەردى.
12 家づかさは年上から捜し始めて年下に終ったが、杯はベニヤミンの袋の中にあった。
غوجىدار چوڭىنىڭكىدىن باشلاپ كىچىكىنىڭكىگىچە ئاختۇردى، جام بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىلدى.
13 そこで彼らは衣服を裂き、おのおの、ろばに荷を負わせて町に引き返した。
بۇنى كۆرۈپ ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ھەربىرى ئېشىكىگە قايتىدىن يۈكنى ئارتىپ، شەھەرگە قايتتى.
14 ユダと兄弟たちとは、ヨセフの家にはいったが、ヨセフがなおそこにいたので、彼らはその前で地にひれ伏した。
شۇنداق قىلىپ يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كەلدى؛ ئۇ تېخى شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىشتى.
15 ヨセフは彼らに言った、「あなたがたのこのしわざは何事ですか。わたしのような人は、必ず占い当てることを知らないのですか」。
يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ بۇ سىلەرنىڭ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ مېنىڭدەك ئادەمنىڭ چوقۇم پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى.
16 ユダは言った、「われわれはわが主に何を言い、何を述べ得ましょう。どうしてわれわれは身の潔白をあらわし得ましょう。神がしもべらの罪をあばかれました。われわれと、杯を持っていた者とは共にわが主の奴隷となりましょう」。
يەھۇدا جاۋابەن: ــ بىز خوجىمىزغا نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟ نېمە گەپ قىلالايمىز، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا كەمىنلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارا قىلدى. مانا، بىز ۋە قولىدىن جاملىرى تېپىلغان كىشى ھەممىمىز خوجىمىزغا قۇل بولىدىغان بولدۇق، ــ دېدى.
17 ヨセフは言った、「わたしは決してそのようなことはしない。杯を持っている者だけがわたしの奴隷とならなければならない。ほかの者は安全に父のもとへ上って行きなさい」。
لېكىن يۈسۈپ: ــ مۇنداق قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! بەلكى جام كىمنىڭ قولىدىن تېپىلغان بولسا پەقەت شۇ كىشى مېنىڭ قۇلۇم بولىدۇ. لېكىن قالغانلىرىڭلار ئامان-ئېسەن ئاتاڭلارنىڭ قېشىغا كېتىڭلار، ــ دېدى.
18 この時ユダは彼に近づいて言った、「ああ、わが主よ、どうぞわが主の耳にひとこと言わせてください。しもべをおこらないでください。あなたはパロのようなかたです。
ئاندىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي خوجام، كەمىنىلىرىگە قۇلاق سېلىپ خوجامنىڭ قۇلىقىغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا. غەزەپلىرى كەمىنىلىرىگە تۇتاشمىغاي؛ چۈنكى ئۆزلىرى پىرەۋنگە ئوخشاش ئىكەنلا.
19 わが主はしもべらに尋ねて、『父があるか、また弟があるか』と言われたので、
ئەسلىدە خوجام كەمىنىلىرىدىن: «ئاتاڭلار يا ئىنىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدىلا،
20 われわれはわが主に言いました、『われわれには老齢の父があり、また年寄り子の弟があります。その兄は死んで、同じ母の子で残っているのは、ただこれだけですから父はこれを愛しています』。
بىز خوجىمىزغا جاۋابەن: «بىزنىڭ بىر قېرى ئاتىمىز بار ۋە ئۇ قېرىغاندا تاپقان، ياش بىر بالىسىمۇ بار. بۇ بالىنىڭ بىر ئانىسىدىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى؛ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىنتايىن سۆيىدۇ» دېسەك،
21 その時あなたはしもべらに言われました、『その者をわたしの所へ連れてきなさい。わたしはこの目で彼を見よう』。
سىلى كەمىنىلىرىگە: «ئۇنىڭ ئۆزىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دېدىلە.
22 われわれはわが主に言いました。『その子供は父を離れることができません。もし父を離れたら父は死ぬでしょう』。
بىز خوجىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «يىگىت ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئەگەر ئاتىسىدىن ئايرىلسا، ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېسەك،
23 しかし、あなたはしもべらに言われました、『末の弟が一緒に下ってこなければ、おまえたちは再びわたしの顔を見ることはできない』。
سىلى يەنىلا كەمىنىلىرىگە: «ئەگەر كىچىك ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى يەنە كۆرىمىز دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەنىدىلا.
24 それであなたのしもべである父のもとに上って、わが主の言葉を彼に告げました。
شۇنىڭ بىلەن بىز كەمىنىلىرى ئاتىمىزنىڭ قېشىغا بارغاندا خوجامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتتۇق؛
25 ところで、父が『おまえたちは再び行って、われわれのために少しの食糧を買ってくるように』と言ったので、
ئاندىن ئاتىمىز يەنە: «يەنە بېرىپ، بىزگە ئازراق ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار» دېۋىدى،
26 われわれは言いました、『われわれは下って行けません。もし末の弟が一緒であれば行きましょう。末の弟が一緒でなければ、あの人の顔を見ることができません』。
بىز جاۋابەن: «بىز شۇ يەرگە قايتىدىن چۈشەلمەيمىز؛ ئەگەر كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولسا، ئۇنداقتا بارىمىز؛ چۈنكى كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولمىسا، ئۇ زاتنىڭ يۈزى ئالدىدا تۇرالمايمىز»، دېدۇق.
27 あなたのしもべである父は言いました、『おまえたちの知っているとおり、妻はわたしにふたりの子を産んだ。
سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بىزگە يەنە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم ماڭا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى.
28 ひとりは外へ出たが、きっと裂き殺されたのだと思う。わたしは今になっても彼を見ない。
بىرى مېنىڭ يېنىمدىن چىقىپ، يوق بولۇپ كەتتى؛ مەن: ئۇ جەزمەن تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ، دەپ ئويلىدىم، شۇنداقلا ئۇنى بۈگۈنگىچە كۆرمىدىم.
29 もしおまえたちがこの子をもわたしから取って行って、彼が災に会えば、おまえたちは、しらがのわたしを悲しんで陰府に下らせるであろう』。 (Sheol h7585)
ئەمدى سىلەر بۇنىمۇ مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر»، دېگەنىدى. (Sheol h7585)
30 わたしがあなたのしもべである父のもとに帰って行くとき、もしこの子供が一緒にいなかったら、どうなるでしょう。父の魂は子供の魂に結ばれているのです。
ئەمدى مەن سىلىنىڭ قۇللىرى مېنىڭ ئاتامنىڭ قېشىغا بارغاندا، شۇ بالا بىز بىلەن بولمىسا ئۇنىڭ جېنى بالىنىڭ جېنىغا باغلانغان بولغاچقا،
31 この子供がわれわれと一緒にいないのを見たら、父は死ぬでしょう。そうすればしもべらは、あなたのしもべであるしらがの父を悲しんで陰府に下らせることになるでしょう。 (Sheol h7585)
شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ بالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسە، جەزمەن ئۆلۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان بۇ ئاق چاچنى دەرد-ئەلەم ئىچىدە تەھتىساراغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولىمىز. (Sheol h7585)
32 しもべは父にこの子供の身を請け合って『もしわたしがこの子をあなたのもとに連れ帰らなかったら、わたしは父に対して永久に罪を負いましょう』と言ったのです。
چۈنكى مەنكى كەمىنىلىرى ئاتامغا بۇ يىگىت ئۈچۈن كېپىل بولۇپ: «ئەگەر مەن ئۇنى قېشىڭغا قايتۇرۇپ كەلمىسەم پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئاتامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي» دېگەنىدىم.
33 どうか、しもべをこの子供の代りに、わが主の奴隷としてとどまらせ、この子供を兄弟たちと一緒に上り行かせてください、
شۇڭا ھازىر ئۆتۈنۈپ قالاي، مەنكى كەمىنىلىرى ئۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا خوجامنىڭ قېشىدا قۇل بولۇپ تۇرسام، ئۇ يىگىت قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسە!
34 この子供を連れずに、どうしてわたしは父のもとに上り行くことができましょう。父が災に会うのを見るに忍びません」。
چۈنكى يىگىت مەن بىلەن بولمىسا، مەن قانداقمۇ ئاتامنىڭ قېشىغا بارالايمەن؟ ئاتامغا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چۈشۈشىنى كۆزۈم كۆرگۈچى بولمىسۇن! ــ دېدى.

< 創世記 44 >