< 創世記 13 >

1 アブラムは妻とすべての持ち物を携え、エジプトを出て、ネゲブに上った。ロトも彼と共に上った。
شۇنىڭ بىلەن ئابرام ئايالى ۋە ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ھەمدە لۇتنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قانائاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگەۋ يۇرتىغا ماڭدى.
2 アブラムは家畜と金銀に非常に富んでいた。
ئۇ چاغدا ئابرامنىڭ مال-ۋاران ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى كۆپ بولۇپ، خېلىلا باي ئىدى.
3 彼はネゲブから旅路を進めてベテルに向かい、ベテルとアイの間の、さきに天幕を張った所に行った。
ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت-ئەلگە، يەنى بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا،
4 すなわち彼が初めに築いた祭壇の所に行き、その所でアブラムは主の名を呼んだ。
قۇربانگاھ ياسىغان جايغا قايتىپ كەلدى. ئابرام شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى.
5 アブラムと共に行ったロトも羊、牛および天幕を持っていた。
ئابرام بىلەن بىللە ماڭغان لۇتنىڭمۇ قوي-كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرى بار ئىدى.
6 その地は彼らをささえて共に住ませることができなかった。彼らの財産が多かったため、共に住めなかったのである。
ئەمدى ئۇلار بىللە تۇرسا، زېمىن ئۇلارنى قامدىيالمايتتى؛
7 アブラムの家畜の牧者たちとロトの家畜の牧者たちの間に争いがあった。そのころカナンびととペリジびとがその地に住んでいた。
بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى).
8 アブラムはロトに言った、「わたしたちは身内の者です。わたしとあなたの間にも、わたしの牧者たちとあなたの牧者たちの間にも争いがないようにしましょう。
شۇڭا ئابرام لۇتقا: ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولمىسۇن.
9 全地はあなたの前にあるではありませんか。どうかわたしと別れてください。あなたが左に行けばわたしは右に行きます。あなたが右に行けばわたしは左に行きましょう」。
مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى.
10 ロトが目を上げてヨルダンの低地をあまねく見わたすと、主がソドムとゴモラを滅ぼされる前であったから、ゾアルまで主の園のように、またエジプトの地のように、すみずみまでよく潤っていた。
ئۇ ۋاقىتتا لۇت نەزەر سېلىپ كۆردىكى، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بارلىق تۈزلەڭلىكنىڭ زوئار شەھىرىگىچە ھەممىلا يەرنىڭ سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى؛ پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گوموررانى ۋەيران قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر بەئەينى پەرۋەردىگارنىڭ بېغى، مىسىر زېمىنىدەك ئىدى.
11 そこでロトはヨルダンの低地をことごとく選びとって東に移った。こうして彼らは互に別れた。
شۇنىڭ بىلەن لۇت ئۆزىگە ئىئوردان ۋادىسىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى تاللىۋالدى؛ ئاندىن لۇت مەشرىق تەرەپكە كۆچۈپ باردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئايرىلدى.
12 アブラムはカナンの地に住んだが、ロトは低地の町々に住み、天幕をソドムに移した。
ئابرام قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى؛ لۇت بولسا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىسىدا تۇردى؛ ئۇ بارا-بارا چېدىرلىرىنى سودوم شەھىرى تەرەپكە يۆتكىدى.
13 ソドムの人々はわるく、主に対して、はなはだしい罪びとであった。
سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.
14 ロトがアブラムに別れた後に、主はアブラムに言われた、「目をあげてあなたのいる所から北、南、東、西を見わたしなさい。
لۇت ئابرامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ سەن ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن شىمال ۋە جەنۇبقا، مەشرىق ۋە مەغرىپ تەرەپكە قارىغىن؛
15 すべてあなたが見わたす地は、永久にあなたとあなたの子孫に与えます。
چۈنكى سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ۋە نەسلىڭگە مەڭگۈلۈك بېرىمەن.
16 わたしはあなたの子孫を地のちりのように多くします。もし人が地のちりを数えることができるなら、あなたの子孫も数えられることができましょう。
سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى توپىدەك كۆپ قىلىمەن؛ شۇنداقكى، ئەگەر بىرسى يەردىكى توپىنى ساناپ چىقالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىمۇ ساناپ چىقالىشى مۇمكىن بولىدۇ.
17 あなたは立って、その地をたてよこに行き巡りなさい。わたしはそれをあなたに与えます」。
ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.
18 アブラムは天幕を移してヘブロンにあるマムレのテレビンの木のかたわらに住み、その所で主に祭壇を築いた。
شۇڭا ئابرام چېدىرلىرىنى يۆتكەپ، ھېبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىدى.

< 創世記 13 >