< 創世記 11 >

1 全地は同じ発音、同じ言葉であった。
ئۇ زاماندا پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ھەم سۆز بىرخىل ئىدى.
2 時に人々は東に移り、シナルの地に平野を得て、そこに住んだ。
لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئادەملەر مەشرىق تەرەپكە سەپەر قىلىپ، شىنار يۇرتىدا بىر تۈزلەڭلىكنى ئۇچرىتىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.
3 彼らは互に言った、「さあ、れんがを造って、よく焼こう」。こうして彼らは石の代りに、れんがを得、しっくいの代りに、アスファルトを得た。
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى.
4 彼らはまた言った、「さあ、町と塔とを建てて、その頂を天に届かせよう。そしてわれわれは名を上げて、全地のおもてに散るのを免れよう」。
ئۇلار يەنە: ــ كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزۈمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە ئۇچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى! شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە بىر نام تىكلىيەلەيمىز. بولمىسا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىلىپ كېتىمىز، ــ دېيىشتى.
5 時に主は下って、人の子たちの建てる町と塔とを見て、
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئادەم بالىلىرى بىنا قىلىۋاتقان شەھەر بىلەن مۇنارنى كۆرگىلى چۈشتى.
6 言われた、「民は一つで、みな同じ言葉である。彼らはすでにこの事をしはじめた。彼らがしようとする事は、もはや何事もとどめ得ないであろう。
پەرۋەردىگار: ــ «مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قوۋمدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ھېچ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
7 さあ、われわれは下って行って、そこで彼らの言葉を乱し、互に言葉が通じないようにしよう」。
شۇڭا بىز تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئۇقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى [باشقا-باشقا قىلىپ] قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى» ــ دېدى.
8 こうして主が彼らをそこから全地のおもてに散らされたので、彼らは町を建てるのをやめた。
شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرنى ياساشتىن توختاپ قالدى.
9 これによってその町の名はバベルと呼ばれた。主がそこで全地の言葉を乱されたからである。主はそこから彼らを全地のおもてに散らされた。
شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ نامى «بابىل» دەپ ئاتالدى؛ چۈنكى ئۇ يەردە پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى.
10 セムの系図は次のとおりである。セムは百歳になって洪水の二年の後にアルパクサデを生んだ。
تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ توپان ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شەم يۈز يېشىدا، ئۇنىڭدىن ئارفاكشاد تۆرەلدى.
11 セムはアルパクサデを生んで後、五百年生きて、男子と女子を生んだ。
ئارفاكشاد تۇغۇلغاندىن كېيىن شەم بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
12 アルパクサデは三十五歳になってシラを生んだ。
ئارفاكشاد ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن شېلاھ تۆرەلدى.
13 アルパクサデはシラを生んで後、四百三年生きて、男子と女子を生んだ。
شېلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئارفاكشاد تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
14 シラは三十歳になってエベルを生んだ。
شېلاھ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېبەر تۆرەلدى.
15 シラはエベルを生んで後、四百三年生きて、男子と女子を生んだ。
ئېبەر تۇغۇلغاندىن كېيىن شېلاھ تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
16 エベルは三十四歳になってペレグを生んだ。
ئېبەر ئوتتۇز تۆت ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن پەلەگ تۆرەلدى.
17 エベルはペレグを生んで後、四百三十年生きて、男子と女子を生んだ。
پەلەگ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېبەر تۆت يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
18 ペレグは三十歳になってリウを生んだ。
پەلەگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن رەئۇ تۆرەلدى.
19 ペレグはリウを生んで後、二百九年生きて、男子と女子を生んだ。
رەئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن پەلەگ ئىككى يۈز توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
20 リウは三十二歳になってセルグを生んだ。
رەئۇ ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن سېرۇگ تۆرەلدى.
21 リウはセルグを生んで後、二百七年生きて、男子と女子を生んだ。
سېرۇگ تۇغۇلغاندىن كېيىن رەئۇ ئىككى يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
22 セルグは三十歳になってナホルを生んだ。
سېرۇگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ناھور تۆرەلدى.
23 セルグはナホルを生んで後、二百年生きて、男子と女子を生んだ。
ناھور تۇغۇلغاندىن كېيىن سېرۇگ ئىككى يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
24 ナホルは二十九歳になってテラを生んだ。
ناھور يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن تەراھ تۆرەلدى.
25 ナホルはテラを生んで後、百十九年生きて、男子と女子を生んだ。
تەراھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھور بىر يۈز ئون توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى.
26 テラは七十歳になってアブラム、ナホルおよびハランを生んだ。
تەراھ يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى.
27 テラの系図は次のとおりである。テラはアブラム、ナホルおよびハランを生み、ハランはロトを生んだ。
تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى؛ ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.
28 ハランは父テラにさきだって、その生れた地、カルデヤのウルで死んだ。
لېكىن ھاران تۇغۇلغان يۇرتى بولغان، كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھنىڭ ئالدىدا، تەراھتىن ئىلگىرى ئۆلدى.
29 アブラムとナホルは妻をめとった。アブラムの妻の名はサライといい、ナホルの妻の名はミルカといってハランの娘である。ハランはミルカの父、またイスカの父である。
ئابرام بىلەن ناھور ئىككىسى ئۆيلەندى. ئابرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ساراي، ناھورنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مىلكاھ ئىدى؛ مىلكاھ ھاراننىڭ قىزى ئىدى؛ ھاران بولسا مىلكاھ ۋە ئىسكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.
30 サライはうまずめで、子がなかった。
لېكىن ساراي تۇغماس بولغاچقا، ئۇنىڭ بالىسى يوق ئىدى.
31 テラはその子アブラムと、ハランの子である孫ロトと、子アブラムの妻である嫁サライとを連れて、カナンの地へ行こうとカルデヤのウルを出たが、ハランに着いてそこに住んだ。
تەراھ بولسا ئوغلى ئابرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينى ئېلىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى؛ بىراق ئۇلار ھاران دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
32 テラの年は二百五歳であった。テラはハランで死んだ。
تەراھنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئىككى يۈز بەش يىل بولۇپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى.

< 創世記 11 >