< エゼキエル書 6 >

1 主の言葉が、わたしに臨んで言った、
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 「人の子よ、あなたの顔をイスラエルの山々に向け、預言して、
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەپ بېشارەت بەرگىن: ــ
3 言え。イスラエルの山々よ、主なる神の言葉を聞け。主なる神は山と丘と、谷と川に向かって、こう言われる、見よ、わたしはつるぎをあなたがたに送り、あなたがたの高き所を滅ぼす。
«ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: رەب پەرۋەردىگار تاغلار ۋە ئېگىزلىكلەرگە، ۋادىلار ۋە جىلغىلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچنى چۈشۈرۈپ، «يۇقىرى جاي»لىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن.
4 あなたがたの祭壇は荒され、あなたがたの香の祭壇はこわされる。わたしはあなたがたの偶像の前に、あなたがたの殺された者を投げ出す。
شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قۇربانگاھلىرىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار بۇزۇلىدۇ؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى بۇتلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا تاشلايمەن.
5 わたしはイスラエルの民の死体を彼らの偶像の前に置き、骨をあなたがたの祭壇のまわりに散らす。
ئىسرائىللاردىن بولغان ئۆلۈكلەرنى ئۆز بۇتلىرى ئالدىغا ياتقۇزىمەن؛ قۇربانگاھلىرىڭلار ئەتراپىغا ئۇستىخانلىرىنى چېچىۋېتىمەن.
6 すべてあなたがたの住む所で町々は滅ぼされ、高き所は荒される。こうしてあなたがたの祭壇はこわし荒され、あなたがたの偶像は砕かれて滅び、あなたがたの香の祭壇は倒され、あなたがたのわざは消し去られる。
سىلەر تۇرغان بارلىق جايلاردا شەھەرلەر يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، «يۇقىرى جايلار» ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھلىرىڭلار ھالاك بولىدۇ، بۇتلىرىڭلار چېقىلىپ يوقىلىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار كېسىلىپ غۇلىتىلىدۇ، ۋە ھەممە ياسىغىنىڭلار يوق قىلىۋېتىلىدۇ؛
7 また殺された者はあなたがたのうちに倒れる。これによって、あなたがたはわたしが主であることを知るようになる。
ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاراڭلاردا يىقىلىشى بىلەن، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
8 わたしは、あなたがたのある者を生かしておく。あなたがたが、つるぎをのがれて国々の中におり、国々に散らされる時、
بىراق مەن سىلەردىن بىر قالدىنى قالدۇرىمەن؛ چۈنكى يات مەملىكەتلەرگە تارقىتىۋېتىلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ئەللەر ئارىسىدا قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولىدۇ.
9 あなたがたのうちののがれた者は、その捕え移された国々の中でわたしを思い出す。これはわたしが、彼らのわたしを離れた姦淫の心と、偶像を慕って姦淫を行う目をくじくからである。そして彼らはそのもろもろの憎むべきことと、その犯した悪のために、みずからをいとうようになる。
ۋە سىلەردىن [قىلىچتىن] قۇتۇلۇپ قالغانلار سۈرگۈن قىلىنغان مەملىكەتلەردە مەندىن يانغان ۋاپاسىز قەلبلىرى ۋە بۇتلىرىغا پاھىشىۋازلاردەك ھەۋەس قىلغان كۆزلىرى بىلەن باغرىمنى پارە-پارە قىلغانلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلغان رەزىللىكلىرى ھەم يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز-ئۆزلىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ.
10 そして彼らはわたしが主であることを知る。この災を彼らに対して下すと、わたしが言ったのは決してむなしい事ではない」。
ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ مەن مۇشۇ كۈلپەتنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن دېگەنلىكىم بىكاردىن-بىكار ئەمەس».
11 主なる神はこう言われる、「あなたは手を打ち、足を踏みならして言え。ああ、イスラエルの家のすべての悪しき憎むべき者はわざわいだ。彼らはつるぎと、ききんと、疫病に倒れるからである。
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئالىقىنىڭنى-ئالىقىنىڭغا ئۇرۇپ، پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن: «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق قەبىھ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ۋاي! چۈنكى ئۇلار قىلىچ، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلى بىلەن يىقىلىدۇ» ــ دېگىن!
12 遠くにいる者は疫病で死に、近くにいる者はつるぎに倒れる。生き残って身を全うする者はききんによって死ぬ。このようにわたしはわが憤りを彼らの上に漏らし尽す。
يىراقتا تۇرغان ۋابادىن ئۆلىدۇ؛ يېقىندا تۇرغان قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ ھەم تىرىك قالغان، يەنى مۇھاسىرىگە چۈشكەن كىشى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا بولغان قەھرىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن.
13 彼らの殺される者がその偶像の中にあり、その祭壇のまわりにあり、すべての高き丘の上にあり、すべての山の頂にあり、すべての青木の下にあり、すべての茂ったかしの木の下にあり、彼らがこうばしいかおりを、すべての偶像にささげた所にある時、あなたがたはわたしが主であることを知るのである。
ئەمدى ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۆز بۇتلىرى ئارىسىدا، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى ئەتراپىدا، ئۆز بۇتلىرىغا خۇشبۇي ياققان ھەر بىر ئېگىز دۆڭ ئۈستىدە، تاغ چوققىلىرىدا، بارلىق يېشىل دەرەخ ۋە باراقسان دۇب ئاستىدا ياتقان چاغدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.
14 わたしはまた手を彼らの上に伸べて、その地を荒し、すべて彼らの住む所を、荒野からリブラまで荒れ地とする。これによって彼らはわたしが主であることを知るようになる」。
ۋە مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سوزىمەن، ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى دىبلاتتىكى چۆل-باياۋاندىن بەتتەر ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».

< エゼキエル書 6 >