< エゼキエル書 27 >

1 主の言葉がわたしに臨んだ、
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 「人の子よ、ツロのために悲しみの歌をのべ、
سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، تۇر توغرۇلۇق بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ
3 海の入口に住んで、多くの海沿いの国々の民の商人であるツロに対して言え、主なる神はこう言われる、ツロよ、あなたは言った、『わたしの美は完全である』と。
ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق، دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر بىلەن سودىلاشقۇچى، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى تۇر، سەن «مېنىڭ گۈزەللىكىم كامالەتكە يەتتى!» دېدىڭ.
4 あなたの境は海の中にあり、あなたの建設者はあなたの美を完全にした。
سېنىڭ چېگرالىرىڭ بولسا دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى؛ سېنى ياسىغانلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزدى.
5 人々はセニルのもみの木であなたのために船板を造り、レバノンから香柏をとって、あなたのために帆柱を造り、
ئۇلار بارلىق تاختايلىرىڭنى سېنىردىكى قارىغايلاردىن ياسىغان؛ ساڭا موما ئۈچۈن ئۇلار لىۋاندىن كېدىر دەرىخىنى ئېپكەلگەن؛
6 バシャンのかしの木で、あなたのためにかいを造り、クプロの島から来る松の木に象牙をはめて、あなたのために甲板を造った。
پالاقلىرىڭنى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرىدىن ياسىغان؛ پالۇباڭنى سەمشىت دەرەخلىرىدىن ياساپ، كۇپروس دېڭىز بويىدىكى پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن.
7 あなたの帆はエジプトから来るあや布であって、あなたの旗に用いられ、あなたのおおいはエリシャの海岸から来る青と紫の布である。
يەلكىنىڭ مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن كەشتىلىك لىباستىن ياسالغان، ئۇ ساڭا تۇغ بولغان؛ سايىۋىنىڭ بولسا دېڭىز بويىدىكى ئېلىشاھدىكى كۆك ۋە سۆسۈن رەختلەردىن ئىدى؛
8 あなたのこぎ手は、シドンとアルワデの住民、あなたのかじとりは、あなたのうちにいる熟練なゼメルの人々である。
زىدوندىكىلەر ھەم ئارۋادتىكىلەر سېنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرىڭ ئىدى؛ سەندە بولغان دانىشمەنلەر، ئى تۇر، سېنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىڭ ئىدى.
9 ゲバルの老人たち、およびその熟練な人々は、あなたのうちにいて漏りを繕い、海のすべての船およびその船員らはあなたのうちにいて、あなたの商品を交易する。
گەبالدىكى ئاقساقاللار ۋە ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى سەندە بولۇپ، كاۋاكلىرىڭنى ئېتەتتى؛ دېڭىز-ئوكياندىكى بارلىق كېمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دېڭىزچىلىرى مال ئالماشتۇرۇشقا يېنىڭغا كېلەتتى.
10 ペルシャ人、ルデびと、プテびとはあなたの軍に加わって、あなたの戦士となる。彼らはあなたのうちに、盾とかぶとを掛け、あなたに輝きをそえた。
پارسلار، لۇدتىكىلەر، لىۋىيەدىكىلەر قوشۇنغا تىزىملىنىپ، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ بولغان؛ ئۇلار قالقان-دۇبۇلغىلىرىنى ئۈستۈڭگە ئېسىپ، سېنى ھەيۋەتلىك قىلغان؛
11 アルワデとヘレクの人々は、あなたの周囲の城壁の上にあり、ガマデの人々は、あなたのやぐらの中にあり、彼らは、あなたの周囲の城壁にその盾を掛けて、あなたの美観を全うした。
ئارۋادتىكىلەر قوشۇنىڭ بىلەن ھەر تەرىپىڭدە سېپىللىرىڭدا تۇرۇپ كۆزەتتە بولغان؛ گاممادتىكىلەرمۇ مۇنارلىرىڭدا تۇرغان؛ ئۇلار قالقان-قوراللىرىنى ئەتراپىڭغا، سېپىللىرىڭغا ئېسىپ قويغان؛ ئۇلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزگەن؛
12 あなたはそのすべての貨物に富むゆえに、タルシシはあなたと交易をなし、銀、鉄、すず、鉛をあなたの商品と交換した。
تاۋارلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن تارشىش ساڭا خېرىدار بولغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن تېگىشىپ بەرگەن.
13 ヤワン、トバル、およびメセクはあなたと取引し、彼らは人身と青銅の器とを、あなたの商品と交換した。
جاۋان، تۇبال ۋە مەشەك سەن بىلەن سودا قىلغان؛ ئۇلار تاۋارلىرىڭغا ئادەملەرنىڭ جانلىرى، مىس قاچا-قازانلارنى تېگىشكەن.
14 ベテ・トガルマは馬、軍馬、および騾馬をあなたの商品と交換した。
تورگاماھ جەمەتىدىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭ ئۈچۈن ئاتلار، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
15 ローヅ島の人々はあなたと取引し、多くの海沿いの国々は、あなたの市場となり、象牙と黒たんとを、みつぎとしてあなたに持ってきた。
دېداندىكىلەر سەن بىلەن سودىلاشقان؛ دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ خەلق ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار ساڭا دەندان، ئەبنۇس ياغىچىنى تۆلىگەن؛
16 あなたの製品が多いので、エドムはあなたと商売し、彼らは赤玉、紫、縫い取りの布、細布、さんご、めのうをもって、あなたの商品と交換した。
سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار مەھسۇلاتلىرىڭغا ماۋى ياقۇتلار، سۆسۈن رەختلەرنى، كەشتىلەرنى، نەپىس كاناپ رەختلەرنى، مارجانلارنى، قىزىل ياقۇتلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
17 ユダとイスラエルの地は、あなたと取引し、麦、オリブ、いちじく、蜜、油、および乳香をもって、あなたの商品と交換した。
يەھۇدا ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىكىلەردىنمۇ سەن بىلەن سودىلاشقۇچىلار بولغان؛ تاۋارلىرىڭغا ئۇلار مىننىتنىڭ بۇغدايلىرى، پېچىنىلەر، ھەسەل، زەيتۇن مېيى، مەلھەم دورىلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
18 あなたの製品が多く、あなたの富が多いので、ダマスコはあなたと取引し、ヘルボンの酒と、さらした羊毛と、
دەمەشق قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن، ھەرخىل بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ساڭا خېرىدار بولۇپ ساڭا خەلبوننىڭ شارابلىرىنى، ئاق يۇڭلارنى تېگىشىپ بەرگەن.
19 ウザルの酒をもって、あなたの商品と交換し、銑鉄、肉桂、菖蒲をもって、あなたの商品と交易した。
ۋېدان ۋە ئۇزالدىن چىققان جاۋاندىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭغا سوقۇلغان تۆمۈر، قوۋزاقدارچىن، ئېگىرنى تېگىشكەنىدى.
20 デダンは乗物の鞍敷をもって、あなたと取引した。
دېدان ساڭا ئات توقۇملىرىنى تېگىشىپ بەرگەن؛
21 アラビヤびと、およびケダルのすべての君たちは小羊、雄羊、やぎをもって、あなたと取引し、これらの物をあなたと交易した。
ئەرەبىستان ۋە كېداردىكى بارلىق شاھزادىلەر ساڭا خېرىدار بولدى؛ ساڭا پاخلانلار، قوچقارلار ۋە ئۆچكىلەرنى تېگىشىپ بەرگەن.
22 シバとラアマの商人は、あなたと取引し、もろもろの尊い香料と、もろもろの宝石と金とをもって、あなたの商品と交換した。
شېبا ھەم رائاماھدىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار ھەرخىل سەرخىل تېتىتقۇلار، قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە ئالتۇن ئالماشتۇرۇپ بەرگەن.
23 ハラン、カンネ、エデン、アッスリヤ、キルマデはあなたと取引した。
ھاران، كاننەھ، ئېدەندىكىلەر ۋە شېبا، ئاشۇر، خىلمادتىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛
24 彼らは、はなやかな衣服と、青く縫い取りした布と、ひもで結んで、じょうぶにした敷物などをもって、あなたと取引した。
ئۇلار ساڭا ھەشەمەتلىك كىيىم-كېچەك، سۆسۈن رەختلەر ۋە كەشتىلەر، رەڭمۇرەڭ گىلەملەرنى تېگىشىپ بەرگەن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈنچەكلىنىپ تانا-ئارغامچىلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ، بازارىڭغا كىردى.
25 タルシシの船はあなたの商品を運んでまわった。あなたは海の中にいて満ち足り、いたく栄えた。
تارشىشتىكى كېمىلەر تاۋارلىرىڭنى كۆتۈرگەن كارۋانلاردەك بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا مال بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنسەن؛
26 あなたのこぎ手らはあなたを大海の中に進め、海の中で東風があなたの船を破った。
سېنىڭ پالاق ئورغۇچىلىرىڭ سېنى ئۇلۇغ سۇلارغا ئاپاردى؛ شەرق شامىلى سېنى دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا پارە-پارە قىلىۋەتتى؛
27 あなたの財宝、あなたの貨物、あなたの商品、あなたの船員、あなたのかじ取り、あなたの漏りを繕う者、あなたの商品を商う者、あなたの中にいるすべての軍人、あなたの中にいるすべての仲間は皆、あなたの破滅の日に海の中に沈む。
سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭ، بازارلىرىڭ، دېڭىزچىلىرىڭ ۋە يول باشلىغۇچىلىرىڭ، كاۋاكلىرىڭنى ئەتكۈچىلەر، سەن بىلەن سودىلاشقان سودىگەرلەر، سەندە بولغان بارلىق لەشكەرلىرىڭ، جۈملىدىن ئاراڭدا توپلانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كۈنۈڭدە ئۆرۈلۈپ دېڭىز-ئوكياننىڭ قوينىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ.
28 あなたのかじ取りの叫び声に、近郷は震い、
يول باشلىغۇچىلىرىڭنىڭ ئاھ-زارلىرىدىن دالادىكىلەر تەۋرەپ كېتىدۇ.
29 すべてかいをとる者は船からくだる。船員および海のすべてのかじ取りは海べに立ち、
پالاق ئورغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، دېڭىزچىلار، دېڭىزدا بارلىق يول باشلىغۇچىلار ئۆز كېمىلىرىدىن چۈشىدۇ؛ ئۇلار قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ؛
30 あなたのために声をあげて泣き、はげしく叫び、ちりをこうべにかぶり、灰の中にまろび、
ئۇلار ساڭا قاراپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، قاتتىق ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار توپا-چاڭ چىقىرىپ بېشىغا چاچىدۇ؛ ئۇلار كۈللەر ئىچىدە ئېغىنايدۇ.
31 あなたのために髪をそり、荒布をまとい、あなたのために心を痛めて泣き、はげしく嘆く。
ئۇلار سېنى دەپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزلىرىنى تاز قىلىپ، بۆز كىيىملەرگە ئورايدۇ؛ ئۇلار قاتتىق ماتەم تۇتۇپ سەن ئۈچۈن زور دەرد-ئەلەم ئىچىدە يىغلايدۇ.
32 彼らは悲しんで、あなたのために悲しみの歌をのべ、あなたを弔って言う、『だれかツロのように海の中で滅びたものがあるか。
ئۇلار ئاھ-زارلىرىنى كۆتۈرگىنىدە سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ، سەن توغرۇلۇق ھازا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇر دېڭىز-ئوكيانلار ئوتتۇرىسىدا، ھازىر جىمجىت قىلىنغان! ئەسلى كىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيتتى؟
33 あなたの商品が海を越えてきた時、あなたは多くの民を飽かせ、あなたの多くの財宝と商品とをもって、地の王たちを富ませた。
مەھسۇلاتلىرىڭ دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندە، سەن كۆپ خەلقلەرنى قانائەتلەندۈرگەن؛ بايلىقلىرىڭ ۋە تاۋارلىرىڭنىڭ موللۇقى بىلەن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى بېيىتقانسەن.
34 今あなたは海で破船し、深い水に沈み、あなたの商品と、あなたのすべての船員とは、あなたと共に沈んだ。
سەن سۇلارنىڭ چوڭقۇر تېگىدە دېڭىز-ئوكيانلار تەرىپىدىن پارە-پارە قىلىنغاندا، تاۋارلىرىڭ ھەم ئاراڭدا بولغان توپ-توپ ئادەملىرىڭمۇ ئۆرۈلۈپ غەرق بولۇپ كەتتى.
35 海沿いの国々に住む者は皆あなたについて驚き、その王たちは大いに恐れてその顔を震わす。
بارلىق دېڭىز بويىدىكىلەر ساڭا قاراپ ئالاقزادە بولغان؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى دەھشەت قورقۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سۇر باسقان.
36 もろもろの民の中の商人らはあなたをあざける。あなたは恐るべき終りを遂げ、永遠にうせはてる』」。
خەلقلەر ئارىسىدىكى سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدى؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت ئىدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن»».

< エゼキエル書 27 >