< エゼキエル書 21 >

1 主の言葉がわたしに臨んだ、
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 「人の子よ、あなたの顔をエルサレムに向け、あなたの言葉を聖所に向けてのべ、イスラエルの地に向かって預言し、
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى يېرۇسالېمغا قارىتىپ، «مۇقەددەس جايلار»نى ئەيىبلەپ، ئىسرائىل زېمىنىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ،
3 イスラエルの地に言え。主はこう言われる、見よ、わたしはあなたを攻め、わたしのつるぎをさやから抜き、あなたのうちから、正しい者も悪しき者をも断ってしまう。
يەنى ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن؛ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ، سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلايمەن.
4 わたしがあなたのうちから、正しい者も悪しき者をも断つゆえに、わたしのつるぎはさやから抜け出て、南から北までのすべての肉なる者を攻める。
مەن سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغىنىم ئۈچۈن، قىلىچىم بارلىق ئەت ئىگىلىرى، يەنى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ھەممەيلەن بىلەن قارشىلىشىشغا غىلاپتىن چىقىدۇ؛
5 すべて肉なる者は、主なるわたしが、そのつるぎをさやから抜き放ったことを知る。このつるぎは再びさやに納められない。
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ قىلىچ غىلاپقا قايتىدىن يېنىپ كىرمەيدۇ.
6 それゆえ、人の子よ、嘆け、心砕けるまでに嘆き、彼らの目の前でいたく嘆け。
ئەمدى ئۇھ تارتقىن، ئى ئىنسان ئوغلى؛ ئىچ-باغرىڭ ئېچىشقۇدەك دەرد-ئەلەم بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇھ-زار قىل.
7 人があなたに向かって、『なぜ嘆くのか』と言うなら、『この知らせのためである。それが来れば人の心はみな溶け、手はみななえ、霊はみな弱り、ひざはみな水のようになる。見よ、それは来る、必ず成就する』と言え」と主なる神は言われる。
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا ئۇھ تارتىسەن؟» دەپ سورىغاندا، سەن ئۇلارغا: «بولغان شۇم خەۋەر تۈپەيلىدىن! مانا، ئۇ كېلىدۇ! بارلىق يۈرەكلەر ئېرىپ، بارلىق قوللار بوشاپ كېتىدۇ، بارلىق روھلار زەئىپلىشىپ، بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ مانا ئۇ كېلىۋاتىدۇ! ئۇ يېتىپ كەلدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن.
8 主の言葉がわたしに臨んだ、
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
9 「人の子よ、預言して言え、主はこう言われる、つるぎがある、とぎ、かつ、みがいたつるぎがある。
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىر قىلىچ، بىر قىلىچ، بىسلانغان، پارقىرىتىلغان!
10 殺すためにといであり、いなずまのようにきらめくためにみがいてある。わたしたちは喜ぶことができるか。わが子よ、あなたはつえと、すべて木で作ったものとを軽んじた。
ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ئۇنى يالتىراشقا پارقىراتقان؛ ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟
11 このつるぎは手にとるために、とがれ、殺す者の手に渡すために、とがれみがかれるのである。
ئۇ قىلىچنى پارقىرىتىلىشقا، قول بىلەن تۇتۇشقا بېكىتكەن؛ قىلىچ بىلەنگەن، پارقىرىتىلغان، قەتل قىلغۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشقا تەييارلانغاندۇر!
12 人の子よ、叫び嘆け、このことはわが民に臨み、イスラエルのすべての君たちに臨むからである。彼らはわが民と共につるぎにわたされる。それゆえ、あなたのももを打て。
نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ پىغان چەككىن، ئى ئىنسان ئوغلى، چۈنكى [قىلىچ] مېنىڭ خەلقىمگە قارشى چىققان؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ بارلىق شاھزادىلىرىگە قارشى چىققان؛ ئۇلار ئۆز خەلقىم بىلەن تەڭ قىلىچقا تاپشۇرۇلغان؛ شۇڭا يانپىشىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ قويغىن!
13 これはためしにすることではない。もしあなたが、つえをあざけったら、どういうことになろうか」と主なる神は言われる。
چۈنكى سىناق كەلدى؛ ئەمدى بۇ «شاھانە ھاسا» باشقا ياغاچلارنى كەمسىتكىنى بىلەن، ئۇ بەرىبىر تۈگىشىدۇ ئەمەسمۇ؟! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
14 「それゆえ、人の子よ、あなたは預言し、手を打ちならせ。つるぎを二度も三度も臨ませよ。これは人を殺すつるぎ、大いに殺すつるぎであって、彼らを囲むものである。
ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن! قىلىچ ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ قىرسۇن! ئۇ قىرغۇچى قىلىچ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان زور قەتل قىلغۇچى قىلىچتۇر!
15 これがために彼らの心は溶け、多くの者がすべての門に倒れる。わたしはひらめくつるぎを彼らに送る。ああ、これはいなずまのようになり、人を殺すためにみがかれている。
ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى پۇتلىشىپ كەتسۇن دەپ، مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان؛
16 あなたの刃の向かうところで、右に左になぎ倒せ。
ئى قىلىچ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈر بول! سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ چاپ! بىسىڭنى قەيەرگە قاراتقان بولسا شۇ يەرگە چاپ!
17 わたしもまた、わたしの手を打ちならし、わたしの怒りをしずめると、主なるわたしは言った」。
مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن چاۋاك چالىمەن، ئۆز قەھرىمنى تۆكۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم.
18 主の言葉がまたわたしに臨んだ、
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
19 「人の子よ、バビロンの王のつるぎが来るために、二つの道を備えよ。この二つの道は一つの国から出ている。あなたは道しるべを作り、これを町に向かう道のはじめに置け。
سەن ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچىنىڭ مېڭىشىغا تەييارلانغان ئىككى يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ ئىككىلىسى بىر زېمىندىن چىقىدىغان بولسۇن؛ [يېرۇسالېم] شەھىرىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بېشىدا بىر يول بەلگىسىنى تىكلەپ قويغىن؛
20 あなたはまたアンモンの人々のラバと、ユダと、堅固な城の町エルサレムとにつるぎの来る道を設けよ。
يەنى قىلىچنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىگە بىر يول ھەمدە يەھۇداغا، يەنى ئىستىھكامى مەستەھكەم يېرۇسالېم شەھىرىگە يەنە بىر يولنى بېكىتىپ قويغىن؛
21 バビロンの王は道の分れ目、二つの道のはじめに立って占いをし、矢をふり、テラピムに問い、肝を見る。
چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى ئاچا يولدا، يەنى ئىككى يولنىڭ بېشىدا پال ئاچقۇزىدۇ؛ ئۇ ئوقلارنى سىلكىيدۇ، «كۆچمە مەبۇدلار»دىن سورايدۇ، جىگەرنى تەكشۈرىدۇ.
22 彼の右にエルサレムのために占いが出る。すなわち口を開いて叫び、声をあげ、ときを作り、門に向かって城くずしを設け、塁を築き、雲悌を建てよと言う。
ئەمدى سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەشنى، قان تۆكۈشكە پەرمان قىلىشنى، جەڭ ئېلان قىلىپ توۋلاشنى، دەرۋازىلارغا ئۇرۇلغۇچى بازغانلارنى تىكلەشنى، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى ياساشنى، پوتەيلەرنى قۇرۇشنى، يېرۇسالېمنى [مۇھاسىرىگە ئېلىشنى] كۆرسىتىدىغان پال ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا چۈشىدۇ؛
23 しかしこれは彼らの目には偽りの占いと思われ、彼らは堅き誓いをなした。しかし彼は、彼らを捕えることによって、罪を思い出させる。
گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچكەن قەسەملەر تۈپەيلىدىن، يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ.
24 それゆえ、主なる神はこう言われる、あなたがたの罪は覚えられ、その反逆は現れ、その罪はすべてのわざに現れる。このようにあなたがたは、すでに覚えられているから、彼らの手に捕えられる。
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ئاشكارىلىنىپ، بارلىق قىلمىشلىرىڭلاردا گۇناھلىرىڭلار كۆرۈنگەچكە، قەبىھلىكىڭلارنى ئەسكە كەلتۈرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن ــ يەنى ئۆزۈڭلار پاش قىلىنىپ ئەسكە ئېلىنغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، سىلەر قولغا ئېلىنىسىلەر.
25 汚れた悪人であるイスラエルの君よ、あなたの終りの刑罰の時であるその日が来る。
ئەمدى سەن، ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى، قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ!
26 主なる神はこう言われる、かぶり物を脱ぎ、冠を取り離せ。すべてのものは、そのままには残らない。卑しい者は高くされ、高い者は卑しくされる。
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەللىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋەت، تاجنى ئېلىۋەت؛ ئىشلار ئۆز پېتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ پەس تۇرغاننى ئېگىز قىل، ئېگىز تۇرغاننى پەس قىل؛
27 ああ破滅、破滅、破滅、わたしはこれをこさせる。わたしが与える権威をもつ者が来る時まで、その跡形さえも残らない。
ئۇنىڭ [تەختىنى] ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت! ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن.
28 人の子よ、預言して言え。主なる神はアンモンの人々と、そのあざけりについて、こう言われる、つるぎがある。このつるぎは殺すために抜かれ、いなずまのようにひかりきらめくようにとがれている。
ئەمدى ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار ئاممونىيلار ۋە ئۇلارنىڭ مازاقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!» ــ دېگىن!
29 彼らがあなたに偽りの幻を示し、偽りを占ったゆえ、これは殺さるべき悪しき者の首の上に置かれる。彼らの終りの刑罰の時であるその日がきている。
چۈنكى پالچىلار سەن قىلىچ توغرۇڭدا قۇرۇق ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، سەن ئۈچۈن يالغاندىن بىر پال سالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ كۆرىدىغان كۈنى كەلگەندە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلار سېنى شۇ قىرىلغان رەزىللەرنىڭ بويۇنلىرى ئۈستىگە قوشۇپ ياتقۇزىدۇ!
30 これをさやに納めよ、わたしはあなたの造られた所、あなたの生れた地であなたをさばく。
بۇ قىلىچنى ئۆز غىلاپىغا قايتۇرۇپ سال! مەن سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئۆزۈڭ يارىتىلغان جايدا، يەنى سەن تۆرۈلگەن جايدا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
31 わたしの怒りをあなたに注ぎ、わたしの憤りの火をあなたに向けて燃やし、滅ぼすことに巧みな残忍な人の手にあなたを渡す。
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستۈڭگە قەھرىمنى تۆكۈپ ياغدۇرۇپ، غەزىپىمنىڭ ئوتى قىلىپ پۈۋلەيمەن؛ مەن سېنى قاتىللىققا ماھىر ياۋۇز ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛
32 あなたは火のための、たきぎとなり、あなたの血は国の中に流され、覚えられることはない、主なるわたしが言う」。
سەن ئوتقا يېقىلغۇ بولىسەن؛ سېنىڭ قېنىڭ ئۆز زېمىنىڭدە تۆكۈلىدۇ؛ سەن قايتىدىن ئەسلەنمەيسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان.

< エゼキエル書 21 >