< エゼキエル書 17 >

1 時に主の言葉がわたしに臨んだ、
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
2 「人の子よ、イスラエルの家になぞをかけ、たとえを語って、
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تېپىشماقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىل جەمەتىگە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ
3 言え。主なる神がこう言われる、さまざまの色の羽毛を多く持ち、大きな翼と、長い羽根とを持つ大わしがレバノンに来て、香柏のこずえにとまり、
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «كەڭ قاناتلىق، زىچ رەڭگارەڭ ئۇزۇن پەيلىك چوڭ بىر بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئېگىز كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شاخنى ئالدى؛
4 その若枝の頂を摘み切り、これを商業の地に運び、商人の町に置いた。
ئۇ ئەڭ يۇقىرى يۇمران بىخىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى سودىگەرنىڭ زېمىنىغا ئاپىرىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ شەھىرىگە تىكتى.
5 またその地の種をとって、これを肥えた土に植えた。すなわち水の多い所にもって行って、柳を植えるようにこれを植えた。
ئۇ يەنە زېمىندىن باشقا ئۇرۇقنى ئېلىپ باغلىق بىر ئېتىزغا تىكتى؛ ئۇنى مول سۇلار بويىدا سېلىپ، سۈگەت تېلىدەك تىكلىدى.
6 これが成長して、たけ低く、はびこるぶどうの木となり、枝はわしに向かい、根はわしの下にあり、こうしてついにぶどうの木となり、枝を伸ばし、葉を出した。
ئۇ ئۆسۈپ، كەڭ يېيىلىپ، پەس بويلۇق ئۈزۈم تېلى بولۇپ چىقتى؛ ئۇنىڭ شاخلىرى [بۈركۈت] تەرەپكە قاراپ ئۆستى، يىلتىزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاستىغا سوزۇلدى. شۇ يول بىلەن ئۇ ئۈزۈم تېلى بولۇپ، شاخلاندى، بىخلاندى.
7 ここにまた大きな翼と、羽毛の多いほかの一羽の大わしがあった。見よ、このぶどうの木は、潤いを得るために、その根をわしに向かってまげ、その枝をわしに向かって伸ばした。
ئەمدى كەڭ قاناتلىق، زىچ پەيلىك يەنە بىر چوڭ بۈركۈت پەيدا بولدى؛ ۋە مانا، بۇ ئۈزۈم تېلى «ئۇ مېنى سۇغارسۇن» دەپ، تىكىلگەن چۆنەكلىرىدىن يىلتىزلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ تارتتى، شاخلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ سوزدى؛
8 これが枝を出し、実を結び、みごとなぶどうの木となるために、わしはこれを植えた苗床から水の多い良い地に移し植えた。
مانا، ئۇ ئوبدان شاخلاپ مېۋە بەرسۇن، ئېسىل ئۈزۈم تېلى بولسۇن دەپ مۇنبەت ئېتىزدا، مول سۇلار بويىغا تىكىلگەنىدى».
9 あなたは、主なる神がこう言われると言え、これは栄えるであろうか。わしはその根を抜き、その枝を切り、その若葉を皆枯らさないであろうか。これをその根からあげるには、強い腕や多くの民を必要としない。
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇ روناق تاپامدۇ؟ ئۇنى قاقشال قىلىۋېتىش ئۈچۈن [بۈركۈت] يىلتىزلىرىنى يۇلۇپ، مېۋىسىنى كېسىۋەتمەمدۇ؟ ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى خازان بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنى يىلتىزلىرىدىن يۇلۇۋېلىشقا كۈچلۈك بىر بىلەك ياكى نۇرغۇن خەقلەرنىڭ ھېچ كېرىكى بولمايدۇ.
10 見よ、それが移し植えられたら、また栄えるであろうか。東風がこれを打つ時、それは枯れてしまわないであろうか。その育った苗床で枯れないであろうか」。
ئەمدى ھەتتا قايتىدىن تىكىلگەن بولسا، روناق تاپامدۇ؟ شەرق شامىلى ئۇنىڭغا تەگكەندىلا تازا قاغجىراپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ تىكىلىپ ئۆسكەن چۆنەكلىرىدە قاغجىراپ كېتىدۇ».
11 主の言葉がまたわたしに臨んだ、
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
12 「反逆の家に言え。これらがなんであるかをあなたがたは知らないのか。彼らに言え、見よ、バビロンの王がエルサレムにきて、その王とつかさとを捕え、これをバビロンに引いて行った。
«ئاسىي جەمەتتىن: «مۇشۇ ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سوراپ، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مانا، بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ھەم شاھزادىلىرىنى ئېلىپ ئۆزى بىلەن بابىلغا قايتۇرۇپ ئاپاردى.
13 また王の子孫のひとりを捕えて、これと契約を結び、誓いを立てさせ、また国のおもだった人々を捕えて行った。
شۇ ۋاقىتتا ئۇ پادىشاھنىڭ نەسلىدىن بىر كىشىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ يەنە زېمىندىكى ئېسىل-مۆتىۋەر بولغانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ كەتتى؛
14 これはこの国を卑しくして、みずから立つことができないようにし、その契約を守ることによって立たせるためである。
مەقسەت، پادىشاھلىقنىڭ تۆۋەن ئاجىز ھالەتتە بولۇپ، قەددىنى رۇسلىيالماي، پەقەت ئۇنىڭ ئەھدىسىنى تۇتۇشى بىلەن جېنىنى جان ئەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدى.
15 しかし彼はバビロンの王にそむき、使者をエジプトに送って、馬と多くの兵とをそこから獲ようとした。彼は成功するだろうか。このようなことをなす者は、のがれることができようか。
بىراق ئۇ مىسىر بىزگە ئاتلار ھەم چوڭ قوشۇننى تەمىنلىسۇن دەپ ئەلچىلىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى. ئەمدى ئۇ روناق تاپامدۇ؟ مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى تىرىك قالامدۇ؟ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تىرىك قالامدۇ؟
16 契約を破ってなおのがれることができようか。主なる神は言われる、わたしは生きている、必ず彼は自分を王となした王の住む所、彼が立てた誓いを軽んじ、その契約を破った相手の王のいるバビロンで彼は死ぬ。
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق ئۇ ئۆزىنى پادىشاھ قىلغان پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ يەنى ئۇنىڭ قەسىمىنى كەمسىتكەن، ئەھدىسىنى بۇزغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ ئۇنىڭ يېنىدا، بابىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆلىدۇ.
17 多くの命を断つために塁を築き、雲梯を建てるとき、パロは決して大いなる軍勢と、多くの人とをもって、彼を助けて戦いをしない。
بولىدىغان جەڭدە، ئۇلار كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىرىش ئۈچۈن [سېپىلغا] چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى سېلىپ، پوتەيلەرنى قۇرغاندا، پىرەۋن كۈچلۈك قوشۇن ھەم نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ.
18 彼は誓いを軽んじ、契約を破り、その手を与えて誓いながら、なおこれらの事をしたゆえ、のがれることはできない。
ئۇ قەسەمنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزدى؛ مانا، ئۇ قول ئېلىشىپ سۆز بەردى، بىراق ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى قىلدى؛ شۇڭا ئۇ تىرىك قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ».
19 それゆえ、主なる神はこう言われる、わたしは生きている、彼がわたしの誓いを軽んじ、わたしの契約を破ったことを、必ず彼のこうべに報いる。
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، ئۇ كەمسىتكەن قەسىمىم ھەمدە بۇزغان ئەھدەمنى بولسا، بۇلارنى ئۆز بېشىغا كىيگۈزىمەن.
20 わたしはわが網を彼の上に打ちかけ、彼をわがわなに捕えて、バビロンに引いて行き、彼がわたしにむかって犯した反逆のために、その所で彼をさばく。
مەن ئۆز تورۇمنى ئۈستىگە يېيىپ تاشلايمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى بابىلغا ئاپىرىمەن ھەمدە شۇ يەردە ماڭا قىلغان مۇتلەق ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
21 彼のすべての軍隊のえり抜きの兵士は皆つるぎに倒れ、生き残った者は八方に散らされる。そしてあなたがたは主なるわたしが、これを語ったことを知るようになる」。
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارلىق قاچقانلار، بارلىق قوشۇنلىرى قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ بۇلاردىن قالغانلار ھەربىر شامالغا تارقىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىسىلەر».
22 主なる神はこう言われる、「わたしはまた香柏の高いこずえから小枝をとって、これを植え、その若芽の頂から柔かい芽を摘みとり、これを高いすぐれた山に植える。
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ ئېگىز كېدىرنىڭ ئۇچىدىن بىخ ئېلىپ تىكىمەن؛ ئۇنىڭ ياپياش شاخچىلىرىنىڭ ئۇچىدىن يۇمران بىرسىنى ئۈزۈپ، ئېگىز ھەيۋەتلىك تاغ ئۈستىگە تىكىمەن؛
23 わたしはイスラエルの高い山にこれを植える。これは枝を出し、実を結び、みごとな香柏となり、その下にもろもろの種類の獣が住み、その枝の陰に各種の鳥が巣をつくる。
ئىسرائىل ئېگىزلىكىدىكى تاغقا مەن ئۇنى تىكىمەن؛ ئۇ ئوبدان شاخلاپ، مېۋە بېرىپ، ئېسىل كېدىر دەرىخى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىغا ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار قونىدۇ؛ ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ سايىسىدا ئۇلار قونۇپ تۇرىدۇ؛
24 そして野のすべての木は、主なるわたしが高い木を低くし、低い木を高くし、緑の木を枯らし、枯れ木を緑にすることを知るようになる。主であるわたしはこれを語り、これをするのである」。
شۇنىڭ بىلەن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر بىلىدۇكى، مەنكى پەرۋەردىگار ئېگىز دەرەخنى پەس قىلدىم، پەس دەرەخنى ئېگىز قىلدىم، يېشىل دەرەخنى قاغجىراتتىم، قاقشال دەرەخنى كۆكەرتىپ باراقسان قىلدىم؛ مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق سۆز قىلدىم ۋە شۇنى ئادا قىلىمەن».

< エゼキエル書 17 >