< 出エジプト記 23 >

1 あなたは偽りのうわさを言いふらしてはならない。あなたは悪人と手を携えて、悪意のある証人になってはならない。
يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ رەزىل ئادەمگە يان باسمىغىن.
2 あなたは多数に従って悪をおこなってはならない。あなたは訴訟において、多数に従って片寄り、正義を曲げるような証言をしてはならない。
توپقا ئەگىشىپ رەزىل ئىشتا بولما ياكى دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندە توپقا ئەگىشىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىما.
3 また貧しい人をその訴訟において、曲げてかばってはならない。
كەمبەغەل دەۋا قىلسا، ئۇنىڭغا يان باسما.
4 もし、あなたが敵の牛または、ろばの迷っているのに会う時は、必ずこれを彼の所に連れて行って、帰さなければならない。
دۈشمىنىڭنىڭ كالا يا ئېشىكى ئېزىپ كېتىپ، ساڭا ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئىگىسىگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بەر.
5 もしあなたを憎む者のろばが、その荷物の下に倒れ伏しているのを見る時は、これを見捨てて置かないように気をつけ、必ずその人に手を貸して、これを起さなければならない。
ئەگەر ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يۈكنىڭ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلىماي، بەلكى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىشىڭ زۆرۈر.
6 あなたは貧しい者の訴訟において、裁判を曲げてはならない。
ئاراڭدىكى كەمبەغەلنىڭ دەۋاسىدا ئادالەتنى بۇرمىلىما.
7 あなたは偽り事に遠ざからなければならない。あなたは罪のない者と正しい者とを殺してはならない。わたしは悪人を義とすることはないからである。
ھەرقانداق ساختا ئىشتىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت؛ بىگۇناھ ئادەم بىلەن ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن؛ چۈنكى مەن رەزىل ئادەمنى ھەرگىز ئادىل دەپ ئاقلىمايمەن.
8 あなたは賄賂を取ってはならない。賄賂は人の目をくらまし、正しい者の事件をも曲げさせるからである。
شۇنىڭدەك ھېچقانداق پارا يېمە؛ چۈنكى پارا كۆزى ئوچۇقلارنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.
9 あなたは寄留の他国人をしえたげてはならない。あなたがたはエジプトの国で寄留の他国人であったので、寄留の他国人の心を知っているからである。
مۇساپىر كىشىلەرگە زۇلۇم قىلما؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بولغاچقا، مۇساپىرنىڭ روھىي ھالىنى بىلىسىلەر.
10 あなたは六年のあいだ、地に種をまき、その産物を取り入れることができる。
ئالتە يىل ئۆز يېرىڭنى تېرىپ، ھوسۇللىرىنى ئال.
11 しかし、七年目には、これを休ませて、耕さずに置かなければならない。そうすれば、あなたの民の貧しい者がこれを食べ、その残りは野の獣が食べることができる。あなたのぶどう畑も、オリブ畑も同様にしなければならない。
لېكىن يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بوش قوي؛ خەلقىڭنىڭ نامراتلىرى ئۇنىڭدىن يىغىپ يېسۇن، ئۇلاردىن ئاشقىنىنى جاڭگالدىكى ھايۋانلار يېسۇن؛ شۇنداقلا ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنزارلىقىڭنىمۇ شۇنداق قىلغىن.
12 あなたは六日のあいだ、仕事をし、七日目には休まなければならない。これはあなたの牛および、ろばが休みを得、またあなたのはしための子および寄留の他国人を休ませるためである。
ئالتە كۈن ئىچىدە ئۆز ئىشىڭنى ئادا قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. بۇنىڭ بىلەن كالا-ئېشەكلىرىڭ ئارام تاپىدۇ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى بىلەن مۇساپىر كىشىمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ.
13 わたしが、あなたがたに言ったすべての事に心を留めなさい。他の神々の名を唱えてはならない。また、これをあなたのくちびるから聞えさせてはならない。
مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل؛ باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئالما؛ بۇلار ھەتتا ئاغزىڭغىمۇ چىقمىسۇن.
14 あなたは年に三度、わたしのために祭を行わなければならない。
ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىن.
15 あなたは種入れぬパンの祭を守らなければならない。わたしが、あなたに命じたように、アビブの月の定めの時に七日のあいだ、種入れぬパンを食べなければならない。それはその月にあなたがエジプトから出たからである。だれも、むなし手でわたしの前に出てはならない。
ئالدى بىلەن «پېتىر نان ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدىكى بېكىتىلگەن كۈنلەردە يەتتە كۈن پېتىر نان يېگىن؛ چۈنكى شۇ ئايدا سەن مىسىردىن چىققانىدىڭ. شۇ ھېيتتا ھېچكىشى ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن.
16 また、あなたが畑にまいて獲た物の勤労の初穂をささげる刈入れの祭と、あなたの勤労の実を畑から取り入れる年の終りに、取入れの祭を行わなければならない。
سەن ئەجىر قىلىپ تېرىغان ئېتىزدىكى زىرائىتىڭنىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى ئورغاندا «ئورما ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ شۇنداقلا سەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ يەردىن ئاخىرقى ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭنى يىل ئاخىرىدا يىغقاندا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈز.
17 男子はみな、年に三度、主なる神の前に出なければならない。
يىلدا ئۈچ قېتىم ئەركەكلىرىڭنىڭ ھەممىسى رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولسۇن.
18 あなたはわたしの犠牲の血を、種を入れたパンと共にささげてはならない。また、わたしの祭の脂肪を翌朝まで残して置いてはならない。
سەن ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن سۇنمىغىن؛ ھېيت قۇربانلىقىنىڭ يېغىنى بولسا كېچىچە قوندۇرۇپ ئەتىگىچىگە ساقلىما.
19 あなたの土地の初穂の最も良い物を、あなたの神、主の家に携えてこなければならない。あなたは子やぎを、その母の乳で煮てはならない。
زېمىنىڭدىكى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ ئەڭ ياخشسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەل. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما.
20 見よ、わたしは使をあなたの前につかわし、あなたを道で守らせ、わたしが備えた所に導かせるであろう。
مانا، مەن بىر پەرىشتىنى يولدا سېنى قوغداپ، مەن ساڭا تەييارلىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن.
21 あなたはその前に慎み、その言葉に聞き従い、彼にそむいてはならない。わたしの名が彼のうちにあるゆえに、彼はあなたがたのとがをゆるさないであろう。
سەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال. ئۇنىڭ زىتىغا تەگمە؛ بولمىسا، ئۇ ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى كەچۈرمەيدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدىدۇر.
22 しかし、もしあなたが彼の声によく聞き従い、すべてわたしが語ることを行うならば、わたしはあなたの敵を敵とし、あなたのあだをあだとするであろう。
لېكىن ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، مەن دۈشمەنلىرىڭگە دۈشمەن، كۈشەندىلىرىڭگە كۈشەندە بولىمەن.
23 わたしの使はあなたの前に行って、あなたをアモリびと、ヘテびと、ペリジびと、カナンびと、ヒビびと、およびエブスびとの所に導き、わたしは彼らを滅ぼすであろう。
چۈنكى مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يۈرۈپ، سېنى ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىي، قانائانىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن.
24 あなたは彼らの神々を拝んではならない。これに仕えてはならない。また彼らのおこないにならってはならない。あなたは彼らを全く打ち倒し、その石の柱を打ち砕かなければならない。
سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئۇرۇپ ئىبادەت قىلما ۋە ياكى ئۇلار قىلغاندەك قىلما؛ بەلكى ئۇلارنىڭ [بۇتلىرىنى] ئۈزۈل-كېسىل چېقىۋەت، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل كۇكۇم-تالغان قىلىۋەت؛
25 あなたがたの神、主に仕えなければならない。そうすれば、わたしはあなたがたのパンと水を祝し、あなたがたのうちから病を除き去るであろう。
لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ نان بىلەن سۈيۈڭلارنى بەرىكەتلەيدۇ؛ مەن بارلىق كېسەللىكنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ تاشلايمەن.
26 あなたの国のうちには流産する女もなく、不妊の女もなく、わたしはあなたの日の数を満ち足らせるであろう。
بۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ھېچبىر ئايال ياكى چارپاي بولمايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ كۈنلىرىنى تولۇق قىلىمەن.
27 わたしはあなたの先に、わたしの恐れをつかわし、あなたが行く所の民を、ことごとく打ち敗り、すべての敵に、その背をあなたの方へ向けさせるであろう。
مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ۋەھىمىمنى ئەۋەتىمەن، قايسى تائىپىگە يېقىنلاشساڭ شۇلارنى پاراكەندە قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە دۈشمەنلىرىڭنى كەينىگە ياندۇرۇپ قاچۇرىمەن.
28 わたしはまた、くまばちをあなたの先につかわすであろう。これはヒビびと、カナンびと、およびヘテびとをあなたの前から追い払うであろう。
ھىۋىيلار، قانائانىيلار ۋە ھىتتىيلارنى ئالدىڭدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە سېرىق ھەرىلەرنى ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن.
29 しかし、わたしは彼らを一年のうちには、あなたの前から追い払わないであろう。土地が荒れすたれ、野の獣が増して、あなたを害することのないためである。
ئەمما زېمىننىڭ خارابىلىشىپ، دالادا ۋەھشىي ھايۋانلار ئاۋۇپ ساڭا خەۋپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن بىر يىلغىچە ھەيدىۋەتمەيمەن،
30 わたしは徐々に彼らをあなたの前から追い払うであろう。あなたは、ついにふえひろがって、この地を継ぐようになるであろう。
بەلكى سەن ئاۋۇپ، زېمىننى [پۈتۈنلەي] مىراس قىلىپ بولغۇچە، ئاز-ئازدىن ھەيدەپ تۇرىمەن.
31 わたしは紅海からペリシテびとの海に至るまでと、荒野からユフラテ川に至るまでを、あなたの領域とし、この地に住んでいる者をあなたの手にわたすであろう。あなたは彼らをあなたの前から追い払うであろう。
سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگرىلىرىنى قىزىل دېڭىزدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ دېڭىزىغىچە، شۇنىڭدەك چۆلدىن تارتىپ [ئەفرات] دەرياسىغىچە بېكىتىمەن؛ چۈنكى زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ھەيدىۋېتىپ يېرىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن.
32 あなたは彼ら、および彼らの神々と契約を結んではならない。
سەن ئۇلار بىلەن ۋە ياكى ئىلاھلىرى بىلەن ھېچقانداق بىر ئەھدە تۈزمە.
33 彼らはあなたの国に住んではならない。彼らがあなたをいざなって、わたしに対して罪を犯させることのないためである。もし、あなたが彼らの神に仕えるならば、それは必ずあなたのわなとなるであろう」。
ئۇلارنىڭ سېنى ئالدىمدا گۇناھقا پاتقۇزماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى زېمىنىڭدا قەتئىي تۇرغۇزما. چۈنكى مۇبادا سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولساڭ، بۇ ئىش ساڭا تۇزاق بولىدۇ.

< 出エジプト記 23 >