< エステル 記 2 >

1 これらのことの後、アハシュエロス王の怒りがとけ、王はワシテおよび彼女のしたこと、また彼女に対して定めたことを思い起した。
بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ غەزىپى بېسىلغاندا، ئۇ ۋاشتىنى سېغىنىپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان يارلىقى ھەققىدە ئەسلەپ ئويلىنىپ قالدى.
2 時に王に仕える侍臣たちは言った、「美しい若い処女たちを王のために尋ね求めましょう。
شۇ سەۋەبتىن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان غوجىدارلار ئۇنىڭغا: ــ ئالىيلىرى ئۈچۈن ساھىبجامال ياش قىزلارنى ئىزدەپ تېپىپ كەلتۈرگەيلا؛
3 どうぞ王はこの国の各州において役人を選び、美しい若い処女をことごとく首都スサにある婦人の居室に集めさせ、婦人をつかさどる王の侍従ヘガイの管理のもとにおいて、化粧のための品々を彼らに与えてください。
ئالىيلىرى پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە بارلىق گۈزەل قىزلارنى يىغىپ، شۇشان قەلئەسىدىكى ھەرەمسارايغا كەلتۈرۈشكە ئەمەلدارلارنى تەيىنگەيلا؛ قىزلار ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاي؛ ئۇلارغا كېرەكلىك ئۇپا-ئەڭلىكلەر تەمىنلەنگەي.
4 こうして御意にかなうおとめをとって、ワシテの代りに王妃としてください」。王はこの事をよしとし、そのように行った。
ئالىيلىرىنى سۆيۈندۈرگەن قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ خانىش بولسۇن، دېدى. بۇ گەپ پادىشاھنى خۇش قىلدى ۋە ئۇ شۇنداق قىلدى.
5 さて首都スサにひとりのユダヤ人がいた。名をモルデカイといい、キシのひこ、シメイの孫、ヤイルの子で、ベニヤミンびとであった。
شۇشان قەلئەسىدە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، كىشنىڭ ئەۋرىسى، شىمەينىڭ نەۋرىسى، يائىرنىڭ ئوغلى موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بار ئىدى
6 彼はバビロンの王ネブカデネザルが捕えていったユダの王エコニヤと共に捕えられていった捕虜のひとりで、エルサレムから捕え移された者である。
(كىش بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ بىلەن بىر توپ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمدىن ئەكەتكەندە، ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنىدى).
7 彼はそのおじの娘ハダッサすなわちエステルを養い育てた。彼女には父も母もなかったからである。このおとめは美しく、かわいらしかったが、その父母の死後、モルデカイは彼女を引きとって自分の娘としたのである。
موردىكاي ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ھاداسساھنى (يەنى ئەستەر) بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئىدى. بۇ قىز گۈزەل، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئىدى؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قاتارىدا بېقىپ چوڭ قىلغانىدى.
8 王の命令と詔が伝えられ、多くのおとめが首都スサに集められて、ヘガイの管理のもとにおかれたとき、エステルもまた王宮に携え行かれ、婦人をつかさどるヘガイの管理のもとにおかれた。
پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن قىزلار شۇشان قەلئەسىگە كەلتۈرۈلۈپ ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئەستەرمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى.
9 このおとめはヘガイの心にかなって、そのいつくしみを得た。すなわちヘガイはすみやかに彼女に化粧の品々および食物の分け前を与え、また宮中から七人のすぐれた侍女を選んで彼女に付き添わせ、彼女とその侍女たちを婦人の居室のうちの最も良い所に移した。
ئەستەر ھېگايغا ياققان بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئۇ تېزلا ئۇنىڭغا ئۇپا-ئەڭلىك ۋە تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى تەمىنلىدى ھەم ئوردىدىن ئۇنىڭغا تاللانغان يەتتە كېنىزەكنى بەردى؛ ئاندىن ئۇنى كېنىزەكلىرى بىلەن ھەرەمساراينىڭ ئەڭ ئېسىل جايىدىن ئورۇن بەردى.
10 エステルは自分の民のことをも、自分の同族のことをも人に知らせなかった。モルデカイがこれを知らすなと彼女に命じたからである。
ئەستەر ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇنى ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىغانىدى.
11 モルデカイはエステルの様子および彼女がどうしているかを知ろうと、毎日婦人の居室の庭の前を歩いた。
موردىكاي ئەستەرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى ھەرەمساراينىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى.
12 おとめたちはおのおの婦人のための規定にしたがって十二か月を経て後、順番にアハシュエロス王の所へ行くのであった。これは彼らの化粧の期間として、没薬の油を用いること六か月、香料および婦人の化粧に使う品々を用いること六か月が定められていたからである。
قىزلارغا ئائىت رەسمىيەت بويىچە، ھەربىر قىزنىڭ ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ ئاھاشۋېروش بىلەن بىللە بولۇش نۆۋىتىدىن ئاۋۋال، ئون ئىككى ئاي بەدىنىنى تازىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى قىزلارنىڭ «تازىلىنىش كۈنلىرى» مۇنداق يول بىلەن ئادا قىلىناتتى: ــ ئالتە ئاي مۇرمەككى مېيى بىلەن، ئالتە ئاي ئەتىر-ئەڭلىك ۋە شۇنداقلا قىزلارنىڭ بەدىنىنى پاكىزلايدىغان باشقا بۇيۇملار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
13 こうしておとめは王の所へ行くのであった。そしておとめが婦人の居室を出て王宮へ行く時には、すべてその望む物が与えられた。
قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدىغان چاغدا مۇنداق قائىدە بار ئىدى: ــ ئوردىغا كىرگەندە ئۇنىڭ نېمە تەلىپى بولسا، شۇلار ھەرەمسارايدىن ئۇنىڭغا بېرىلەتتى.
14 そして夕方行って、あくる朝第二の婦人の居室に帰り、そばめたちをつかさどる王の侍従シャシガズの管理に移された。王がその女を喜び、名ざして召すのでなければ、再び王の所へ行くことはなかった。
قىز ئاخشىمى كىرىپ كېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قايتىپ چىققاندا ھەرەمساراينىڭ «ئىككىنچى بۆلۈم»ىگە قايتۇرۇلۇپ، توقال-كېنىزەكلەرگە مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى شائاشغازنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلاتتى؛ پادىشاھ ئۇ قىزغا ئامراق بولۇپ قېلىپ، ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرمىغۇچە، ئۇ ئىككىنچى ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن بىللە بولمايتتى.
15 さてモルデカイのおじアビハイルの娘、すなわちモルデカイが引きとって自分の娘としたエステルが王の所へ行く順番となったが、彼女は婦人をつかさどる王の侍従ヘガイが勧めた物のほか何をも求めなかった。エステルはすべて彼女を見る者に喜ばれた。
موردىكاينىڭ تاغىسى ئابىخائىلنىڭ قىزى ئەستەر، يەنى موردىكاي ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋالغان قىزنىڭ پادىشاھ بىلەن بىللە بولۇشقا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇ قىزلارغا مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۆزىگە تەييارلاپ بەرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنى تەلەپ قىلمىدى. ئەستەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى.
16 エステルがアハシュエロス王に召されて王宮へ行ったのは、その治世の第七年の十月、すなわちテベテの月であった。
پادىشاھ ئاھاشۋېروش سەلتەنەت سۈرۈپ يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيىغا، يەنى تەبەت ئېيىغا كەلگەندە، ئەستەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا شاھانە ئوردىغا باشلاپ كىرىلدى.
17 王はすべての婦人にまさってエステルを愛したので、彼女はすべての処女にまさって王の前に恵みといつくしみとを得た。王はついに王妃の冠を彼女の頭にいただかせ、ワシテに代って王妃とした。
پادىشاھ ئەستەرنى باشقا بارلىق قىزلاردىن ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، شۇنداقلا ئەستەر ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ھەم ئامراقلىقىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، پادىشاھ خانىش تاجىنى ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ، ئۇنى ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلىپ تىكلىدى.
18 そして王は大いなる酒宴を催して、すべての大臣と侍臣をもてなした。エステルの酒宴がこれである。また諸州に免税を行い、王の大きな度量にしたがって贈り物を与えた。
ئاندىن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا ئەستەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بەردى؛ ئۇ يەنە ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە باج-ئالۋاندىن ئازاد مەزگىل بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى ھەمدە شاھانە بايلىقلىرىدىن سېخىيلىق بىلەن ئىنئاملارنى بەردى.
19 二度目に処女たちが集められたとき、モルデカイは王の門にすわっていた。
ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغان ۋاقىتتا موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرىدىغان ئورنى بار بولغانىدى
20 エステルはモルデカイが命じたように、まだ自分の同族のことをも自分の民のことをも人に知らせなかった。エステルはモルデカイの言葉に従うこと、彼に養い育てられた時と少しも変らなかった。
(ئەستەر موردىكاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى يەنىلا باشقىلارغا ئېيتمىغانىدى؛ چۈنكى ئەستەر موردىكاينىڭ گېپىنى ئىلگىرى باققان ۋاقتىدا ئاڭلىغاندەك ئاڭلايتتى).
21 そのころ、モルデカイが王の門にすわっていた時、王の侍従で、王のへやの戸を守る者のうちのビグタンとテレシのふたりが怒りのあまりアハシュエロス王を殺そうとねらっていたが、
ئۇ كۈنلەردە، موردىكاي ئوردا دەرۋازىسىدىكى ئورنىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، پادىشاھنىڭ بىگتان ۋە تەرەش دېگەن ئىككى دەرۋازىۋەن ھەرەمئاغىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىشنى قەستلەۋاتقانىدى.
22 その事がモルデカイに知れたので、彼はこれを王妃エステルに告げ、エステルはこれをモルデカイの名をもって王に告げた。
بۇ سۇيىقەستنى موردىكاي سېزىپ قېلىپ، ئۇنى خانىش ئەستەرگە ئېيتتى؛ ئەستەر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا سۆزلەپ بەردى.
23 その事が調べられて、それに相違ないことがあらわれたので、彼らふたりは木にかけられた。この事は王の前で日誌の書にかきしるされた。
بۇ ئىش سۈرۈشتە قىلىنىۋىدى، راست بولۇپ چىقتى ۋە ئۇ ئىككىسى دارغا ئېسىلدى. بۇ ۋەقە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا تارىخ-تەزكىرە كىتابىدا پۈتۈلدى.

< エステル 記 2 >