< 申命記 19 >

1 あなたの神、主が国々の民を滅ぼしつくして、あなたの神、主がその地を賜わり、あなたがそれを獲て、その町々と、その家々に住むようになる時は、
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندىكى تائىپىلەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۈزۈپ تاشلىغان ۋاقتىدا ۋە سىلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ۋە ئۆيلىرىدە تۇرغىنىڭلاردا،
2 あなたの神、主が与えて獲させられる地のうちに、三つの町をあなたのために指定しなければならない。
سىلەر شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندا ئۈچ شەھەرنى ئايرىم قىلىشىڭلار كېرەك؛
3 そしてそこに行く道を備え、またあなたの神、主があなたに継がせられる地の領域を三区に分け、すべて人を殺した者をそこにのがれさせなければならない。
شۇنداقلا، ئادەم ئۆلتۈرگەن ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىۋالسۇن دەپ يول ھازىرلاپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىراس بولۇشقا سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئۈچ رايونغا بۆلىسىلەر.
4 人を殺した者がそこにのがれて、命を全うすべき場合は次のとおりである。すなわち以前から憎むこともないのに、知らないでその隣人を殺した場合、
تىرىك قېلىش ئۈچۈن شۇ يەرلەرگە قېچىپ بېرىۋالغان، ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى توغرۇلۇق بەلگىلىمە مۇنداق: ــ ئۇ قوشنىسىنى تاسادىپىيلىقتىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، شۇنداقلا ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان بولسا، شۇ يەرگە قېچىپ بېرىۋالسا بولىدۇ.
5 たとえば人が木を切ろうとして、隣人と一緒に林に入り、手におのを取って、木を切り倒そうと撃ちおろすとき、その頭が柄から抜け、隣人にあたって、死なせたような場合がそれである。そういう人はこれらの町の一つにのがれて、命を全うすることができる。
مەسىلەن، ئۇ قوشنىسى بىلەن ئوتۇن كېسىشكە ئورمانغا كىرگەن بولۇپ، دەرەخنى كېسىشكە پالتىنى كۆتۈرگەندە پالتا بېشى سېپىدىن ئاجراپ كېتىپ قوشنىسىغا تېگىپ كېتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنداقتا جاۋابكار كىشى بۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋېلىپ ھايات قالىدۇ؛
6 そうしなければ、復讐する者が怒って、その殺した者を追いかけ、道が長いために、ついに追いついて殺すであろう。しかし、その人は以前から彼を憎んでいた者でないから、殺される理由はない。
بولمىسا، قان قىساسى ئالغۇچى غەزىپى قاينىغاندا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قوغلايدۇ ۋە يول ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشى ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلىدە قوشنىسىغا ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى يوق ئىدى.
7 それでわたしはあなたに命じて『三つの町をあなたのために指定しなければならない』と言ったのである。
شۇڭا مەن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلار شۇنداق ئۈچ شەھەرنى ئايرىشىڭلار كېرەك» دەپ ئەمر قىلىمەن.
8 あなたの神、主が先祖たちに誓われたように、あなたの領域を広め、先祖たちに与えると言われた地を、ことごとく賜わる時、
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلغىنىدەك چېگرايىڭلارنى كېڭەيتىشنى، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى سىلەرگە تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ؛
9 わたしが、きょう、命じるこのすべての戒めを守って、それをおこない、あなたの神、主を愛して、常にその道に歩む時あなたはこれら三つの町のほかに、また三つの町をあなたのために増し加えなければならない。
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يوللىرىدا دائىم مېڭىش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ ئەمرنى تۇتساڭلارلا ئۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنداقتا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈچ شەھەردىن باشقا يەنە ئۈچ شەھەرنى قوشىسىلەر.
10 これはあなたの神、主が与えて嗣業とされる地のうちで、罪のない者の血が流されないようにするためである。そうしなければ、その血を流したとがは、あなたに帰するであろう。
ۋە شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان زېمىن ئارىسىدا ناھەق قان تۆكۈلمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك گەدىنىڭلارغا خۇن گۇناھى چۈشمەيدۇ.
11 しかし、もし人が隣人を憎んでそれをつけねらい、立ちかかってその人を撃ち殺し、そしてこれらの町の一つにのがれるならば、
لېكىن بىرسى قوشنىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت تۇتقان بولسا، پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە ۋە شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋالغان بولسا،
12 その町の長老たちは人をつかわして彼をそこから引いてこさせ、復讐する者にわたして殺させなければならない。
ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈلسۇن دەپ «قان قىساسى ئالغۇچى»نىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.
13 彼をあわれんではならない。罪のない者の血を流したとがを、イスラエルから除かなければならない。そうすればあなたにさいわいがあるであろう。
سەن ئۇنى ھېچ ئايىمىغىن، شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلدىن تۆكۈلگەن گۇناھسىز قاننىڭ دېغىنى تازىلىغان بولىسىلەر؛ ئاندىن ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ.
14 あなたの神、主が与えて獲させられる地で、あなたが継ぐ嗣業において、先祖の定めたあなたの隣人の土地の境を移してはならない。
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئىگىلەش ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان زېمىندا بۇرۇنقىلار مىراس يېرىڭدە بېكىتكەن، قوشناڭنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەسلىكىڭ كېرەك.
15 どんな不正であれ、どんなとがであれ、すべて人の犯す罪は、ただひとりの証人によって定めてはならない。ふたりの証人の証言により、または三人の証人の証言によって、その事を定めなければならない。
مەلۇم جىنايەت ياكى گۇناھ توغرىسىدا بىرسىگە «ئۇ گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىشتا يالغۇز بىرلا گۇۋاھچى بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ھەممە ئىش ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن بېكىتىلسۇن.
16 もし悪意のある証人が起って、人に対して悪い証言をすることがあれば、
بىرسى توغرۇلۇق «پالانچى-پوكۇنچى گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز قىلىدىغان قارا نىيەتلىك بىر گۇۋاھچى چىقسا،
17 その相争うふたりの者は主の前に行って、その時の祭司と裁判人の前に立たなければならない。
دەۋالىشىپ قالغان ئىككى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، شۇ كۈنلەردە بولىدىغان كاھىنلار ۋە سوراقچى بەگلەر ئالدىدا ھازىر بولسۇن؛
18 その時、裁判人は詳細にそれを調べなければならない。そしてその証人がもし偽りの証人であって、兄弟にむかって偽りの証言をした者であるならば、
سوراقچى بەگلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرسۇن؛ ئەگەر ھېلىقى گۇۋاھچى يالغان گۇۋاھچى بولۇپ، ئۆز قېرىندىشى توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا،
19 あなたがたは彼が兄弟にしようとしたことを彼に行い、こうしてあなたがたのうちから悪を除き去らなければならない。
ئۇنداقتا، سىلەر دەل ئۇ قېرىندىشىغا قىلماقچى بولغىنىدەك ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىسىلەر.
20 そうすれば他の人たちは聞いて恐れ、その後ふたたびそのような悪をあなたがたのうちに行わないであろう。
قالغان خەلقمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلايدۇ ۋە قورقىدۇ ۋە شۇنداقلا، ئاراڭلاردا ئۇنداق رەزىل ئىشنى يەنە قىلمايدۇ.
21 あわれんではならない。命には命、目には目、歯には歯、手には手、足には足をもって償わせなければならない。
سىلەر ھېچ رەھىم قىلماڭلار؛ جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىنسۇن.

< 申命記 19 >