< サムエル記Ⅱ 9 >

1 時にダビデは言った、「サウルの家の人で、なお残っている者があるか。わたしはヨナタンのために、その人に恵みを施そう」。
داۋۇت: سائۇلنىڭ ئۆيىدىن تىرىك قالغان بىرەرسى بارمىكىن، بار بولسا مەن يوناتاننىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتەي؟ ــ دېدى.
2 さて、サウルの家にヂバという名のしもべがあったが、人々が彼をダビデのもとに呼び寄せたので、王は彼に言った、「あなたがヂバか」。彼は言った、「しもべがそうです」。
ئەمدى سائۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى زىبا دېگەن بىر خىزمەتكار قالغانىدى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا چاقىردى. كەلگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: سەن زىبامۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: پېقىر مەن شۇ! ــ دېدى.
3 王は言った、「サウルの家の人がまだ残っていませんか。わたしはその人に神の恵みを施そうと思う」。ヂバは王に言った、「ヨナタンの子がまだおります。あしなえです」。
پادىشاھ: سائۇلنىڭ ئائىلىسىدىن بىرەرسى تىرىك قالدىمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ شاپائىتىنى كۆرسىتەي دەۋاتىمەن، ــ دېدى. زىبا پادىشاھقا: يوناتاننىڭ بىر ئوغلى تىرىك قالدى؛ ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقسايدۇ ــ دېدى.
4 王は彼に言った、「その人はどこにいるのか」。ヂバは王に言った、「彼はロ・デバルのアンミエルの子マキルの家におります」。
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ئۇ قەيەردە، دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا: ئۇ لو-دىباردا، ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ ــ دېدى.
5 ダビデ王は人をつかわして、ロ・デバルのアンミエルの子マキルの家から、彼を連れてこさせた。
شۇڭا داۋۇت پادىشاھ كىشى ئەۋەتىپ ئۇنى لو-دىباردىن، ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلدى.
6 サウルの子ヨナタンの子であるメピボセテはダビデのもとにきて、ひれ伏して拝した。ダビデが、「メピボセテよ」と言ったので、彼は、「しもべは、ここにおります」と答えた。
سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مەفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، يۈزىنى يەرگە يىقىپ، تەزىم قىلدى. داۋۇت: [سەن] مەفىبوشەتمۇ؟ ــ دەپ چاقىرىۋىدى، ئۇ: پېقىر شۇ! ــ دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
7 ダビデは彼に言った、「恐れることはない。わたしはかならずあなたの父ヨナタンのためにあなたに恵みを施しましょう。あなたの父サウルの地をみなあなたに返します。またあなたは常にわたしの食卓で食事をしなさい」。
داۋۇت ئۇنىڭغا: قورقمىغىن، ئاتاڭ يوناتان ئۈچۈن، ساڭا شاپائەت قىلماي قالمايمەن؛ بوۋاڭ سائۇلنىڭ ھەممە يەر-زېمىنلىرىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي، سەن ھەمىشە مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىنىسەن ــ دېدى.
8 彼は拝して言った、「あなたは、しもべを何とおぼしめして、死んだ犬のようなわたしを顧みられるのですか」。
مەفىبوشەت تەزىم قىلىپ: قۇلۇڭ نېمە ئىدى، مەندەك بىر ئۆلۈك ئىت ئالىيلىرى قەدىرلىگۈدەك نېمە ئىدىم؟ ــ دېدى.
9 王はサウルのしもべヂバを呼んで言った、「すべてサウルとその家に属する物を皆、わたしはあなたの主人の子に与えた。
ئاندىن پادىشاھ سائۇلنىڭ خىزمەتكارى زىبانى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سائۇلنىڭ ۋە پۈتكۈل ئائىلىسىنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتىنى مانا مەن غوجاڭنىڭ ئوغلىنىڭ قولىغا بەردىم.
10 あなたと、あなたの子たちと、しもべたちとは、彼のために地を耕して、あなたの主人の子が食べる食物を取り入れなければならない。しかしあなたの主人の子メピボセテはいつもわたしの食卓で食事をするであろう」。ヂバには十五人の男の子と二十人のしもべがあった。
سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلىپ، چىققان مەھسۇلاتلىرىنى غوجاڭنىڭ ئوغلىغا يېيىشكە تاپشۇرۇڭلار. غوجاڭنىڭ ئوغلى مەفىبوشەت مەن بىلەن ھەمىشە ھەمداستىخان بولۇپ غىزالىنىدۇ، ــ دېدى (زىبانىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى).
11 ヂバは王に言った、「すべて王わが主君がしもべに命じられるとおりに、しもべはいたしましょう」。こうしてメピボセテは王の子のひとりのようにダビデの食卓で食事をした。
زىبا پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ قۇللىرىغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە كەمىنىلىرى ئەمەل قىلىدۇ، ــ دېدى. پادىشاھ داۋۇت [يەنە]: مەفىبوشەت بولسا پادىشاھنىڭ بىر ئوغلىدەك داستىخىنىمدىن تائام يېسۇن ــ [دېدى].
12 メピボセテには小さい子があって、名をミカといった。そしてヂバの家に住んでいる者はみなメピボセテのしもべとなった。
مەفىبوشەتنىڭ مىكا دېگەن كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مەفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى.
13 メピボセテはエルサレムに住んだ。彼がいつも王の食卓で食事をしたからである。彼は両足ともに、なえていた。
ئەمدى مەفىبوشەت يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ چۈنكى ئۇ ھەمىشە پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تائام يەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ئاقساق ئىدى.

< サムエル記Ⅱ 9 >