< 歴代誌Ⅱ 23 >

1 第七年になって、エホヤダは勇気をだしてエロハムの子アザリヤ、ヨハナンの子イシマエル、オベデの子アザリヤ、アダヤの子マアセヤ、ジクリの子エリシャパテなどの百人の長たちを招いて契約を結ばせた。
يەتتىنچى يىلى، يەھويادا جاسارەتكە كېلىپ، يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارىيا، يەھوھاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبەدنىڭ ئوغلى ئازارىيا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېياھ ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىشافات قاتارلىق بىرقانچە يۈزبېشىنى چاقىرىپ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى.
2 そこで彼らはユダを行きめぐって、ユダのすべての町からレビびとを集め、またイスラエルの氏族の長たちを集めて、エルサレムに来た。
ئۇلار يەھۇدا زېمىنىنى ئارىلاپ، يەھۇدادىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن لاۋىيلارنى ۋە ئىسرائىلدىكى چوڭ يولباشچىلارنى يىغدى؛ ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى.
3 そしてその会衆は皆神の宮で王と契約を結んだ。その時エホヤダは彼らに言った、「主がダビデの子孫のことについて言われたように、王の子が位につくべきです。
پۈتكۈل جامائەت خۇدانىڭ ئۆيىدە پادىشاھ بىلەن ئەھدىلەشتى. يەھويادا ئۇلارغا: ــ پادىشاھنىڭ ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق ۋەدە قىلغىنىدەك چوقۇم سەلتەنەت قىلىدۇ.
4 あなたがたのなすべき事はこれです。すなわちあなたがた祭司およびレビびとの安息日にはいって来る者の、三分の一は門を守る者となり、
مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ھەرقايسى دەرۋازىلارنى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛
5 三分の一は王の家におり、三分の一は礎の門におり、民は皆、主の宮の庭にいなさい。
ئۈچتىن بىرى پادىشاھ ئوردىسىنى، ئۈچتىن بىرى «ئۇل دەرۋازىسى»نى مۇھاپىزەت قىلسۇن؛ باشقىلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن.
6 祭司と、勤めをするレビびとのほかは、だれも主の宮に、はいってはならない。彼らは聖なる者であるから、はいることができる。民は皆、主の命令を守らなければならない。
لېكىن كاھىنلار ھەم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان لاۋىيلاردىن بۆلەك ھېچكىمنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزمىسۇن (كاھىن-لاۋىيلار پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلانغاچقا كىرىشىگە بولىدۇ). باشقا خەلقنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگار ئۆزىگە بېكىتكەن جايلارنى كۆزەت قىلسۇن.
7 レビびとはめいめい手に武器をとって王のまわりに立たなければならない。宮にはいる者をすべて殺しなさい。あなたがたは王がはいる時にも出る時にも、王と共にいなさい」。
لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى قولىغا قوراللىرىنى ئېلىپ پادىشاھنى ئوراپ تۇرسۇن؛ ئۆز مەيلىچە مۇقەددەس ئۆيگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ھەركىم ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر پادىشاھ كىرىپ-چىقىپ يۈرگىنىدە ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار، ــ دېدى.
8 そこでレビびとおよびユダの人々は、祭司エホヤダがすべて命じたように行い、めいめいその組の者で、安息日にはいって来るべき者と、安息日に出て行くべき者を率いていた。祭司エホヤダが組の者を去らせなかったからである。
لاۋىيلار بىلەن يەھۇدالارنىڭ ھەممىسى كاھىن يەھويادانىڭ بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى. لاۋىيلارنىڭ ھەربىرى شابات كۈنى نۆۋەتچىلىككە كىرگەن ۋە نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەرنى ئۆز يېنىدا قالدۇرۇپ قالدى؛ چۈنكى كاھىن يەھويادا ھېچكىمنى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشۈشكە قويمىدى.
9 また祭司エホヤダは、神の宮にあるダビデ王のやりおよび大盾、小盾を百人の長たちに渡し、
ئاندىن يەھويادا كاھىن داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقان-سىپارلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى.
10 また王を守るために、すべての民にめいめい手に武器をとらせ、宮の南側から北側にわたって、祭壇と宮に沿って立たせた。
ئۇ يەنە كۆپچىلىكنى، ھەربىرى قولىغا ئۆز نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە، قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرغۇزدى.
11 こうして王の子を連れ出して、これに冠をいただかせ、あかしの書を渡して王となし、エホヤダおよびその子たちが彼に油を注いだ。そして「王万歳」と言った。
ئاندىن ئۇلار شاھزادىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ قىلدى؛ يەھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى [خۇشبۇي ماي بىلەن] ئۇنى مەسىھ قىلدى ۋە «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى.
12 アタリヤは民の走りながら王をほめる声を聞いたので、主の宮に入り、民の所へ行って、
ئاتالىيا خەلقلەرنىڭ چېپىشىپ يۈرگەنلىكىنى ۋە پادىشاھنى تەرىپلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى.
13 見ると、王は入口で柱のかたわらに立ち、王のかたわらには将軍たちとラッパ手が立っており、また国の民は皆喜んでラッパを吹き、歌をうたう者は楽器をもってさんびしていたので、アタリヤは衣を裂いて「反逆だ、反逆だ」と叫んだ。
ئۇ قارىسا، مانا پادىشاھ ئۆينىڭ دەرۋازىسىدا، تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى، بارلىق يۇرتنىڭ خەلقى شادلىنىپ كاناي چېلىشاتتى، نەغمىچىلەر ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، جامائەتنى باشلاپ مەدھىيە ئوقۇتۇۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى.
14 その時エホヤダは軍勢を統率する百人の長たちを呼び出し、「列の間から彼女を連れ出せ、彼女に従う者をつるぎで殺せ」と言った。祭司が彼女を主の宮で殺してはならないと言ったからである。
ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارنى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئىچىدە ئۆلتۈرمەڭلار، دەپ ئېيتقانىدى.
15 そこで人々は彼女に手をかけ、王の家の馬の門の入口まで連れて行き、その所で彼女を殺した。
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ئۇ ئوردىنىڭ «ئات دەرۋازىسى» بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگەندە [لەشكەرلەر] ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى.
16 エホヤダは自分とすべての民と王との間に、彼らは皆、主の民となるとの契約を結んだ。
يەھويادا، پۈتكۈل جامائەت ۋە پادىشاھ بىرلىكتە: «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دېگەن بىر ئەھدىنى تۈزۈشتى.
17 そこですべての民はバアルの家に行って、それをこわし、その祭壇とその像とを打ち砕き、バアルの祭司マッタンを祭壇の前で殺した。
ئاندىن بارلىق خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى.
18 エホヤダはまた主の宮の守衛を、祭司とレビびとの指揮のもとに置いた。このレビびとは昔ダビデがモーセの律法にしるされているように、喜びと歌とをもって主に燔祭をささげるために、主の宮に配置したものであって、今そのダビデの例にならったものである。
ئاندىن كېيىن يەھويادا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ كاھىنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. كاھىنلارنى بولسا، ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا نۆۋەت بىلەن قاراشقا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا داۋۇت تەيىنلىگەنىدى. ئۇلار قۇربانلىقلارنى داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە نەغمە-ناۋا ئوقۇغان ھالدا مۇساغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگىنىدەك سۇنۇشقا مەسئۇل ئىدى.
19 彼はまた主の宮のもろもろの門に門衛を置き、汚れた者は何によって汚れた者でも、はいらせないようにした。
[يەھويادا] يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھەرقايسى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تەيىنلىدىكى، ھەرقانداق ئىشلاردىن ناپاك قىلىنغان ئادەملەر كىرگۈزۈلمەيتتى.
20 こうしてエホヤダは百人の長たち、貴族たち、民のつかさたちおよび国のすべての民を率いて、主の宮から王を連れ下り、上の門から王の家に進み、王を国の位につかせた。
ئۇ يەنە يۈزبېشىلىرى، ئاقسۆڭەكلەر، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلار ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى باشلاپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، «يۇقىرىقى دەرۋازا» ئارقىلىق ئوردىغا ئەكىرىپ، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.
21 国の民は皆喜んだ。町はアタリヤがつるぎで殺された後、穏やかであった。
يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى.

< 歴代誌Ⅱ 23 >