< 列王記Ⅰ 4 >

1 ソロモン王はイスラエルの全地の王であった。
سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى.
2 彼の高官たちは次のとおりである。ザドクの子アザリヤは祭司。
ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى مۇنۇلار: ــ زادوكنىڭ ئوغلى ئازارىيا كاھىن ئىدى؛
3 シシャの子エリホレフとアヒヤは書記官。アヒルデの子ヨシャバテは史官。
شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئېلىخورەف ۋە ئاخىياھ كاتىپلار ئىدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات دىۋانبېگى ئىدى؛
4 エホヤダの子ベナヤは軍の長。ザドクとアビヤタルは祭司。
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەردارى ئىدى. زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلار ئىدى؛
5 ナタンの子アザリヤは代官の長。ナタンの子ザブデは祭司で、王の友であった。
ناتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا نازارەت بېگى، ناتاننىڭ يەنە بىر ئوغلى زابۇد ھەم كاھىن ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.
6 アヒシャルは宮内卿。アブダの子アドニラムは徴募の長であった。
ئاخىشار ئوردىنىڭ غوجىدارى، ئابدانىڭ ئوغلى ئادونىرام باج-ئالۋان بېگى ئىدى.
7 ソロモンはまたイスラエルの全地に十二人の代官を置いた。その人々は王とその家のために食物を備えた。すなわちおのおの一年に一月ずつ食物を備えるのであった。
پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئوردىدىكىلىرى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەيدىغان، ئون ئىككى نازارەتچى تەيىنلەنگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى يىلدا بىر ئايدىن يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەشكە مەسئۇل ئىدى.
8 その名は次のとおりである。エフライムの山地にはベンホル。
ئۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن: ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بەن-خۇر؛
9 マカヅと、シャラビムと、ベテシメシと、エロン・ベテハナンにはベンデケル。
ماكاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيت-ھانانغا بەن-دەكەر؛
10 アルボテにはベンヘセデ、(彼はソコとヘペルの全地を担当した)。
ئارۇبوتقا بەن-خەسەد؛ ئۇ يەنە سوكوھ ۋە خەفەر دېگەن بارلىق يۇرتقىمۇ مەسئۇل ئىدى؛
11 ドルの高地の全部にはベン・アビナダブ、(彼はソロモンの娘タパテを妻とした)。
يەنە نافات-دورغا بەن-ئابىناداب (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنى خوتۇنلۇققا ئالغان)؛
12 アヒルデの子バアナはタアナクとメギドと、エズレルの下、ザレタンのかたわらにあるベテシャンの全地を担当して、ベテシャンからアベル・メホラに至り、ヨクメアムの向こうにまで及んだ。
تائاناق، مەگىددو ۋە يىزرەئەلنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىكى زارەتاننىڭ يېنىدا بولغان پۈتكۈل بەيت-شانغا، شۇنداقلا بەيت-شاندىن تارتىپ ئابەل-مەھولاھغىچە، جوكنېئامدىن ئۆتكۈچە بولغان زېمىنلارغا ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا؛
13 ラモテ・ギレアデにはベンゲベル、(彼はギレアデにあるマナセの子ヤイルの村々を担当し、またバシャンにあるアルゴブの地方の城壁と青銅の貫の木のある大きな町六十を担当した)。
راموت-گىلېئادقا بەن-گەبەر؛ ئۇ يەنە گىلېئاد يۇرتىغا جايلاشقان، ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىرغا تەۋە بولغان كەنتلەر ۋە ھەم باشاندىكى يۇرت ئارگوب، جۈملىدىن ئۇ يەردىكى سېپىلى، مىس بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان ئاتمىش چوڭ شەھەرگىمۇ مەسئۇل ئىدى.
14 マハナイムにはイドの子アヒナダブ。
ماھانائىمغا ئىددونىڭ ئوغلى ئاھىناداب؛
15 ナフタリにはアヒマアズ、(彼もソロモンの娘バスマテを妻にめとった)。
نافتالىغا ئاخىمائاز (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى).
16 アセルとベアロテにはホシャイの子バアナ。
ئاشىر ۋە ئالوتقا ھۇشاينىڭ ئوغلى بائاناھ؛
17 イッサカルにはパルアの子ヨシャパテ。
ئىسساكارغا پارۇئاھنىڭ ئوغلى يەھوشافات؛
18 ベニヤミンにはエラの子シメイ。
بىنيامىن زېمىنىغا ئېلانىڭ ئوغلى شىمەي؛
19 アモリびとの王シホンの地およびバシャンの王オグの地なるギレアデの地にはウリの子ゲベル。彼はその地のただひとりの代官であった。
گىلېئاد زېمىنىغا (ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئىدى) ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر. ئۇ شۇ يۇرتقا بىردىنبىر نازارەتچى ئىدى.
20 ユダとイスラエルの人々は多くて、海べの砂のようであったが、彼らは飲み食いして楽しんだ。
يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك نۇرغۇن ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشاللىق قىلاتتى.
21 ソロモンはユフラテ川からペリシテびとの地と、エジプトの境に至るまでの諸国を治めたので、皆みつぎ物を携えてきて、ソロモンの一生のあいだ仕えた。
ۋە سۇلايمان بولسا [ئەفرات] دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ۋە مىسىرنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلاتتى. ئۇلار ئۇلپان كەلتۈرۈپ سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.
22 さてソロモンの一日の食物は細かい麦粉三十コル、荒い麦粉六十コル、
سۇلايماننىڭ ئوردىسىغا كېتىدىغان كۈنلۈك تەمىنات ئۈچۈن ئوتتۇز كور تاسقىغان ئاق ئۇن، ئاتمىش كور قارا ئۇن،
23 肥えた牛十頭、牧場の牛二十頭、羊百頭で、そのほかに雄じか、かもしか、こじか、および肥えた鳥があった。
ئون بوردىغان ئۇي، يايلاقتىن كەلتۈرۈلگەن يىگىرمە ئۇي، يۈز قوي كېتەتتى؛ بۇنىڭدىن باشقا بۇغىلار، جەرەنلەر، كىيىكلەر ۋە بوردىغان توخۇلار لازىم ئىدى.
24 これはソロモンがユフラテ川の西の地方をテフサからガザまで、ことごとく治めたからである。すなわち彼はユフラテ川の西の諸王をことごとく治め、周囲至る所に平安を得た。
چۈنكى ئۇ تىفساھدىن تارتىپ گازاغىچە، [ئەفرات] دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ھەممە يۇرتلارنىڭ ئۈستىدە، يەنى [ئەفرات] دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرەتتى؛ ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى.
25 ソロモンの一生の間、ユダとイスラエルはダンからベエルシバに至るまで、安らかにおのおの自分たちのぶどうの木の下と、いちじくの木の下に住んだ。
سۇلايماننىڭ پۈتكۈل كۈنلىرىدە داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە يەھۇدا بىلەن ئىسرائىل ئادەملىرىنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تېگىدە ئامان-ئېسەن ئولتۇراتتى.
26 ソロモンはまた戦車の馬の、うまや四千と、騎兵一万二千を持っていた。
سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئاتخانىسى، ئون ئىككى مىڭ چەۋەندىزى بار ئىدى.
27 そしてそれらの代官たちはおのおの当番の月にソロモン王のため、およびすべてソロモン王の食卓に連なる者のために、食物を備えて欠けることのないようにした。
مەزكۇر نازارەتچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن ئايدا سۇلايمان پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ داستىخىنىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى كېمەيتمەي تەمىنلەيتتى.
28 また彼らはおのおのその割当にしたがって馬および早馬に食わせる大麦とわらを、その馬のいる所に持ってきた。
خەلق بولسا ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن نورما بويىچە ئات-قېچىرلار ئۈچۈن ئارپا بىلەن سامانلارنى [نازارەتىچىلەر بار] يەرگە ئېلىپ كېلەتتى.
29 神はソロモンに非常に多くの知恵と悟りを授け、また海べの砂原のように広い心を授けられた。
خۇدا سۇلايمانغا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك دانالىق، ئىنتايىن مول پەم-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى كەڭ قىلىپ زور يورۇتتى.
30 ソロモンの知恵は東の人々の知恵とエジプトのすべての知恵にまさった。
شۇنىڭ بىلەن سۇلايماننىڭ دانالىقى بارلىق شەرقتىكىلەرنىڭ دانالىقىدىن ۋە مىسىردىكى بارلىق دانالىقتىن ئاشتى.
31 彼はすべての人よりも賢く、エズラびとエタンよりも、またマホルの子ヘマン、カルコル、ダルダよりも賢く、その名声は周囲のすべての国々に聞えた。
چۈنكى ئۇ بارلىق ئادەملەردىن، جۈملىدىن ئەزراھلىق ئېتان بىلەن ماخولنىڭ ئوغۇللىرى ھېمان، كالكول ۋە داردا دېگەنلەردىن دانا ئىدى؛ ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى ئەتراپىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدا يېيىلدى.
32 彼はまた箴言三千を説いた。またその歌は一千五首あった。
ئۇ ئېيتقان پەند-نەسىھەت ئۈچ مىڭ ئىدى؛ ئۇنىڭ شېئىر-كۈيلىرى بىر مىڭ بەش ئىدى.
33 彼はまた草木のことを論じてレバノンの香柏から石がきにはえるヒソプにまで及んだ。彼はまた獣と鳥と這うものと魚のことを論じた。
ئۇ لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ تامدا ئۆسىدىغان لېپەكگۈلگىچە دەرەخ-گىياھلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى؛ ئۇ يەنە مال ۋە ھايۋانلار، قۇشلار، ھاشارەت-ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە بېلىقلار توغرىسىدا بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى.
34 諸国の人々はソロモンの知恵を聞くためにきた。地の諸王はソロモンの知恵を聞いて人をつかわした。
سۇلايماننىڭ دانالىقىنى ئاڭلىغىلى كىشىلەر بارلىق ئەللەردىن كېلەتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دانالىقى توغرۇلۇق خەۋەر تاپقان يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلاردىن كىشىلەر كەلمەكتە ئىدى.

< 列王記Ⅰ 4 >