< 列王記Ⅰ 19 >

1 アハブはエリヤのしたすべての事、また彼がすべての預言者を刀で殺したことをイゼベルに告げたので、
لېكىن ئاھاب ئىلىياسنىڭ ھەممە قىلغىنىنى، جۈملىدىن ھەممە پەيغەمبەرلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگىنىنى يىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى.
2 イゼベルは使者をエリヤにつかわして言った、「もしわたしが、あすの今ごろ、あなたの命をあの人々のひとりの命のようにしていないならば、神々がどんなにでも、わたしを罰してくださるように」。
يىزەبەل بولسا ئىلىياسقا بىر خەۋەرچى ئەۋەتىپ: ــ ئەگەر ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەن شۇلارنىڭ جانلىرىغا قىلغىنىڭدەك مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئوخشاش قىلمىسام، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە قىلسۇن! ــ دەپ ئېيتقۇزدى.
3 そこでエリヤは恐れて、自分の命を救うために立って逃げ、ユダに属するベエルシバへ行って、しもべをそこに残し、
ئۇ بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قېچىپ يەھۇدا تەۋەسىدىكى بەئەر-شېباغا باردى. ئۇ ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇرۇپ قويۇپ،
4 自分は一日の道のりほど荒野にはいって行って、れだまの木の下に座し、自分の死を求めて言った、「主よ、もはや、じゅうぶんです。今わたしの命を取ってください。わたしは先祖にまさる者ではありません」。
ئۆزى چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر كۈن يول ماڭدى. ئۇ ئۇ يەردىكى بىر شىۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە تىلەك تىلەپ: ــ ئى پەرۋەردىگار ئەمدى بولدى، جېنىمنى ئالغىن؛ نېمىلا دېگەنبىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق ئەمەسمەن، ــ دېدى.
5 彼はれだまの木の下に伏して眠ったが、天の使が彼にさわり、「起きて食べなさい」と言ったので、
ئۇ شۇ شىۋاق ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. مانا بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ، نان يېگىن، دېدى.
6 起きて見ると、頭のそばに、焼け石の上で焼いたパン一個と、一びんの水があった。彼は食べ、かつ飲んでまた寝た。
ئۇ قارىسا بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشىۋاتقان بىر پوشكال ۋە بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ يەپ-ئىچىپ يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى.
7 主の使は再びきて、彼にさわって言った、「起きて食べなさい。道が遠くて耐えられないでしょうから」。
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە كېلىپ ئىككىنچى قېتىم ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ نان يېگىن. بولمىسا يولۇڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەلمەيسەن، دېدى.
8 彼は起きて食べ、かつ飲み、その食物で力づいて四十日四十夜行って、神の山ホレブに着いた。
ئۇ قوپۇپ يەپ-ئىچتى. شۇ تائامدىن ئالغان قۇۋۋەت بىلەن ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز مېڭىپ خۇدانىڭ تېغى ھورەبگە يېتىپ باردى.
9 その所で彼はほら穴にはいって、そこに宿ったが、主の言葉が彼に臨んで、彼に言われた、「エリヤよ、あなたはここで何をしているのか」。
ئۇ ئۇ يەردىكى غارغا كىرىپ قوندى. ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ ئى ئىلىياس، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟
10 彼は言った、「わたしは万軍の神、主のために非常に熱心でありました。イスラエルの人々はあなたの契約を捨て、あなたの祭壇をこわし、刀をもってあなたの預言者たちを殺したのです。ただわたしだけ残りましたが、彼らはわたしの命を取ろうとしています」。
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن، يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى.
11 主は言われた、「出て、山の上で主の前に、立ちなさい」。その時主は通り過ぎられ、主の前に大きな強い風が吹き、山を裂き、岩を砕いた。しかし主は風の中におられなかった。風の後に地震があったが、地震の中にも主はおられなかった。
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تاغدا تۇرغىن، دېدى. مانا، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى؛ [ئۇنىڭ ئالدىدا] زور كۈچلۈك بىر شامال چىقىپ، تاغلارنى سۇندۇرۇپ، قورام تاشلارنى پارچىلاپ چېقىۋەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار شامالدا ئەمەس ئىدى. شامالدىن كېيىن بىر يەر تەۋرەش بولدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەشتە ئەمەس ئىدى.
12 地震の後に火があったが、火の中にも主はおられなかった。火の後に静かな細い声が聞えた。
يەر تەۋرەشتىن كېيىن بىر لاۋۇلدىغان ئوت كۆتۈرۈلدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئوتتا ئەمەس ئىدى. ئوتتىن كېيىن بوشقىنا، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
13 エリヤはそれを聞いて顔を外套に包み、出てほら穴の口に立つと、彼に語る声が聞えた、「エリヤよ、あなたはここで何をしているのか」。
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىلىياس شۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ تۇردى. مانا، بىر ئاۋاز چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئىلىياس، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ــ دېدى.
14 彼は言った、「わたしは万軍の神、主のために非常に熱心でありました。イスラエルの人々はあなたの契約を捨て、あなたの祭壇をこわし、刀であなたの預言者たちを殺したからです。ただわたしだけ残りましたが、彼らはわたしの命を取ろうとしています」。
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى.
15 主は彼に言われた、「あなたの道を帰って行って、ダマスコの荒野におもむき、ダマスコに着いて、ハザエルに油を注ぎ、スリヤの王としなさい。
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، ئاندىن دەمەشقنىڭ چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە بارغاندا ھازائەلنى سۇرىيە ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن.
16 またニムシの子エヒウに油を注いでイスラエルの王としなさい。またアベルメホラのシャパテの子エリシャに油を注いで、あなたに代って預言者としなさい。
ئاندىن نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن؛ ئۆز ئورنۇڭغا پەيغەمبەر بولۇشقا ئابەل-مەھولاھلىق شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىمۇ مەسىھ قىلغىن.
17 ハザエルのつるぎをのがれる者をエヒウが殺し、エヒウのつるぎをのがれる者をエリシャが殺すであろう。
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھازائەلنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى يەھۇ ئۆلتۈرىدۇ؛ يەھۇنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ.
18 また、わたしはイスラエルのうちに七千人を残すであろう。皆バアルにひざをかがめず、それに口づけしない者である」。
لېكىن ئىسرائىلدا يەتتە مىڭ كىشىنى، يەنى بائالنىڭ ئالدىدا تىزلىرىنى پۈكمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاغزىنى سۆيگۈزمىگەن ھەربىرىنى ئۆزۈمگە ساقلاپ قالدۇردۇم، ــ دېدى.
19 さてエリヤはそこを去って行って、シャパテの子エリシャに会った。彼は十二くびきの牛を前に行かせ、自分は十二番目のくびきと共にいて耕していた。エリヤは彼のかたわらを通り過ぎて外套を彼の上にかけた。
ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى تاپتى. ئۇ چاغدا ئۇ يەر ھەيدەۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى جۈپ ئۇي بار ئىدى، ئۇ ئون ئىككىنچىسى بىلەن قوش ھەيدەۋاتاتتى. ئىلىياس كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ ئارتىپ قويدى.
20 エリシャは牛を捨て、エリヤのあとに走ってきて言った、「わたしの父母に口づけさせてください。そして後あなたに従いましょう」。エリヤは彼に言った、「行ってきなさい。わたしはあなたに何をしましたか」。
ئۇ ئۇيلارنى تاشلاپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ: ــ مېنى بېرىپ ئاتام بىلەن ئانامنى سۆيگىلى قويغىن، ئاندىن مەن كېلىپ ساڭا ئەگىشەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قايتقىن؛ مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟ ــ دېدى.
21 エリシャは彼を離れて帰り、ひとくびきの牛を取って殺し、牛のくびきを燃やしてその肉を煮、それを民に与えて食べさせ、立って行ってエリヤに従い、彼に仕えた。
ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئىشلەتكەن بىر جۈپ ئۇينى سويۇپ، ئۇلارنىڭ جابدۇقىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ خەلققە بېرىۋىدى، ئۇلار يېدى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.

< 列王記Ⅰ 19 >