< 詩篇 9 >

1 われ心をつくしてヱホバに感謝し そのもろもろの奇しき事迹をのべつたへん
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سەن پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيەلەيمەن؛ مەن سېنىڭ قىلغان بارلىق كارامەتلىرىڭنى بايان قىلاي؛
2 われ汝によりてたのしみ且よろこばん 至上者よなんぢの名をほめうたはん
مەن سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ سېنىڭ نامىڭنى ناخشا قىلىپ ئېيتىمەن، ئى ھەممىدىن ئالىي!
3 わが仇しりぞくとき躓きたふれて御前にほろぶ
مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنىڭ كەينىگە يېنىشلىرى بولسا، دەل ئۇلارنىڭ سېنىڭ دىدارىڭ ئالدىدا يىقىلىپ، يوقىلىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
4 なんぢわが義とわが訟とをまもりたまへばなり なんぢはだしき審判をしつつ寳座にすわりたまへり
چۈنكى سەن مېنىڭ ھەققىم ھەم دەۋايىمنى سورىدىڭ؛ سەن تەختكە ئولتۇرۇپ، ھەققانىيلارچە سوتلىدىڭ.
5 またもろもろの國をせめ惡きものをほろぼし 世々かぎりなくかれらが名をけしたまへり
سەن ئەللەرگە تەنبىھ بېرىپ، رەزىللەرنى ھالاك قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ نامىنى مەڭگۈگە ئۆچۈرۈۋەتكەنسەن.
6 仇はたえはてて世々あれすたれたり 汝のくつがへしたまへるもろもろの邑はうせてその跡だにもなし
ئى دۈشمىنىم! ھالاكەتلىرىڭ مەڭگۈلۈك بولدى! سەن شەھەرلىرىنى يۇلۇپ تاشلىۋەتتىڭ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ناملىرىمۇ يوقاپ كەتتى؛
7 ヱホバはとこしへに聖位にすわりたまふ 審判のためにその寳座をまうけたまひたり
بىراق پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ئولتۇرۇپ [ھۆكۈم سۈرىدۇ]؛ ئۇ ئۆز تەختىنى سوت قىلىشقا تەييارلاپ بېكىتكەن؛
8 ヱホバは公義をもて世をさばき 直をもてもろもろの民に審判をおこなひたまはん
ئالەمنى ھەققانىيلىق بىلەن سوت قىلغۇچى ئۇدۇر؛ خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
9 ヱホバは虐げらるるものの城また難みのときの城なり
ھەم ئۇ پەرۋەردىگار ئېزىلگۈچىلەرگە ئېگىز پاناھ، شۇنداقلا ئازابلىق كۈنلەردە ئېگىز پاناھدۇر.
10 聖名をしるものはなんぢに依賴ん そはヱホバよなんぢを尋るものの棄られしこと斷てなければなり
نامىڭنى بىلگەنلەر بولسا ساڭا تايىنىدۇ؛ چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭنى ئىزدىگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىغان ئەمەسسەن.
11 シオンに住たまふヱホバに對ひてほめうたへ その事迹をもろもろの民のなかにのべつたへよ
زىئوندا تۇرغۇچى پەرۋەردىگارغا كۈيلەرنى ياڭرىتىڭلار! ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا بايان قىلىڭلار؛
12 血を問糺したまふものは苦しむものを心にとめてその號呼をわすれたまはず
چۈنكى [تۆكۈلگەن] قاننىڭ سورىقىنى قىلغۇچى ئۇدۇر، ئۇ دەل شۇنداق كىشىلەرنى ئەسلەيدۇ، خار قىلىنغانلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئۇ ئۇنتۇغان ئەمەس.
13 ヱホバよ我をあはれみたまへ われを死の門よりすくひいだしたまへる者よ ねがはくは仇人のわれを難むるを視たまへ
ماڭا شەپقەت كۆرسەتكىن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئۆچمەنلەردىن كۆرگەن خورلۇقلىرىمغا نەزەر سالغىنكى، مېنى ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ئالدىدىن كۆتۈرگەيسەن؛
14 さらば我なんぢのすべての頌美をのぶるを得またシオンのむすめの門にてなんぢの救をよろこばん
شۇنداق قىلغاندا مەن زىئون قىزىنىڭ دەرۋازىلىرىدا تۇرۇپ، ساڭا تەئەللۇق بارلىق مەدھىيىلەرنى جاكارلايمەن؛ مەن نىجاتلىق-قۇتقۇزۇشۇڭدا شادلىنىمەن.
15 もろもろの國民はおのがつくれる阱におちいり そのかくしまうけたる網におのが足をとらへらる
ئەللەر بولسا ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا ئۆزلىرى چۈشۈپ كەتتى، ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا پۇتى قاپسىلىپ قالدى.
16 ヱホバは己をしらしめ審判をおこなひたまへり あしき人はおのが手のわざなる羂にかかれり ヒガイオン (セラ)
پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. خىگگائون ــ سېلاھ.
17 あしき人は陰府にかへるべし 神をわするるもろもろの國民もまたしからん (Sheol h7585)
رەزىللەر، يەنى خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق ئەللەر، ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ. (Sheol h7585)
18 貧者はつねに忘らるるにあらず苦しむものの望はとこしへに滅ぶるにあらず
چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ.
19 ヱホバよ起たまへ ねがはくは勝を人にえしめたまふなかれ御前にてもろもろのくにびとに審判をうけしめたまヘ
ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇرغىن؛ ئادەم بالىلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغىن؛ ھۇزۇرۇڭ ئالدىدا بارلىق ئەللەر سوتلانسۇن.
20 ヱホバよ願くはかれらに懼をおこさしめたまへ もろもろの國民におのれただ人なることを知しめたまヘ (セラ)
ئۇلارنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈر، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەللەر ئۆزلىرىنى بىز پەقەت ئادەم بالىلىرى خالاس، دەپ بىلسۇن! سېلاھ!

< 詩篇 9 >