< ヨブ 記 41 >

1 なんぢ鈎をもて鱷を釣いだすことを得んや その舌を糸にひきかくることを得んや
لېۋىئاتاننى قارماق بىلەن تارتالامسەن؟ ئۇنىڭ تىلىنى ئارغامچا بىلەن [باغلاپ] باسالامسەن؟
2 なんぢ葦の繩をその鼻に通し また鈎をその齶に衝とほし得んや
ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش چۈلۈكنى كىرگۈزەلەمسەن؟ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى تۆمۈر نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟
3 是あに頻になんぢに願ふことをせんや 柔かになんぢに言談んや
ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىجا قىلامدۇ؟ ياكى ساڭا ياۋاشلىق بىلەن سۆز قىلامدۇ؟
4 あに汝と契約を爲んや なんぢこれを執て永く僕と爲しおくを得んや
ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى مەڭگۈ مالاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلالامسەن؟
5 なんぢ鳥と戲むるる如くこれとたはむれ また汝の婦人等のために之を繋ぎおくを得んや
سەن ئۇنى قۇشقاچنى ئويناتقاندەك ئوينىتامسەن؟ دېدەكلىرىڭنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويامسەن؟
6 また漁夫の社會これを商貨と爲して商賣人の中間に分たんや
تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟ ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟
7 なんぢ漁叉をもてその皮に滿し 魚矛をもてその頭を衝とほし得んや
سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟!
8 手をこれに下し見よ 然ばその戰鬪をおぼえて再びこれを爲ざるべし
قولۇڭنى ئۇنىڭغا بىرلا تەگكۈزگەندىن كېيىن، بۇ جەڭنى ئەسلەپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلغۇچى بولمايسەن!
9 視よその望は虚し 之を見てすら倒るるに非ずや
مانا، «[ئۇنى بويسۇندۇرىمەن]» دېگەن ھەرقانداق ئۈمىد بىھۇدىلىكتۇر؛ ھەتتا ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە قاراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟
10 何人も之に激する勇氣あるなし 然ば誰かわが前に立うる者あらんや
ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟
11 誰か先に我に與へしところありて我をして之に酬いしめんとする者あらん 普天の下にある者はことごとく我有なり
ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تۇرسا، مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىكمۇ؟
12 我また彼者の肢體とその著るしき力とその美はしき身の構造とを言では措じ
[لېۋىئاتاننىڭ] ئەزالىرى، ئۇنىڭ زور كۈچى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكى توغرۇلۇق، مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن.
13 誰かその外甲を剥ん 誰かその雙齶の間に入ん
كىم ئۇنىڭ ساۋۇتلۇق تونىنى سالدۇرۇۋېتەلىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟
14 誰かその面の戸を開きえんや その周圍の齒は畏るべし
كىم ئۇنىڭ يۈز دەرۋازىلىرىنى ئاچالالىسۇن؟ ئۇنىڭ چىشلىرى ئەتراپىدا ۋەھىمە ياتىدۇ.
15 その並列る鱗甲は之が誇るところ その相闔たる樣は堅く封じたるがごとく
قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى،
16 此と彼とあひ接きて風もその中間にいるべからず
بىر-بىرىگە شامال كىرمەس يېقىن تۇرىدۇ.
17 一々あひ連なり堅く膠て離すことを得ず
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھەمراھلىرىغا چاپلاشقاندۇر؛ بىر-بىرىگە زىچ يېپىشتۇرۇلغان، ھېچ ئايرىلماستۇر.
18 嚔すれば即はち光發す その目は曙光の眼瞼(を開く)に似たり
ئۇنىڭ چۈشكۈرۈشلىرىدىن نۇر چاقنايدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەردىكى قاپاقتەكتۇر.
19 その口よりは炬火いで火花發し
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئوت ئۇچقۇنلىرى سەكرەپ چىقىدۇ.
20 その鼻の孔よりは煙いできたりて宛然葦を焚く釜のごとし
قومۇش گۈلخانغا قويغان قايناۋاتقان قازاندىن چىققان ھوردەك، ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرىدۇ؛
21 その氣息は炭火を爇し 火燄その口より出づ
ئۇنىڭ نەپىسى كۆمۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر يالقۇن چىقىدۇ.
22 力氣その頸に宿る 懼るる者その前に彷徨まよふ
بوينىدا زور كۈچ ياتىدۇ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ.
23 その肉の片は密に相連なり 堅く身に着て動かす可らず
ئۇنىڭ ئەتلىرى قات-قات بىرلەشتۈرۈلۈپ چىڭ تۇرىدۇ؛ ئۈستىدىكى [قاسىراقلىرى] يېپىشتۇرۇلۇپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ.
24 その心の堅硬こと石のごとく その堅硬こと下磨のごとし
ئۇنىڭ يۈرىكى بەئەينى تاشتەك مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەتتا تۈگمەننىڭ ئاستى تېشىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ.
25 その身を興す時は勇士も戰慄き 恐怖によりて狼狽まどふ
ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلارمۇ قورقۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.
26 劍をもて之を撃とも利ず 鎗も矢も漁叉も用ふるところ無し
بىرسى قىلىچنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى يوق؛ نەيزە، ئاتارنەيزە ۋە ياكى چاڭگاق بولسىمۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىزدۇر.
27 是は鐡を見ること稿のごとくし銅を見ること朽木のごとくす
ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، مىسنى پور ياغاچتەك چاغلايدۇ.
28 弓箭もこれを逃しむること能はず 投石機の石も稿屑と見做る
ئوقيا بولسا ئۇنى قورقىتىپ قاچقۇزالمايدۇ؛ سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاخالغا ئايلىنىدۇ.
29 棒も是には稿屑と見ゆ 鎗の閃めくを是は笑ふ
توقماقلارمۇ پاخالدەك ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئۇ نەيزە-شەشبەرنىڭ تەڭلىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ.
30 その下腹には瓦礫の碎片を連ね 泥の上に麥打車を引く
ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر؛ ئۇ لاي ئۈستىگە چوڭ تىرنا بىلەن تاتىلىغاندەك ئىز قالدۇرىدۇ.
31 淵をして鼎のごとく沸かへらしめ 海をして香油の釜のごとくならしめ
ئۇ دېڭىز-ئوكيانلارنى قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ؛ ئۇ دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ؛
32 己が後に光る道を遺せば淵は白髮をいただけるかと疑がはる
ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ ئادەم [بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ] چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
33 地の上には是と並ぶ者なし 是は恐怖なき身に造られたり
يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، ئۇ ھېچ قورقماس يارىتىلغان.
34 是は一切の高大なる者を輕視ず 誠に諸の誇り高ぶる者の王たるなり
ئۇ بۈيۈكلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا [جۈرئەت بىلەن] نەزەر سېلىپ، قورقمايدۇ؛ ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر».

< ヨブ 記 41 >