< 列王記Ⅰ 11 >

1 ソロモン王パロの女の外に多の外國の婦を寵愛せり即ちモアブ人アンモニ人エドミ人シドン人ヘテ人の婦を寵愛せり
لېكىن سۇلايمان پادىشاھنىڭ كۆڭلى پىرەۋننىڭ قىزىدىن باشقا كۆپ چەتئەللىك ئاياللارغا، جۈملىدىن موئابىي، ئاممونىي، ئېدومىي، زىدونىي، ھىتتىي ئاياللىرىغا چۈشكەنىدى.
2 ヱホバ曾て是等の國民についてイスラエルの子孫に言たまひけらく爾等は彼等と交るべからず彼等も亦爾等と交るべからず彼等必ず爾等の心を轉して彼等の神々に從はしめんとしかるにソロモン彼等を愛して離れざりき
پەرۋەردىگار ئەسلىدە مۇشۇ ئەللەر توغرۇلۇق ئىسرائىللارغا: «ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئىزدەپ بارماڭلار، ۋە ئۇلارنى سىلەرنىڭكىلەرگە كىرگۈزمەڭلار؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭۈللىرىڭلارنى چوقۇم ئۆز مەبۇدلىرىغا ئازدۇرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بىراق سۇلايماننىڭ كۆڭلى دەل شۇلارغا باغلاندى.
3 彼妃公主七百人嬪三百人あり其妃等彼の心を轉せり
ئۇنىڭ يەتتە يۈز ئايالى، يەنى خانىشى ۋە ئۈچ يۈز كېنىزىكى بار ئىدى؛ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئازدۇرۇپ بۇرىۋەتكەنىدى.
4 ソロモンの年老たる時妃等其心を轉移して他の神に從はしめければ彼の心其父ダビデの心の如く其神ヱホバに全からざりき
شۇنداق بولدىكى، سۇلايمان ياشانغاندا، ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى باشقا ئىلاھلارغا ئازدۇرۇپ بۇرۇۋەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاتىسى داۋۇتنىڭكىدەك پەرۋەردىگار خۇداسىغا مۇتلەق سادىق بولمىدى.
5 其はソロモン、シドン人の神アシタロテに從ひアンモニ人の惡むべき者なるモロクに從ひたればなり
شۇڭا سۇلايمان زىدونىيلارنىڭ مەبۇدى ئاشتاروتنى، ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى مىلكومنى ئىزدىدى؛
6 ソロモン斯ヱホバの目のまへに惡を行ひ其父ダビデの如く全くはヱホバに從はざりき
شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلدى؛ ئۇ ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئەگەشكەندەك ئىزچىللىق بىلەن ئەگەشمىدى.
7 爰にソロモン、モアブの憎むべき者なるケモシの爲又アンモンの子孫の憎むべき者なるモロクのためにエルサレムの前なる山に崇邱を築けり
ئاندىن سۇلايمان يېرۇسالېم ئالدىدىكى ئېدىرلىقتا موئابىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى كېموش ھەم ئاممونىيلارنىڭ يىرگىنچلىك مەبۇدى مىلكوم ئۈچۈن بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدى؛
8 彼又其異邦の凡の妃の爲にも然せしかば彼等は香を焚て己々の神を祭れり
شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ مەبۇدلىرىغا خۇشبۇي ياقىدىغان ۋە قۇربانلىق قىلىدىغان ھەربىر يات ئەللىك ئايالى ئۈچۈنمۇ ئۇ شۇنداق قىلدى؛
9 ソロモンの心轉りてイスラエルの神ヱホバを離れしによりてヱホバ彼を怒りたまふヱホバ嘗て兩次彼に顯れ
شۇڭا پەرۋەردىگار سۇلايماندىن رەنجىدى؛ گەرچە ئۇ ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم كۆرۈنگەن بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا دەل مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق، يەنى باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىمەسلىكىنى تاپىلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ئاينىپ كەتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ تاپىلىغىنىغا ئەمەل قىلمىدى.
10 此事に付て彼に他の神に從ふべからずと命じたまひけるに彼ヱホバの命じたまひし事を守らざりしなり
11 ヱホバ、ソロモンに言たまひけるは此事爾にありしに因り又汝わが契約とわが爾に命じたる法憲を守らざりしに因て我必ず爾より國を裂きはなして之を爾の臣僕に與ふべし
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن شۇنداق قىلىۋېرىپ، مېنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەھدەم بىلەن بەلگىلىرىمنى تۇتمىغىنىڭ ئۈچۈن، مەن جەزمەن پادىشاھلىقنى سەندىن يىرتىۋېتىپ خىزمەتكارىڭغا بېرىمەن.
12 然ど爾の父ダビデの爲に爾の世には之を爲ざるべし我爾の子の手より之を裂きはなさん
لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن سېنىڭ ئۆز كۈنلىرىڭدە مەن شۇنداق قىلمايمەن، بەلكى ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن ئۇنى يىرتىۋېتىمەن.
13 但し我は國を盡くは裂きはなさずしてわが僕ダビデのために又わが選みたるエルサレムのために一の支派を爾の子に與へんと
لېكىن پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭدىن يىرتىۋەتمەيمەن، بەلكى قۇلۇم داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن ۋە ئۆزۈم تاللىغان يېرۇسالېم ئۈچۈن ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرۇپ قويىمەن».
14 是に於てヱホバ、エドミ人ハダデを興してソロモンの敵と爲したまふ彼はエドム王の裔なり
ئەمما پەرۋەردىگار سۇلايمانغا بىر دۈشمەن، يەنى ئېدوملۇق ھادادنى قوزغىدى، ئۇ كىشى ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ نەسلىدىن ئىدى.
15 曩にダビデ、エドムに事ありし時軍の長ヨアブ上りて其戰死せし者を葬りエドムの男を盡く撃殺しける時に方りて
ئەسلىدە داۋۇت ئېدوم بىلەن [جەڭ قىلغان] ۋاقىتتا، قوشۇننىڭ سەردارى يوئاب ئېدومنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى يوقاتقانىدى (چۈنكى ئېدومدىكى ھەممە ئەرلەرنى يوقاتقۇچە، يوئاب بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرغانىدى)؛ ئۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى كۆمگىلى چىققاندا
16 (ヨアブはエドムの男を盡く絶までイスラエルの群衆と偕に六月其處に止れり)
17 ハダデ其父の僕なる數人のエドミ人と共に逃てエジブトに往んとせり時にハダデは尚小童子なりき
ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرنەچچە ئېدومىي خىزمەتچىلىرى بىلەن مىسىرغا قېچىپ كەتكەنىدى. ھاداد ئۇ چاغدا كىچىك بالا ئىدى.
18 彼等ミデアンを起出てバランに至りパランより人を伴ひてエジプトに往きエジプトの王パロに詣るにバロ彼に家を與へ食糧を定め且土地を與へたり
ئۇلار مىدىيان زېمىنىدىن چىقىپ پارانغا كەلدى. ئۇلار پاراندىن بىرنەچچە ئادەمنى ئېلىپ ئۆزلىرىگە قوشۇپ مىسىرغا، يەنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ قېشىغا كەلدى. پىرەۋن ئۇنىڭغا بىر ئۆي تەقسىم قىلىپ، ئوزۇق-تۈلۈكمۇ تەمىنلىدى ھەمدە بىر پارچە يەرنىمۇ ئۇنىڭغا تەقدىم قىلدى.
19 ハダデ大にパロの心にかなひしかばパロ己の妻の妹即ち王妃タペネスの妹を彼に妻せり
ھاداد پىرەۋننىڭ نەزىرىدە كۆپ ئىلتىپات تاپقان بولۇپ، ئۇ ئۆز خوتۇنىنىڭ سىڭلىسىنى، يەنى تاھپەنەس خانىشنىڭ سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى.
20 タペネスの妹彼に男子ゲヌバテを生ければタペネス之をパロの家の中にて乳離せしむゲヌバテ、パロの家にてパロの子の中にありき
تاھپەنەسنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل، گېنۇباتنى تۇغۇپ بەردى. تاھپەنەس پىرەۋننىڭ ئوردىسىدا ئۇنى ئۆزى چوڭ قىلدى. ئاندىن گېنۇبات پىرەۋننىڭ ئائىلىسى، يەنى پىرەۋننىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا تۇردى.
21 ハダデ、エジプトに在てダビデの其先祖と偕に寝りたると軍の長ヨアブの死たるを聞しかばハダデ、パロに言けるは我を去しめてわが國に往しめよと
ھاداد مىسىردا: «داۋۇت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلاپ قالدى» ۋە «قوشۇننىڭ سەردارى يوئابمۇ ئۆلدى» دەپ ئاڭلىغاندا پىرەۋنگە: ــ مېنىڭ ئۆز يۇرتۇمغا بېرىشىمغا ئىجازەت قىلغايلا، دېدى.
22 パロ彼にいひけるは爾我とともにありて何の缺たる處ありてか爾の國に往ん事を求むる彼言ふ何も無し然どもねがはくは我を去しめよ去しめよ
پىرەۋن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئۆز يۇرتۇمغا باراي دېگىنىڭ نېمە دېگىنىڭ، مېنىڭ قېشىمدا ساڭا نېمە كەملىك قىلىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋابەن: ــ ھېچ نەرسە كەم ئەمەس، ئەمما نېمىلا بولمىسۇن مېنى كەتكىلى قويغايلا، دېدى.
23 神父エリアダの子レゾンを興してソロモンの敵となせり彼は其主人ゾバの王ハダデゼルの許を逃さりたる者なり
خۇدا سۇلايمانغا يەنە بىر دۈشمىنىنى قوزغىدى؛ ئۇ بولسا غوجىسى، يەنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرنىڭ يېنىدىن قېچىپ كەتكەن ئېلىئادانىڭ ئوغلى رەزون ئىدى.
24 ダビデがゾバの人を殺したる時に彼人を自己に集めて一隊の首領となりしが彼等ダマスコに往て彼處に住みダマスコを治めたり
داۋۇت [زوباھلىقلارنى] قەتل قىلغاندا رەزون ئۇلاردىن بىر توپ ئادەمنى ئۆزىگە توپلاپ ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. ئاندىن كېيىن بۇلار دەمەشققە بېرىپ ئۇ يەردە تۇرۇپ، دەمەشق ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈردى.
25 ハダデが爲たる害の外にレゾン、ソロモンの一生の間イスラエルの敵となれり彼イステエルを惡みてスリアに王たりき
شۇنىڭ بىلەن ھاداد ئىسرائىلغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغاندىن باشقا، رەزون سۇلايماننىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئىسرائىلنىڭ دۈشمىنى ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى ئۆچ كۆرەتتى، ئۆزى سۇرىيە ئۈستىدە پادىشاھ ئىدى.
26 ゼレダのヱフラタ人ネバテの子ヤラベアムはソロモンの僕なりしが其母の名はゼルヤと曰て嫠婦なりき彼も亦其手を擧て王に敵す
سۇلايماننىڭ يەروبوئام دېگەن بىر خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇ زەرەداھدىن كەلگەن ئەفرائىمىي نىباتنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى زەرۇئاھ ئىسىملىك بىر تۇل ئايال ئىدى. يەروبوئاممۇ پادىشاھقا قارشى چىقتى.
27 彼が手を擧て王に敵せし故は此なりソロモン、ミロを築き其父ダビデの城の損缺を塞ぎ居たり
ئۇنىڭ پادىشاھقا قارشى چىقىشتىكى سەۋەبى مۇنداق ئىدى: سۇلايمان مىللو قەلئەسىنى ياسىغاندا، ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدىكى سېپىلنىڭ بىر بۆسۈكىنى ياساۋاتاتتى؛
28 其人ヤラベアムは大なる能力ある者なりしかばソロモン此少者が事に勤むるを見て之を立てヨセフの家の凡の役を督どらしむ
يەروبوئام قاۋۇل قەيسەر يىگىت ئىدى؛ سۇلايمان يىگىتنىڭ ئىشچان ۋە چاققان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ جەمەتىگە بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئۈستىگە قويدى.
29 其頃ヤラベアム、エルサレムを出し時シロ人なる預言者アヒヤ路にて彼に遭へり彼は新しき衣服を著ゐたりしが彼等二人のみ野にありき
شۇ كۈنلەردە يەروبوئام يېرۇسالېمدىن چىقىۋاتقاندا، ئۇنى ئىزدەۋاتقان شىلوھلۇق ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇنى يولدا ئۇچراتتى. ئاخىياھ يىپيېڭى بىر توننى كىيۋالغانىدى. ئىككىسى دالادا يالغۇز قالغاندا
30 アヒヤ其著たる新しき衣服を執へて之を十二片に裂き
ئاخىياھ ئۈستىدىكى توننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى يىرتىپ ئون ئىككى پارچە قىلىپ
31 ヤラベアムに言けるは爾自ら十片を取れイスラエルの神ヱホバ斯言たまふ視よ我國をソロモンの手より裂きはなして爾に十の支派を與へん
يەروبوئامغا مۇنداق دېدى: ــ «ئۆزۈڭگە ئون پارچىنى ئالغىن؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ قولىدىن يىرتىۋېتىپ ئون قەبىلىنى ساڭا بېرىمەن.
32 (但し彼はわが僕ダビデの故に因り又わがイスラエルの凡の支派の中より選みたる城エルサレムの故に因りて一の支派を有つべし)
بىراق قۇلۇم داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن ۋە يېرۇسالېم، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىغان شەھەر ئۈچۈن بىر قەبىلە ئۇنىڭغا قالىدۇ.
33 其は彼等我を棄てシドン人の神アシタロテとモアブの神ケモシとアンモンの子孫の神モロクを拝み其父ダビデの如くわが道に歩てわが目に適ふ事わが法ととわが律例を行はざればなり
ــ چۈنكى ئۇلار مېنى تاشلاپ زىدونىيلارنىڭ ئايال مەبۇدى ئاشتاروتقا، موئابىيلارنىڭ مەبۇدى كېموشقا ۋە ئاممونىيلارنىڭ مەبۇدى مىلكومغا سەجدە قىلىپ، ئۇنىڭ ئاتىسى داۋۇتنىڭ قىلىنغىنىدەك قىلماي، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلماي، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغاننى قىلمىدى، مېنىڭ يوللىرىمدا ماڭمىدى؛
34 然ども我は國を盡くは彼の手より取ざるべし我が選みたるわが僕ダビデわが命令とわが法憲を守りたるに因て我彼が爲にソロモンを一生の間主たらしむべし
لېكىن پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالمايمەن؛ چۈنكى مەن تاللىغان، ئۆز ئەمرلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتقان قۇلۇم داۋۇتنى دەپ، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۇنى ھۆكۈم سۈرگۈچى قىلىپ قالدۇرىمەن.
35 然ど我其子の手より國を取て其十の支派を爾に與へん
ئەمما پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ، ساڭا بېرىمەن، يەنى ئون قەبىلىنى بېرىمەن.
36 其子には我一の支派を與へてわが僕ダビデをしてわが己の名を置んとてわがために擇みたる城エルサレムにてわが前に常に一の光明を有しめん
لېكىن مېنىڭ نامىمنىڭ شۇ يەردە بولۇشىغا ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا، مېنىڭ ئالدىمدا قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ھەمىشە يورۇق بىر چىراغ بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرەي.
37 我爾を取ん爾は凡て爾の心の望む所を治めイスラエルの上に王となるべし
مەن سېنى تاللاپ، سېنى بارلىق خالىغان يەرلەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرگۈزىمەن، سەن ئىسرائىلغا پادىشاھ بولىسەن.
38 爾若わが爾に命ずる凡の事を聽て吾が道に歩みわが目に適ふ事を爲しわが僕ダビデが爲し如く我が法憲と誡命を守らば我爾と偕にありてわがダビデのために建しごとく爾のために鞏固き家を建てイスラエルを爾に與ふべし
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر سەن ھەممە بۇيرۇغانلىرىمنى ئاڭلاپ، مېنىڭ يوللىرىمدا مېڭىپ، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، قۇلۇم داۋۇت قىلغاندەك مېنىڭ بەلگىلىرىم بىلەن ئەمرلىرىمنى تۇتساڭ، ئەمدى مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە داۋۇتقا بىر جەمەت تىكلىگىنىمدەك، ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر جەمەت تىكلەيمەن ۋە ئىسرائىلنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن.
39 我之がためにダビデの裔を苦めんされど永遠には非じと
داۋۇتنىڭ نەسلىنى شۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خارلاپ پەس قىلىمەن، لېكىن مەڭگۈلۈك ئەمەس»».
40 ソロモン、ヤラベアムを殺さんと求めければヤラベアム起てエジプトに逃遁れエジプトの王シシヤクに至りてソロモンの死ぬるまでエジプトに居たり
شۇنىڭ ئۈچۈن سۇلايمان يەروبوئامنى ئۆلتۈرۈشكە پۇرسەت ئىزدەيتتى. لېكىن يەروبوئام قېچىپ مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاكنىڭ قېشىغا باردى؛ سۇلايمان ئۆلگۈچە ئۇ مىسىردا تۇردى.
41 ソロモンの其餘の行爲と凡て彼が爲たる事および其智慧はソロモンの行爲の書に記さるるにあらすや
سۇلايماننىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ ھەممە قىلغان ئەمەللىرى ۋە ئۇنىڭ دانالىقى بولسا «سۇلايماننىڭ ئەمەللىرى» دېگەن كىتابقا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
42 ソロモンのエルサレムにてイスラエルの全地を治めたる日は四十年なりき
سۇلايماننىڭ يېرۇسالېمدا ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى قىرىق يىل بولدى.
43 ソロモン其父祖と偕に寝りて其父ダビデの城に葬らる其子レハベアム之に代て王となれり
سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى رەھوبوئام ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

< 列王記Ⅰ 11 >