< 歴代誌Ⅰ 26 >

1 門を守る者の班列は左のごとしコラ人の中にてはアサフの子コレの子なるメシレミヤ
دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى تۆۋەندىكىدەك بولدى: كوراھ جەمەتىدىكىلەردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە كورەنىڭ ئوغلى مەشەلەمىيا بار ئىدى.
2 メシレミヤの子等は長子はゼカリヤその次はヱデアエルその三はゼバデヤその四はヤテニエル
مەشەلەمىيانىڭ بىرنەچچە ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى زەكەرىيا، ئىككىنچىسى يەدىيايەل، ئۈچىنچىسى زەبادىيا، تۆتىنچىسى ياتنىيەل،
3 その五はエラムその六はヨハナンその七はエリヨエナイ
بەشىنچىسى ئېلام، ئالتىنچىسى يەھوھانان، يەتتىنچىسى ئەليويىناي ئىدى.
4 またオベデエドムの子等は長子はシマヤその次はヨザバデその三はヨアその四はサカルその五はネタネル
ئوبەد-ئېدومنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى شېمايا، ئىككىنچىسى يەھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاھ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نەتانەل،
5 その六はアシミエルその七はイツサカルその八はピウレタイ是は神かれを祝福たまひしなり
ئالتىنچىسى ئاممىيەل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پېئۇلتاي؛ دەرۋەقە خۇدا ئوبەد-ئېدومغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلغانىدى.
6 また彼の子シマヤにも數人の子生れたりしがその子等は大勇士にしてその父の家の主たる者なりき
ئۇنىڭ ئوغلى شېمايامۇ بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، ھەممىسى ئاتا جەمەتى ئىچىدە يولباشچى ئىدى، چۈنكى ئۇلار باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى.
7 すなはちシマヤの子等はオテニ、レバエル、オベデ、エルザバデ、エルザバデの兄弟エリウとセマキヤは力ある人なりき
شېمايانىڭ ئوغۇللىرى: ئوتنى، رېفايەل، ئوبەد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئەلزابادنىڭ ئىنىلىرى ئېلىخۇ بىلەن سەماكىيانىڭ ئىككىسى باتۇر ئىدى.
8 是みなオベデエドムの孫子なり彼らとその子等および其兄弟等は合せて六十二人皆力ある者にしてその職に堪ふ是みなオベデエドムに屬する者なり
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى [خۇدانىڭ] خىزمىتىدە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەملەر ئىدى. ئوبەد-ئېدومنىڭ ئەۋلادى جەمئىي ئاتمىش ئىككى ئادەم ئىدى.
9 メシレミヤも子等と兄弟等合せて十八人あり皆力ある者なりき
مەشەلەمىيانىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ھەممىسى باتۇر بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز ئادەم ئىدى.
10 メラリの子孫ホサもまた子等ありき其長はシムリ是は長子ならざりしかどもその父これを長となせしなり
مەرارىنىڭ ئەۋلادى بولغان خوساھنىڭ بىرنەچچە ئوغلى بار ئىدى، چوڭ ئوغلى شىمرى (شىمرى ئەسلىدە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى چوڭ ئوغۇل قىلىپ تىكلىگەن)،
11 その次はヒルキヤその三はデバリヤその四はゼカリヤ、ホサの子等と兄弟等は合せて十三人
ئىككىنچى ئوغلى ھىلقىيا، ئۈچىنچىسى تەبالىيا، تۆتىنچىسى زەكەرىيا ئىدى. خوساھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى جەمئىي بولۇپ ئون ئۈچ ئادەم ئىدى.
12 門を守るところの班列此長等の中より出でみなその兄弟と等く勤務をなしてヱホバの家に仕ふ
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىرى بويىچە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانىدى.
13 彼ら門々を分つために小も大もともにその宗家に循ひて籤を掣たりしが
ئۇلار، مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ئۆز جەمەتى بويىچە چەك تارتىپ ھەربىر دەرۋازىغا بەلگىلەندى.
14 東の方の籤はシレミヤに當れり又その子ゼカリヤのために籤を掣けるに北の方の籤これに當れりゼカリヤは智慧ある議士なりき
شەرقىي دەرۋازىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلىشقا چەك چىققىنى شەلەمىيا بولدى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئوغلى زەكەرىيا (ئاقىلانە مەسلىھەتچى ئىدى) ئۈچۈن چەك تارتتى؛ ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋەنلىك چېكى چىقتى.
15 オベデエドムは南の方の籤に當りその子等は倉の籤に當れり
جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ چېكى ئوبەد-ئېدومغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئامبار-خەزىنىلەرگە مەسئۇل بولدى.
16 シユパムおよびホサは西の方の籤にあたり坂の大路にあるシヤレケテの門の傍に居り守者はみな相對ふ
شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازىنىڭ ۋە شۇنىڭدەك داۋان يولىدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ياندىشىپ تۇراتتى.
17 東の方にはレビ人六人北の方には日々に四人南の方にも日々に四人倉のかたはらには二人に二人
شەرقىي دەرۋازىغا ھەركۈنى ئالتە لاۋىي دەرۋازىۋەن مەسئۇل ئىدى؛ شىمالىي دەرۋازىغا ھەركۈنى تۆت ئادەم، جەنۇبىي دەرۋازىغا ھەركۈنى تۆت ئادەم مەسئۇل ئىدى؛ ئامبار-خەزىنىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ قارايتتى.
18 西の方バルバルにおいては大路に四人バルバルに二人
غەرب تەرەپتىكى دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى يولدا تۆت كىشى، دەھلىزنىڭ ئۆزىدە ئىككى كىشى پاسىبانلىق قىلاتتى.
19 門を守る者の班列は是のごとし皆コラの子孫とメラリの子孫なり
يوقۇرىدىكى كىشىلەر دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى بولۇپ، كوراھنىڭ ۋە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.
20 また神の府庫および聖物の府庫を司どれる彼らの兄弟なるレビ人は左のごとし
ئۇلارنىڭ [باشقا] لاۋىي قېرىنداشلىرىدىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا ئاخىياھ قويۇلدى.
21 ラダンの子孫すなはちラダンより出たるゲルシヨン人にしてゲルシヨン人ラダンの宗家の長たる者の中にてはヱヒエリ
گەرشون جەمەتىدىكى لاداننىڭ ئەۋلادلىرىدىن، گەرشونىي لادان جەمەتىگە يولباشچى بولغىنى: جەھىيەلى ئىدى؛
22 およびヱヒエリの子等ならびにその兄弟ゼタムとヨエル是らはヱホバの家の府庫を司どれり
جەھىيەلىنىڭ ئوغۇللىرى زېتام بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى يوئېل ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى.
23 アムラミ人イヅハリ人ヘブロン人ウジエリ人の中においては左のごとし
ئامرام جەمەتى، ئىزھار جەمەتى، ھېبرون جەمەتى ۋە ئۇززىيەل جەمەتىدىكىلەرمۇ [ۋەزىپىگە قويۇلدى]:
24 モーセの子ゲルシヨムの子なるシブエルは府庫の宰たり
مۇسانىڭ نەۋرىسى، گەرشومنىڭ ئوغلى شىبۇئەل باش خەزىنىچى بولدى.
25 その兄弟にしてエリエゼルより出たる者は即ちエリエゼルの子レハビヤその子ヱサヤその子ヨラムその子ジクリその子シロミテ
ئۇنىڭ ئەلىئېزەردىن بولغان قېرىنداشلىرى: ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا، رەھابىيانىڭ ئوغلى يەشايا، يەشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى، زىكرىنىڭ ئوغلى شېلومىت ئىدى.
26 此シロミテとその兄弟等はすべての聖物の府庫を掌どれりその聖物はすなはちダビデ王宗家の長千人の長百人の長軍旅の長等などが奉納たる者なり
مۇشۇ شېلومىت بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان بارلىق خەزىنىلەرنى باشقۇراتتى؛ بۇ بۇيۇملارنى ئەسلىدە داۋۇت پادىشاھ، جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە قوشۇن سەردارلىرى بېغىشلىغانىدى.
27 即ち戰爭において獲たる物および掠取物を奉納てヱホバの家の修繕に供へたるなり
ئۇلار جەڭگاھلاردا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەلگەن مال-مۈلۈكلەردىن ۋە ئولجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پۇختا قىلىشقا بېغىشلىغانىدى.
28 凡て先見者サムエル、キシの子サウル、ネルの子アブネル、ゼルヤの子ヨアブ等が奉献たる物および其他の奉納物は皆シロミテとその兄弟等の手の下にありき
[بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ] ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى سائۇل، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابلار مۇقەددەس دەپ ئايرىغان نەرسىلەر بار ئىدى؛ بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان نەرسىلەرنى شېلومىت بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى باشقۇراتتى.
29 イヅハリ人の中にてはケナニヤとその子等イスラエルの外事を理め有司となり裁判人となれり
ئىزھار جەمەتىدىن كېنانىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى [مۇقەددەس ئۆينىڭ] سىرتىدا ئىسرائىلدا مەنسەپدار ۋە سوتچىلار قىلىپ قويۇلدى.
30 ヘブロン人の中にてはハシヤビアおよびその兄弟などの勇士一千七百人ありてヨルダンの此旁すなはち西の方にてイスラエルの監督者となりヱホバの一切の事を行ひ王の用を爲り
ھېبرون جەمەتىدىن ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ھەممىسى باتۇر بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئىسرائىلدا مەنسەپ تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ۋە پادىشاھنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا قويۇلغان. ئۇلار جەمئىي بىرمىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى.
31 ヘブロン人の中にてはその系譜と宗家とに依ばヱリヤといふ者ヘブロン人の長なりダビデの治世の四十年に彼らを尋ね求めギレアデのヤゼルにおいて彼らの中より大勇士を得たり
ھېبرون جەمەتى ئىچىدە، جەمەتنىڭ نەسەبنامىسى بويىچە يەرىيا جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قىرىقىنچى يىلى [نەسەبنامىلەرنى] تەكشۈرۈش ئارقىلىق گىلېئادنىڭ يائازەر دېگەن يېرىدە بۇ جەمەتتىنمۇ باتۇر ئەزىمەتلەر تېپىلدى.
32 ヱリヤの兄弟たる勇士は二千七百人にして皆宗家の長たりダビデ王かれらをしてルベン人ガド人およびマナセの半支派を監督しめ神につける事と王につける事とを宰どらせたり
يەرىيانىڭ قېرىنداشلىرىدىن يەنە جەمئىي بولۇپ ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر بولۇپ، شۇ جەمەت باشلىرى ئىدى؛ پادىشاھ داۋۇت ئۇلارنى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى خۇداغا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە دائىر بارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويدى.

< 歴代誌Ⅰ 26 >