< מתיו 19 >

ויהי ככלות ישוע לדבר את הדברים האלה ויסע מן הגליל ויבא אל גבול יהודה בעבר הירדן׃ 1
شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چەت يەرلىرىگە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى يۇرتلارغا باردى.
וילכו אחריו המון עם רב וירפאם שם׃ 2
توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇلارنى شۇ يەردىلا ساقايتتى.
ויגשו אליו הפרושים לנסותו לאמר היוכל איש לשלח את אשתו על כל דבר׃ 3
ئەمدى بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ــ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەبتىن ئايالىنى قويۇۋېتىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ויען ויאמר אליהם הלא קראתם כי עשה בראשית זכר ונקבה עשה אתם׃ 4
شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ [تەۋراتتىن] شۇنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ، مۇقەددەمدە ئىنسانلارنى ياراتقۇچى ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە
ואמר על כן יעזב איש את אביו ואת אמו ודבק באשתו והיו שניהם לבשר אחד׃ 5
«شۇ سەۋەبتىن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ».
אם כן אינם עוד שנים כי אם בשר אחד לכן את אשר חבר האלהים אל יפרידנו האדם׃ 6
شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بەلكى بىر تەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن.
ויאמרו אליו ולמה זה צוה משה לתת לה ספר כריתת ולשלחה׃ 7
پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن يەنە: ــ ئۇنداقتا، مۇسا [پەيغەمبەر] نېمە ئۈچۈن [تەۋرات قانۇنىدا] ئەر كىشى ئۆز ئايالىغا تالاق خېتىنى بەرسىلا ئاندىن ئۇنى قويۇۋېتىشكە بولىدۇ، دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دەپ سوراشتى.
ויאמר אליהם בעבור קשי לבבכם הניח לכם משה לשלח את נשיכם אך מראש לא היתה ככה׃ 8
ئۇ ئۇلارغا: ــ تاش يۈرەكلىكىڭلاردىن مۇسا [پەيغەمبەر] ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلغان؛ لېكىن ئالەمنىڭ باشلىمىدا بۇنداق ئەمەس ئىدى.
ואני אמר לכם המשלח את אשתו בלתי על דבר זנות ולקח לו אחרת נאף הוא והלקח את הגרושה נאף הוא׃ 9
ئەمدى شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئايالىنى بۇزۇقلۇقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان ھەرقانداق كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ.
ויאמרו אליו התלמידים אם ככה הוא ענין איש ואשתו לא טוב לקחת אשה׃ 10
مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر ئەر بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋال شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، ــ دېدى.
ויאמר אליהם לא יוכל כל אדם קבל את הדבר הזה כי אם אלה אשר נתן להם להבין׃ 11
ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ سۆزنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت نېسىپ قىلىنغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ.
יש סריסים אשר נולדו כן מבטן אמם ויש סריסים המסרסים על ידי אדם ויש סריסים אשר סרסו את עצמם למען מלכות השמים מי שיוכל לקבל יקבל׃ 12
چۈنكى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدىن تۇغما بەزى ئاغۋاتلار بار؛ ۋە ئىنسان تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغان بەزى ئاغۋاتلارمۇ بار؛ ۋە ئەرش پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاغۋات قىلغانلارمۇ بار. بۇ سۆزنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن! ــ دېدى.
אז יביאו אליו ילדים למען ישים עליהם את ידיו ויתפלל עליהם ויגערו בם התלמידים׃ 13
قولۇڭنى تەگكۈزۈپ دۇئا قىلغايسەن دەپ، بەزىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى.
והוא ישוע אמר הניחו לילדים ואל תמנעום מבוא אלי כי לאלה מלכות השמים׃ 14
ئەمما ئەيسا: ــ بالىلار مېنىڭ ئالدىمغا كەلتۈرۈلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلارغا تەۋەدۇر، ــ دېدى.
וישם את ידיו עליהם ויעבר משם׃ 15
ۋە قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى.
והנה איש נגש אליו ויאמר רבי הטוב אי זה הטוב אשר אעשנו לקנות חיי עולמים׃ (aiōnios g166) 16
مانا، بىر كۈنى بىر سى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōnios g166)
ויאמר אליו מה תקראני טוב אין טוב כי אם אחד האלהים ואם חפצך לבוא אל החיים שמר את המצות׃ 17
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ نېمىشقا مەندىن ياخشىلىق توغرىسىدا سورايسەن؟ «ياخشى بولغۇچىلار» بولسا پەقەت بىرىلا بار. ئەمما ھاياتلىققا كىرىمەن دېسەڭ، ئەمرلەرگە ئەمەل قىل، ــ دېدى.
ויאמר אליו מה הנה ויאמר ישוע אלה הן לא תרצח לא תנאף לא תגנב לא תענה עד שקר׃ 18
قايسى ئەمرلەرگە دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە،
כבד את אביך ואת אמך ואהבת לרעך כמוך׃ 19
ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» ــ دېدى.
ויאמר אליו הבחור את כל אלה שמרתי מנעורי ומה חסרתי עוד׃ 20
ياش يىگىت ئۇنىڭغا: ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى ماڭا يەنە نېمە كەم؟ ــ دېدى.
ויאמר ישוע אליו אם חפצך להיות שלם לך מכר את רכשך ותן לעניים והיה לך אוצר בשמים ושוב הלם ולך אחרי׃ 21
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مۇكەممەل بولۇشنى خالىساڭ، بېرىپ بار-يوقۇڭنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى.
ויהי כשמע הבחור את הדבר הזה וילך משם נעצב כי היו לו נכסים רבים׃ 22
يىگىت مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ مال-مۈلكى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
ויאמר ישוע אל תלמידיו אמן אמר אני לכם קשה לעשיר לבוא אל מלכות השמים׃ 23
ئەيسا مۇخلىسلىرىغا: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بايلارنىڭ ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەسلىكتىلا بولىدۇ.
ועוד אני אמר לכם כי נקל לגמל לעבר דרך נקב המחט מבא עשיר אל מלכות האלהים׃ 24
ۋە يەنە شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى.
והתלמידים כשמעם זאת השתוממו מאד ויאמרו מי אפוא יוכל להושע׃ 25
مۇخلىسلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ: ــ ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
ויבט בן ישוע ויאמר להם מבני אדם יפלא הדבר אבל מהאלהים לא יפלא כל דבר׃ 26
ئەمما ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: ــ بۇ ئىش ئىنسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن خۇداغا نىسبەتەن ھەممە ئىش مۇمكىن بولىدۇ، ــ دېدى.
ויען פטרוס ויאמר אליו הן אנחנו עזבנו את הכל ונלך אחריך מה יהיה לנו׃ 27
بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مانا، بىز ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ساڭا ئەگەشتۇق! بىز بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ ــ دەپ سورىدى.
ויאמר ישוע אליהם אמן אמר אני לכם אתם ההלכים אחרי בהתחדש הבריאה כאשר ישב בן האדם על כסא כבודו תשבו גם אתם על שנים עשר כסאות לשפט את שנים עשר שבטי ישראל׃ 28
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئالەمدىكى ھەممە قايتىدىن يېڭىلانغىنىدا، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ماڭا ئەگەشكەن سىلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈم چىقىرىسىلەر.
וכל איש אשר עזב את בתיו ואת אחיו ואת אחיותיו ואת אביו ואת אמו ואת אשתו ואת בניו ואת שדותיו למען שמי הוא יקח מאה שערים וחיי עולמים יירש׃ (aiōnios g166) 29
مېنىڭ نامىم دەپ ئۆيلەر، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى ياكى يەر-زېمىنلاردىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا يۈز ھەسسە ئارتۇق ئېرىشىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا مىراس بولىدۇ. (aiōnios g166)
ואולם רבים מן הראשונים אשר יהיו אחרונים ומן האחרונים יהיו ראשונים׃ 30
لېكىن شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالدىدا تۇرغانلار ئارقىغا ئۆتىدۇ، نۇرغۇن ئارقىدا تۇرغانلار ئالدىغا ئۆتىدۇ.

< מתיו 19 >