< לוּקָס 13 >

ויבאו אנשים בעת ההיא ויגידו לו על דבר הגלילים אשר פילטוס ערב דמם עם זבחיהם׃ 1
شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ויען ישוע ויאמר אליהם החשבים אתם כי הגלילים האלה היו חטאים מכל אנשי הגליל על אשר באה כזאת עליהם׃ 2
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟
לא כי אמר אני לכם אם לא תשובו תאבדו כלכם גם אתם׃ 3
مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
או שמנה העשר ההם אשר נפל עליהם המגדל בשלח וימיתם החשבים אתם כי היו אשמים מכל האנשים הישבים בירושלים׃ 4
سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟
לא כי אמר אני לכם אם לא תשובו תאבדו כלכם גם אתם׃ 5
مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
וישא משלו ויאמר איש אחד היתה לו תאנה נטועה בכרמו ויבא לבקש בה פרי ולא מצא׃ 6
ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تىكىلگەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ئۇ دەرەختىن مېۋە ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ھېچ مېۋە تاپالماپتۇ.
ויאמר אל הכרם הנה זה שלש שנים אנכי בא לבקש פרי בתאנה הזאת ואינני מוצא גדע אותה למה זה תשחית את האדמה׃ 7
ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ.
ויען ויאמר אליו אדני הניחה אתה עוד השנה הזאת עד כי אעדר ושמתי דמן סביבותיה׃ 8
لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي.
אולי תעשה פרי ואם לא בשנה הבאה תגדענה׃ 9
ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن.
ויהי הוא מלמד בשבת באחד מבתי הכנסיות׃ 10
بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى.
והנה אשה טעונת רוח חלי כשמנה עשרה שנה ותהי כפופה ולא יכלה לקום קומה זקופה׃ 11
مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى.
ויהי בראות אתה ישוע ויקרא אליה ויאמר לה אשה החלצי מחליך׃ 12
ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: ــ خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! ــ دېدى.
וישם את ידיו עליה וכרגע קמה ותתעודד ותשבח את האלהים׃ 13
ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى.
ויכעס ראש הכנסת על אשר רפא ישוע בשבת ויען ויאמר אל העם ששת ימים הם אשר תעשה בהם מלאכה לכן באלה באו והרפאו ולא ביום השבת׃ 14
بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى.
ויען האדון ויאמר אליו החנף איש איש מכם הלא יתיר בשבת את שורו או את חמרו מן האבוס ויוליכהו להשקתו׃ 15
شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟!
וזאת אשר היא בת אברהם ואשר השטן אסרה זה שמנה עשרה שנה הלא תתר ממוסרותיה ביום השבת׃ 16
ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟!
ויהי כאמרו את הדברים האלה נכלמו כל מתקוממיו וישמח כל העם על כל הנפלאות הנעשות על ידו׃ 17
ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى.
ויאמר למה דומה מלכות האלהים ואל מה אמשילנה׃ 18
ئۇ سۆزىنى [داۋاملاشتۇرۇپ] مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مەن ئۇنى نېمىگە ئوخشىتاي؟
דומה היא לגרגר של חרדל אשר לקחו איש וישימהו בגנו ויצמח ויהי לעץ גדול ועוף השמים יקנן בענפיו׃ 19
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى.
ויאמר עוד אל מה אדמה את מלכות האלהים׃ 20
ئۇ يەنە: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ؛ بىر ئايال ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىدى، ــ دېدى.
דומה היא לשאר אשר לקחתו אשה ותטמנהו בשלש סאים קמח עד כי יחמץ כלו׃ 21
ויעבר בערים ובכפרים עבור ולמד וישם את דרכו לבוא ירושלים׃ 22
[ئەيسا] يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى.
וישאלהו איש לאמר אדנינו המעט הם הנושעים׃ 23
بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: ــ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:
ויאמר אליהם התאמצו לבוא בפתח הצר כי אמר אני לכם רבים יבקשו לבוא ולא יוכלו׃ 24
ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ.
והיה מיום אשר יקום בעל הבית וסגר את הדלת ותחלו לעמד בחוץ ולדפק על הדלת לאמר אדנינו אדנינו פתח לנו וענה ואמר אליכם אינני יודע אתכם מאין אתם׃ 25
ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ.
אז תחלו לאמר אכלנו ושתינו לפניך וברחבותינו למדת׃ 26
ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار،
ויאמר אני אמר לכם אינני יודע אתכם מאין אתם סורו ממני כל פעלי האון׃ 27
ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ.
ושם תהיה היללה וחרק השנים כאשר תראו את אברהם ויצחק ויעקב ואת כל הנביאים במלכות האלהים ואתם מגרשים החוצה׃ 28
سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ.
ויבאו ממזרח וממערב ומצפון ומדרום ויסבו במלכות האלהים׃ 29
ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.
והנה יש אחרונים אשר יהיו ראשונים וראשונים אשר יהיו אחרונים׃ 30
شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ.
ביום ההוא נגשו מן הפרושים ויאמרו אליו צא ולך מזה כי הורדוס מבקש להרגך׃ 31
دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى.
ויאמר אליהם לכו ואמרו אל השועל הזה הנני מגרש שדים ופעל רפואות היום ומחר ובשלישי אבא עד קצי׃ 32
ئۇ ئۇلارغا: ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار.
אבל הלוך אלך היום ומחר וממחרתו כי לא יתכן אשר יאבד נביא מחוץ לירושלים׃ 33
ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس.
ירושלים ירושלים ההרגת את הנביאים והסקלת את הנשלחים אליה כמה פעמים חפצתי לקבץ את בניך כאשר תקבץ התרנגלת את אפרוחיה תחת כנפיה ואתם לא אביתם׃ 34
ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار.
הנה ביתכם יעזב לכם שמם ואני אמר לכם כי ראה לא תראוני עד בוא העת אשר תאמרו ברוך הבא בשם יהוה׃ 35
مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» دېمىگۈچە، مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر.

< לוּקָס 13 >