< יְהוּדָה 1 >

יהודה עבד ישוע המשיח ואחי יעקב אל המקראים אשר הם מקדשים באלהים האב ושמורים לישוע המשיח׃ 1
ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن چاقىرىلغانلارغا، يەنى خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام.
רחמים ושלום ואהבה יהיו לכם למכביר׃ 2
سىلەرگە رەھىمدىللىك، ئامانلىق-خاتىرجەملىك ۋە مېھىر-مۇھەببەت ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي!
אהובי בהשתדלי לכתב אליכם על דבר התשועה האחת לכלנו חובה היא בעיני לזרזכם במכתב אשר תלחמו לאמונה המסורה פעם אחת לקדושים׃ 3
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان نىجاتىمىز توغرىسىدا خەت يېزىشقا زور ئىشتىياقىم بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادنى قولۇڭلاردىن بەرمەسلىككە جىددىي كۈرەش قىلىشقا جېكىلەپ ئۇشبۇ خەتنى يازمىسام بولمىدى.
כי התגנבו לבוא מקצת אנשים הכתובים מאז למשפט הזה אנשי רשע ההפכים את חסד אלהינו לזמה וכפרים באלהים המשל היחיד ובאדנינו ישוע המשיח׃ 4
چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇنۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن تانغان ئادەملەردۇر.
ויש את נפשי להזכיר אתכם את אשר כבר ידעתם כי הושיע יהוה את העם ממצרים וישמד אחרי כן את אשר לא האמינו׃ 5
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېسىڭلارغا قايتىدىن سېلىشنى خالايمەنكى (گەرچە سىلەر بۇرۇن ھەممە ئىشلاردىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن بولساڭلارمۇ)، بۇرۇن رەب [ئۆزى ئۈچۈن] بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى [ئۆزىگە] ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى.
והמלאכים אשר לא שמרו את משרתם כי אם עזבו את זבלם שמרם במוסרות עולם ובאפלה למשפט היום הגדול׃ (aïdios g126) 6
[ۋە سىلەر شۇنىمۇ بىلىسىلەركى]، ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇرماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەب ئۇلۇغ [قىيامەت] كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ كىشەنلەپ مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا سولاپ ساقلىماقتا. (aïdios g126)
כאשר סדום ועמרה והערים סביבותיהן אשר הזנו כמוהם וילכו אחרי בשר זר נהיו כראי כי נמסרו למוסר אש עולם׃ (aiōnios g166) 7
سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ [پەرىشتىلەرگە] ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، [كېيىنكى دەۋرلەر] ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن. (aiōnios g166)
וכן גם בעלי החלמות האלה מטמאים את הבשר ואת הממשלה ינאצו ואת השררות יחרפו׃ 8
لېكىن مۇشۇ «چۈش كۆرگۈچىلەر» شۇ ئوخشاش يول بىلەن ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنىمۇ بۇلغىماقتا، ئۇلار ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغۇچىلاردىن بولۇپ، [ئەرشتىكى] ئۇلۇغلارغىمۇ ھاقارەت قىلىشماقتا.
ומיכאל שר המלאכים בהתוכחו עם השטן וירב אתו על אדות גוית משה לא מלאו לבו לחרץ משפט גדופים כי אם אמר יגער יהוה בך׃ 9
لېكىن ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا ئىبلىس بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى تەنبىھ بەرسۇن» دەپلا قويغان.
ואלה מגדפים את אשר לא ידעו ובדברים אשר יבינו מחק טבעים כבהמות הסכלות בהמה ישחיתו את נפשם׃ 10
لېكىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ھەتتا ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.
אוי להם כי ברדך קין הלכו וישתקעו בתועת בלעם לקבל שכר ובמרי קרח אבדו׃ 11
بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى، مال-مۈلۈكنى دەپ بالائامنىڭ ئازغان يولىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۇلار كوراھنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا [ئوخشاش] ئاخىر ھالاك بولىدۇ.
הלא צורי מכשול המה בסעודתיכם של אהבה ובקלות ראש יאכלו וישתו עמכם ורעים את נפשם עננים הם בבלי מים הנדפים מפני רוח עצי חרף באין פרי אשר מתו פעמים ונעקרו׃ 12
ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلارغا ھېچ تارتىنماي سىلەر بىلەن بىللە داخىل بولىدىغان، ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر. ئۇلار شاماللاردىن ھەيدىلىپ كەلگەن يامغۇرسىز بۇلۇت، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، كەچ كۈزدىكى مېۋىسىز دەرەخلەر، ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر!
משברי ים עזים אשר יגרשו בשתם ככבים תעים אשר חשך אפלה צפון להם עדי עד׃ (aiōn g165) 13
ئۇلار دېڭىزنىڭ داۋالغۇۋاتقان، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرى، ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى قۇسماقتا؛ ئۇلار ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قاپقاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتى ھازىرلاپ قويۇلغاندۇر. (aiōn g165)
וגם חנוך השביעי לאדם נבא לאלה לאמר הנה יהוה בא ברבבת קדשיו׃ 14
ئادەمئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانوخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ «مانا، رەب تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەسلىرى بىلەن كېلىدۇ،
לעשות משפט בכלם ולהוכיח כל רשעי ארץ על כל מעשי רשעתם ועל כל הקשות אשר דברו עליו חטאים אנשי רשע׃ 15
ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، بارلىق ئىخلاسسىزلارنىڭ ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن بارلىق ئىخلاسسىزلىقلىرىغا ئاساسەن، شۇنداقلا ئىخلاسسىز گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بارلىق ئەسەبىي سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ».
אלה הם הרגנים והמתאוננים ההלכים אחרי תאותיהם אשר פיהם ידבר עתק הדרי פנים עקב שחד׃ 16
بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ؛ ئاغزىدا يوغانچىلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.
ואתם האהובים זכרו את הדברים הנאמרים מקדם ביד שליחי אדנינו ישוע המשיח׃ 17
لېكىن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى،
בדברם אליכם לאמר הנה באחרית הימים יבאו לצים ההלכים אחרי תאות רשעם׃ 18
ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، ئۆزىنىڭ ئىخلاسسىز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مازاق قىلغۇچىلار مەيدانغا چىقىدۇ» دېگەنىدى.
אלה הם הפרשים מן הצבור אנשים נפשיים ורוח אין בהם׃ 19
مۇشۇنداق كىشىلەر بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن، روھقا ئىگە بولمىغان ئادەملەردۇر.
ואתם האהובים הבנו באמונתכם הנעלה על כל בקדשתה והתפללו ברוח הקדש׃ 20
لېكىن سىلەر، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنى ئۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇرۇپ چىقىڭلار، مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ،
ושמרתם את נפשתיכם באהבת אלהים וחכיתם לרחמי אדנינו ישוע המשיח לחיי העולם׃ (aiōnios g166) 21
ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىكىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار. (aiōnios g166)
הבדילו את אלה והתנהגו עמהם ברחמים׃ 22
ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار؛
ואת אלה תושיעו באימה וחלצתם אתם מתוך האש וגעלתם גם את הלבוש המגאל בחלאת הבשר׃ 23
بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار.
ולאשר יכול לשמרכם בבלי מכשול ולהעמיד אתכם בששון תמימים לפני כבודו׃ 24
ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر
לאלהים אשר לו לבדו החכמה המושיע אתנו לו הכבוד והגדלה והעז והממשלה מעתה ולעולמי עד אמן׃ (aiōn g165) 25
خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن! (aiōn g165)

< יְהוּדָה 1 >