< אֶל־הָאֶפְסִיִּים 3 >

בעבור זאת אני פולוס אסיר המשיח למענכם הגוים׃ 1
شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ
כי אמנם שמעתם הנהגת חסד האלהים אשר נתן לי אליכם׃ 2
(سىلەر بەلكىم ماڭا تاپشۇرۇلغان، سىلەرگە خۇدانىڭ شەپقىتىنى ئېلىپ بارىدىغان غوجىدارلىقىم توغرۇلۇق،
כי בחזון גלה לי הסוד אשר למעלה כתבתי לכם במעט׃ 3
يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم؛
ובקראכם תוכלו להכיר בזאת את בינתי בסוד המשיח׃ 4
سىلەر ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مەسىھنىڭ سىرى توغرۇلۇق يورۇتۇلغانلىقىمنى بىلىپ يېتىسىلەر)
אשר בדורת הראשנים לא נודע לבני אדם כאשר נגלה עתה לשליחיו הקדשים ולנביאיו ברוח׃ 5
ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس.
להיות הגוים גם הם בני ירשתו וגוף אחד אתו וחברי הבטחתו במשיח על ידי הבשרה׃ 6
دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ؛
אשר הייתי לה למשרת במתנת חסד אלהים הנתונה לי כפי פעלת גבורתו׃ 7
خۇدانىڭ شەپقىتى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپات بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن، مەن بۇ ئىشقا خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلەندىم؛
לי צעיר הצעירים שבכל הקדשים נתן החסד הזה לבשר בגוים את עשר המשיח אשר לא יחקר׃ 8
ماڭا ــ مۇقەددەس بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋىنىدىنمۇ تۆۋەن بولغان ماڭا مۇشۇ ئىلتىپات، يەنى ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش
ולהאיר עיני כל מה היא הנהגת הסוד הנסתר מדרת עולם באלהים יוצר הכל על ידי ישוע המשיח׃ (aiōn g165) 9
ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى. (aiōn g165)
למען אשר תודע עתה על ידי העדה לשרים לשליטים אשר במרומים חכמת אלהים המפליאה דתכיה׃ 10
بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
על פי עצת עולמים אשר יעץ במשיח ישוע אדנינו׃ (aiōn g165) 11
بۇ ئىش بولسا، ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر؛ (aiōn g165)
אשר פתחון פינו ממנו וקרבתנו בבטחה על יד אמונתו׃ 12
ئۇنىڭ ئىشەنچ-سادىقلىقى ئارقىلىق بىز جاسارەتكە ھەم خۇدانىڭ ئالدىغا خاتىرجەملىك بىلەن كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق؛
בעבור זאת אבקש שלא תחתו בצרותי למענכם יען כי היא תפארתכם׃ 13
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ).
על כן אכרעה על ברכי לאבי אדנינו ישוע המשיח׃ 14
مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى،
אשר נקרא על שמו כל בית אבות שבשמים ושבארץ׃ 15
( ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ)
לתת לכם לפי עשר כבודו להתחזק בגבורה על ידי רוחו לאדם הפנימי׃ 16
ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي؛
שישכן המשיח בלבבכם באמונה והייתם משרשים ומיסדים באהבה׃ 17
شۇنىڭ بىلەن مەسىھ قەلبىڭلاردا ئىشەنچ ئارقىلىق تۇرۇپ، سىلەر مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يىلتىز تارتغان، ئۇل سېلىنغان،
למען תוכלו להשיג עם כל הקדשים מה הוא הרחב והארך והעמק והגבה׃ 18
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر.
וידעתם את אהבת המשיח הנעלה על כל דעת ונמלאתם את כל מלוא האלהים׃ 19
ולו אשר יכל להרבות גמוליו עלינו יותר מכל משאלותינו ומחשבותינו לפי הכח הפעל בקרבנו׃ 20
ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى-ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ
לו הכבוד בקרב הקהל במשיח ישוע לדר ודר עד עולמי עולמים אמן׃ (aiōn g165) 21
ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn g165)

< אֶל־הָאֶפְסִיִּים 3 >