< הָשֵּׁנִית אֶל־הַקּוֹרִנְתִּיִים 13 >

זאת הפעם השלישית אשר אבוא אליכם על פי שנים עדים או שלשה עדים יקום כל דבר׃ 1
بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. «ھەر بىر ھۆكۈم ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك».
מקדם אמרתי בהיותי אצלכם בפעם השנית ומקדם אני אמר וכתב עתה ברחקי מכם לאשר חטאו לפני מזה ולכל הנשארים כי בשובי לבוא לא אחוס׃ 2
مەن ئىلگىرى ئىككىنچى قېتىم يېنىڭلاردا بولغىنىمدا بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ھەم قالغان ھەممىڭلارغا شۇنداق ئېيتقان، ھازىرمۇ سىلەردىن نېرى بولساممۇ قايتىدىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىمەنكى (سىلەر مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلىگەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن)، مەن بارغىنىمدا ھېچكىمنى ئايىمايمەن؛ دەرۋەقە مەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتقان مەسىھ سىلەرگە نىسبەتەن ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئالدىڭلاردا ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر؛
יען בקשכם לבחן את המשיח המדבר בי אשר איננו חלש לכם כי אם גבור הוא בתוככם׃ 3
כי אם גם נצלב בחלשה אכן חי הוא בגבורת אלהים ואם גם חלשים בו אנחנו אכן נחיה עמו בגבורת אלהים לנגדכם׃ 4
ئۇ دەرۋەقە ئاجىزلىقتا كرېستلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھايات. بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز.
נסו נא אתכם אם באמונה אתם בחנו אתכם או האינכם ידעים את נפשכם כי ישוע המשיח בכם אם לא כי נמאסים אתם׃ 5
ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟
אבל אקוה כי תדעו אשר אנחנו איננו נמאסים׃ 6
ئەمدى سىلەرنىڭ بىزنىڭ سىناقتىن شاللىنىپ قالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ואני מתחנן אל האלהים אשר לא תעשו כל רע לא למען נראה אנחנו נאמנים כי אם למען תעשו אתם את הטוב ואנחנו נהיה כנמאסים׃ 7
سىلەرنىڭ ھېچقانداق رەزىللىك قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمىز؛ بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار.
כי אין אנחנו יכולים לעשות מאומה לנגד האמת כי אם בעד האמת׃ 8
چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس.
כי נשמח אם חלשים אנחנו ואתם גבורים ועל זאת גם נתפלל על אשר תכוננו׃ 9
چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز. شۇنىڭدەك بىز يەنە شۇنىڭغا دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر كامالەتكە يەتكۈزۈلگەيسىلەر.
ובעבור זאת כתבתי את אלה בהיותי ברחוק למען אשר לא אצטרך בקרבי אליכם לדבר אתכם משפטים לפי הרשות אשר נתנה לי האדון לבנות ולא להרוס׃ 10
سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا رەب ماڭا غۇلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنى قۇرۇش ئۈچۈن ئامانەت قىلغان ھوقۇقىمنى ئىشلىتىپ سىلەرگە قاتتىق قوللۇقنى كۆرسەتمەسلىكىم ئۈچۈن، مەن سىلەردىن يىراقتا بولغىنىمدا مۇشۇلارنى يازدىم.
ובכן אחי שמחו והתכוננו התנחמו ויהי לכם לב אחד אהבו השלום ואלהי האהבה והשלום יהי עמכם׃ 11
ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.
שאלו לשלום איש את רעהו בנשיקה הקדושה הקדושים כלם שאלים לשלומכם׃ 12
بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار.
13
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن سىلەرگە سالام.
חסד האדון ישוע המשיח ואהבת האלהים והתחברות רוח הקדש עם כלכם אמן׃ 14
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي!

< הָשֵּׁנִית אֶל־הַקּוֹרִנְתִּיִים 13 >