< הָשֵּׁנִית אֶל־הַקּוֹרִנְתִּיִים 10 >

ואני פולוס הנני מזהיר אתכם בענות המשיח וחמלתו אשר פנים בפנים שפל אני בתוככם וברחקי מתאמץ עליכון׃ 1
ئەمما ئۆزۈم، سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن سىلەردىن ئايرىلغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قوللۇق دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس مەسىھنىڭ يۇۋاش-مۆمىنلىكى ۋە مۇلايىملىقى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنۈمەن،
ואתחננה שלא אצטרך בבאי להתאמץ בבטחון ההוא אשר אחשב להתגבר בו נגד האנשים החשבים אתנו כמתהלכים לפי הבשר׃ 2
ــ شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، بىزنى «ئەتلەر بويىچە ماڭغانلار!» دەپ گۇمان بىلەن قارايدىغان بەزىلەرگە قارىتا ئويلىغىنىمدەك قاتتىق قوللۇق قىلىشقا مېنى مەجبۇر قىلماڭلار؛
כי בלכתנו בבשר לא נלחם לפי הבשר׃ 3
گەرچە بىز ئىنسانىي ئەتلەردە يۈرسەكمۇ، بىز ئەتلەر بويىچە جەڭ قىلمايمىز.
כי כלי מלחמתנו אינם של הבשר כי אם חזקים הם לאלהים להרס מבצרים׃ 4
چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە تەۋە قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر؛
באשר הרסים אנחנו תחבלות וכל מרום המתנשא נגד דעת האלהים ושובים כל מזמה למשמעת המשיח׃ 5
بىز ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا قارشىلىشىشقا تۇرغان ھەرقانداق ھاكاۋۇر توسالغۇنى گۇمران قىلىمىز، شۇنداقلا ھەربىر ئوي-خىياللارنى مەسىھكە بېقىندۇرۇپ ئىتائەت قىلىشقا كەلتۈرىمىز؛
ונכונים לנקם נקמה מאת כל מרי אם תשלם משמעתכם׃ 6
سىلەر تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، [ئاراڭلاردا] قانداق ئىتائەتسىزلىك قالغان بولسا بۇلارنى جازالاشقا تەييارمىز.
התשפטו למראה פנים איש כי יבטח להיות למשיח ישוב וידין בלבו כי כאשר הוא למשיח כן למשיח גם אנחנו׃ 7
سىلەر پەقەت كۆز ئالدىڭلاردىكى ئىشلارغىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرسى ئۆزىنى مەسىھكە تەۋەمەن دەپ قارىسا، ئۇ يەنە شۇنىڭ ئۈستىگە ئويلانسۇنكى، ئۇ مەسىھكە تەۋە بولغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز.
וגם כי אתהלל יותר מעט על דבר הרשות אשר נתן לנו האדון לבנותכם ולא לשחתכם לא אבוש׃ 8
چۈنكى، رەب تەرىپىدىن سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈن بىزگە ئامانەت قىلىنغان ھوقۇقىمىز توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ زىيادىرەك ماختانساممۇ، بۇنىڭدا ھېچ يەرگە قاراپ قالمايمەن؛
למען לא אראה כמאים אתכם על ידי האגרות׃ 9
ئەمدى مەن پەقەت خەتلەردىلا سىلەرنى قورقاتماقچى ئەمەسمەن؛
כאמרם הן האגרות קשות הנה וחזקות אבל הגוף בהיותו לנגדנו חלוש הוא וניבו נבזה׃ 10
چۈنكى بەزىلەر: «ئۇنىڭ خەتلىرى دەرۋەقە ۋەزىنلىك ھەم كۈچلۈك؛ لېكىن ئۇ يېتىپ كەلگەندە سالاپەتسىز، گېپىنىڭ تۇتامى يوق بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ידע נא האמר כזאת כי כמו שאנחנו בדבור על ידי אגרות בהיותנו רחוקים כן גם בפעל אנחנו בהיותנו קרובים׃ 11
ئەمدى بۇنداق خىيال قىلغۇچىلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىز يىراقتا بولغىنىمىزدا خەتلەردىكى سۆزىمىز قانداق بولغان بولسا بىز يېتىپ بارغىنىمىزدا ئەمەلىيىتىمىزمۇ شۇنداق بولىدۇ.
כי אל נעז פנינו לכלל אתנו עם האנשים המשבחים נפשם או לערך אתנו לאלה אכן נבערו מדעת המדדים את נפשם בנפשם וערכים את נפשם לנפשם׃ 12
چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلار بىلەن بىر قاتارغا قويۇشقا ياكى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا پېتىنمايمىز؛ شۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەپ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن ئەقىلسىزلاردىندۇر.
ואנחנו לא נתגדל לבלי מדה כי אם כפי מדת הגבול אשר חלק לנו האלהים לחק להגיע גם עדיכם׃ 13
بىز ئەمدى ئۆزىمىزگە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. بىز بەلكى ھەممىنى ئۆلچىگۈچى خۇدا بىزگە بېكىتكەن خىزمەت دائىرىسىدىكى ئۆلچەم، يەنى سىلەرنىڭ [خىزمىتىڭلارغىمۇ] يېتىدىغان ئۆلچەم بىلەن پەخىرلىنىمىز.
כי לולא הגענו עדיכם לא נשתרע למעלה מערכנו הלא כבר קדמנו גם אתכם בבשורת המשיח׃ 14
چۈنكى ئۆلچىمى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا يەتمەيدىغان كىشىلەردەك، [خىزمىتىڭلاردا بولغىنىمىزدا] دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتمەيمىز، چۈنكى بىز مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشتە [بىرىنچى بولۇپ] يېنىڭلارغىمۇ كەلدۇق.
לא נתגדל לבלי מדה ביגיעת אחרים אבליש לנו התקוה כי ברבות אמונתכם נכבד בכם כפי גבולנו עד למעלה׃ 15
بىز خىزمەت دائىرىمىزدىن ھالقىپ، باشقىلارنىڭ سىڭدۈرگەن جاپا-ئەجىرلىرى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق؛ لېكىن بىز سىلەرنىڭ ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۆسكەنسېرى ئاراڭلاردىكى خىزمىتىمىز بىزگە بېكىتىلگەن دائىرىمىز ئىچىدە تېخىمۇ زىيادە كېڭەيتىلسۇن دەپ ئۈمىد قىلىمىز؛
כדי לבשר הבשורה גם להלאה מכם ולא להתהלל במה שמוכן כבר בגבול אחרים׃ 16
شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىن تېخىمۇ يىراق يەرلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ جاكارلايدىغان بولىمىز؛ تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ دائىرىسىدىكى خىزمەت ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە يات.
והמתהלל יתהלל ביהוה׃ 17
ئەمما «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىشى كېرەك!».
כי לא המשבח נפשו משבח הוא כי אם אשר ישבחנו יהוה׃ 18
چۈنكى ئۆزىنى تەرىپلىگۈچى ئەمەس، بەلكى رەب تەرىپلىگەن كىشى ھەقىقەتەن لاياقەتلىكتۇر.

< הָשֵּׁנִית אֶל־הַקּוֹרִנְתִּיִים 10 >