< תְהִלִּים 138 >

לְדָוִ֨ד ׀ אֹודְךָ֥ בְכָל־לִבִּ֑י נֶ֖גֶד אֱלֹהִ֣ים אֲזַמְּרֶֽךָּ׃ 1
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن.
אֶשְׁתַּחֲוֶ֨ה אֶל־הֵיכַ֪ל קָדְשְׁךָ֡ וְאֹ֘ודֶ֤ה אֶת־שְׁמֶ֗ךָ עַל־חַסְדְּךָ֥ וְעַל־אֲמִתֶּ֑ךָ כִּֽי־הִגְדַּ֥לְתָּ עַל־כָּל־שִׁ֝מְךָ֗ אִמְרָתֶֽךָ׃ 2
پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛ چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن.
בְּיֹ֣ום קָ֭רָֽאתִי וַֽתַּעֲנֵ֑נִי תַּרְהִבֵ֖נִי בְנַפְשִׁ֣י עֹֽז׃ 3
ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛ جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن.
יֹוד֣וּךָ יְ֭הוָה כָּל־מַלְכֵי־אָ֑רֶץ כִּ֥י שָׁ֝מְע֗וּ אִמְרֵי־פִֽיךָ׃ 4
ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار، جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
וְ֭יָשִׁירוּ בְּדַרְכֵ֣י יְהוָ֑ה כִּ֥י גָ֝דֹ֗ול כְּבֹ֣וד יְהוָֽה׃ 5
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى.
כִּי־רָ֣ם יְ֭הוָה וְשָׁפָ֣ל יִרְאֶ֑ה וְ֝גָבֹ֗הַּ מִמֶּרְחָ֥ק יְיֵדָֽע׃ 6
چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛ بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛ تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ.
אִם־אֵלֵ֤ךְ ׀ בְּקֶ֥רֶב צָרָ֗ה תְּחַ֫יֵּ֥נִי עַ֤ל אַ֣ף אֹ֖יְבַי תִּשְׁלַ֣ח יָדֶ֑ךָ וְתֹ֖ושִׁיעֵ֣נִי יְמִינֶֽךָ׃ 7
زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ، سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن، ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ.
יְהוָה֮ יִגְמֹ֪ר בַּ֫עֲדִ֥י יְ֭הוָה חַסְדְּךָ֣ לְעֹולָ֑ם מַעֲשֵׂ֖י יָדֶ֣יךָ אַל־תֶּֽרֶף׃ 8
پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛ مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛ ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن!

< תְהִלִּים 138 >