שִׁ֗יר הַֽמַּ֫עֲלֹ֥ות אַ֭שְׁרֵי כָּל־יְרֵ֣א יְהוָ֑ה הַ֝הֹלֵ֗ךְ בִּדְרָכָֽיו׃ | 1 |
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار، ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرى بەختلىكتۇر! |
יְגִ֣יעַ כַּ֭פֶּיךָ כִּ֣י תֹאכֵ֑ל אַ֝שְׁרֶ֗יךָ וְטֹ֣וב לָֽךְ׃ | 2 |
چۈنكى سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ئەجرىنى يەيسەن؛ بەختلىك بولىسەن، روناق تاپىسەن؛ |
אֶשְׁתְּךָ֤ ׀ כְּגֶ֥פֶן פֹּרִיָּה֮ בְּיַרְכְּתֵ֪י בֵ֫יתֶ֥ךָ בָּ֭נֶיךָ כִּשְׁתִלֵ֣י זֵיתִ֑ים סָ֝בִ֗יב לְשֻׁלְחָנֶֽךָ׃ | 3 |
ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛ بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛ |
הִנֵּ֣ה כִי־כֵ֭ן יְבֹ֥רַךְ גָּ֗בֶר יְרֵ֣א יְהוָֽה׃ | 4 |
مانا، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشى شۇنداق بەختنى كۆرىدۇ. |
יְבָרֶכְךָ֥ יְהוָ֗ה מִצִּ֫יֹּ֥ון וּ֭רְאֵה בְּט֣וּב יְרוּשָׁלָ֑͏ִם כֹּ֝֗ל יְמֵ֣י חַיֶּֽיךָ׃ | 5 |
پەرۋەردىگار ساڭا زىئون تېغىدىن بەخت ئاتا قىلغاي؛ سەن ئۆمرۈڭ بويىچە يېرۇسالېمنىڭ ئاۋاتلىقىنى كۆرگەيسەن؛ |
וּרְאֵֽה־בָנִ֥ים לְבָנֶ֑יךָ שָׁ֝לֹ֗ום עַל־יִשְׂרָאֵֽל׃ | 6 |
پەرزەنتلىرىڭنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرگەيسەن؛ ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق بولغاي! |