עָלָ֥ה מֵפִ֛יץ עַל־פָּנַ֖יִךְ נָצֹ֣ור מְצֻרָ֑ה צַפֵּה־דֶ֙רֶךְ֙ חַזֵּ֣ק מָתְנַ֔יִם אַמֵּ֥ץ כֹּ֖חַ מְאֹֽד׃ | 1 |
بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى؛ ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل، يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت! |
כִּ֣י שָׁ֤ב יְהוָה֙ אֶת־גְּאֹ֣ון יַעֲקֹ֔ב כִּגְאֹ֖ון יִשְׂרָאֵ֑ל כִּ֤י בְקָקוּם֙ בֹּֽקְקִ֔ים וּזְמֹרֵיהֶ֖ם שִׁחֵֽתוּ׃ | 2 |
(چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى؛ چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى). |
מָגֵ֨ן גִּבֹּרֵ֜יהוּ מְאָדָּ֗ם אַנְשֵׁי־חַ֙יִל֙ מְתֻלָּעִ֔ים בְּאֵשׁ־פְּלָדֹ֥ות הָרֶ֖כֶב בְּיֹ֣ום הֲכִינֹ֑ו וְהַבְּרֹשִׁ֖ים הָרְעָֽלוּ׃ | 3 |
[بىتچىت قىلغۇچىنىڭ] پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى، ئۇنىڭ باتۇرلىرى پەرەڭدە كىيگۈزۈلدى؛ تەييارلىق كۈنىدە، جەڭ ھارۋىلىرى پولاتنىڭ جۇلاسىدا يالتىراپ كېتىدۇ، نەيزىلەر ئوينىتىلىدۇ؛ |
בַּֽחוּצֹות֙ יִתְהֹולְל֣וּ הָרֶ֔כֶב יִֽשְׁתַּקְשְׁק֖וּן בָּרְחֹבֹ֑ות מַרְאֵיהֶן֙ כַּלַּפִּידִ֔ם כַּבְּרָקִ֖ים יְרֹוצֵֽצוּ׃ | 4 |
جەڭ ھارۋىلىرى كوچىلاردا گۈلدۈرلىشىپ چېپىشىۋاتىدۇ؛ كەڭ يوللاردا بىر-بىرىگە سوقۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىياپىتى مەشئەللەردەك بولىدۇ، ئۇلار چاقماقلاردەك يۈگۈرۈشىدۇ. |
יִזְכֹּר֙ אַדִּירָ֔יו יִכָּשְׁל֖וּ בַהֲלִכֹותָם (בַּהֲלִֽיכָתָ֑ם) יְמַֽהֲרוּ֙ חֹֽומָתָ֔הּ וְהֻכַ֖ן הַסֹּכֵֽךְ׃ | 5 |
[سەردار] ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار يۈرۈش قىلغىنىدا ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ ماڭىدۇ؛ نىنەۋەنىڭ سېپىلىغا قاراپ ئالدىرايدۇ، [باشلىرىغا] بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ. |
שַׁעֲרֵ֥י הַנְּהָרֹ֖ות נִפְתָּ֑חוּ וְהַֽהֵיכָ֖ל נָמֹֽוג׃ | 6 |
«دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ، [پادىشاھنىڭ] ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ. |
וְהֻצַּ֖ב גֻּלְּתָ֣ה הֹֽעֲלָ֑תָה וְאַמְהֹתֶ֗יהָ מְנַֽהֲגֹות֙ כְּקֹ֣ול יֹונִ֔ים מְתֹפְפֹ֖ת עַל־לִבְבֵהֶֽן׃ | 7 |
خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ ــ [دۈشمەن] تەرىپىدىن يالاپ ئېپكېتىلىدۇ، دېدەكلىرى خۇددى پاختەكلەرنىڭ ساداسىدەك ئاھ-ئۇھ تارتىپ، مەيدىلىرىنى ئۇرۇپ كېتىدۇ. |
וְנִינְוֵ֥ה כִבְרֵֽכַת־מַ֖יִם מִ֣ימֵי הִ֑יא וְהֵ֣מָּה נָסִ֔ים עִמְד֥וּ עֲמֹ֖דוּ וְאֵ֥ין מַפְנֶֽה׃ | 8 |
نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك [تىنچ] بولۇپ كەلدى، بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ... ئەي توختا! ئەي توختا! ــ بىراق ھېچكىم كەينىگە قارىمايدۇ. |
בֹּ֥זּוּ כֶ֖סֶף בֹּ֣זּוּ זָהָ֑ב וְאֵ֥ין קֵ֙צֶה֙ לַתְּכוּנָ֔ה כָּבֹ֕ד מִכֹּ֖ל כְּלִ֥י חֶמְדָּֽה׃ | 9 |
كۈمۈشلەرنى بۇلىۋېلىڭلار، ئالتۇنلارنى بۇلىۋېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەۋكەتلىك خەزىنىسىدىكى قىممەت قاچا-قۇچىلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. |
בּוּקָ֥ה וּמְבוּקָ֖ה וּמְבֻלָּקָ֑ה וְלֵ֨ב נָמֵ֜ס וּפִ֣ק בִּרְכַּ֗יִם וְחַלְחָלָה֙ בְּכָל־מָתְנַ֔יִם וּפְנֵ֥י כֻלָּ֖ם קִבְּצ֥וּ פָארֽוּר׃ | 10 |
ئۇ قۇرۇقدالغان، ۋەيران قىلىنغان، بەربات بولغان! يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ، تىزلىرى بىر-بىرىگە جالاقلاپ تەگمەكتە؛ بەللىرى تولغاق تۇتقاندەك تولغىنىدۇ، بارلىق يۈزلەر تاتىرىپ كېتىدۇ. |
אַיֵּה֙ מְעֹ֣ון אֲרָיֹ֔ות וּמִרְעֶ֥ה ה֖וּא לַכְּפִרִ֑ים אֲשֶׁ֣ר הָלַךְ֩ אַרְיֵ֨ה לָבִ֥יא שָׁ֛ם גּ֥וּר אַרְיֵ֖ה וְאֵ֥ין מַחֲרִֽיד׃ | 11 |
قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟ ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي، شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟ |
אַרְיֵ֤ה טֹרֵף֙ בְּדֵ֣י גֹֽרֹותָ֔יו וּמְחַנֵּ֖ק לְלִבְאֹתָ֑יו וַיְמַלֵּא־טֶ֣רֶף חֹרָ֔יו וּמְעֹֽנֹתָ֖יו טְרֵפָֽה׃ | 12 |
شىر ئۆز ئارسلانلىرىنى قاندۇرۇشقا ئوۋلارنى تىتما-تىتما قىلغانىدى، چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋلارنى بوغقانىدى؛ ئۆڭكۈرلىرىنى ئوۋ بىلەن، ئۇۋىلىرىنى ئولجا بىلەن توشقۇزغانىدى. |
הִנְנִ֣י אֵלַ֗יִךְ נְאֻם֙ יְהוָ֣ה צְבָאֹ֔ות וְהִבְעַרְתִּ֤י בֶֽעָשָׁן֙ רִכְבָּ֔הּ וּכְפִירַ֖יִךְ תֹּ֣אכַל חָ֑רֶב וְהִכְרַתִּ֤י מֵאֶ֙רֶץ֙ טַרְפֵּ֔ךְ וְלֹֽא־יִשָּׁמַ֥ע עֹ֖וד קֹ֥ול מַלְאָכֵֽכֵה׃ ס | 13 |
مانا، مەن ساڭا قارشىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن؛ قىلىچ ياش شىرلىرىڭنى يەۋاتىدۇ، ئوۋاڭنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى قايتا ھېچ ئاڭلانمايدۇ. |