כְּדַבֵּ֤ר אֶפְרַ֙יִם֙ רְתֵ֔ת נָשָׂ֥א ה֖וּא בְּיִשְׂרָאֵ֑ל וַיֶּאְשַׁ֥ם בַּבַּ֖עַל וַיָּמֹֽת׃ | 1 |
[بۇرۇن] ئەفرائىم سۆز قىلغاندا، كىشىلەر ھۆرمەتلەپ تىترەپ كېتەتتى؛ ئۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن؛ بىراق ئۇ بائال ئارقىلىق گۇناھ قىلىپ ئۆلدى. |
וְעַתָּ֣ה ׀ יֹוסִ֣פוּ לַחֲטֹ֗א וַיַּעְשׂ֣וּ לָהֶם֩ מַסֵּכָ֨ה מִכַּסְפָּ֤ם כִּתְבוּנָם֙ עֲצַבִּ֔ים מַעֲשֵׂ֥ה חָרָשִׁ֖ים כֻּלֹּ֑ה לָהֶם֙ הֵ֣ם אֹמְרִ֔ים זֹבְחֵ֣י אָדָ֔ם עֲגָלִ֖ים יִשָּׁקֽוּן׃ | 2 |
ئۇلار ھازىر گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلماقتا! ئۆزلىرىگە كۈمۈشلىرىدىن قۇيما مەبۇدلارنى، ئۆز ئەقلى ئويلاپ چىققان بۇتلارنى ياسىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەننىڭ ئەجرى، خالاس؛ بۇ كىشىلەر توغرۇلۇق: «ھەي، ئىنسان قۇربانلىقىنى قىلغۇچىلار، موزايلارنى سۆيۈپ قويۇڭلار!» دېيىلىدۇ. |
לָכֵ֗ן יִֽהְיוּ֙ כַּעֲנַן־בֹּ֔קֶר וְכַטַּ֖ל מַשְׁכִּ֣ים הֹלֵ֑ךְ כְּמֹץ֙ יְסֹעֵ֣ר מִגֹּ֔רֶן וּכְעָשָׁ֖ן מֵאֲרֻבָּֽה׃ | 3 |
شۇڭا ئۇلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن غايىپ بولىدىغان تاڭ سەھەردىكى شەبنەمدەك، خاماندىن قارا قۇيۇندا ئۇچقان پاخالدەك، تۈڭلۈكتىن چىققان ئىس-تۈتەكتەك [تېزدىن] يوقاپ كېتىدۇ. |
וְאָנֹכִ֛י יְהוָ֥ה אֱלֹהֶ֖יךָ מֵאֶ֣רֶץ מִצְרָ֑יִם וֵאלֹהִ֤ים זֽוּלָתִי֙ לֹ֣א תֵדָ֔ע וּמֹושִׁ֥יעַ אַ֖יִן בִּלְתִּֽי׃ | 4 |
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن؛ سەن مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھنى بىلمەيدىغان بولىسەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر. |
אֲנִ֥י יְדַעְתִּ֖יךָ בַּמִּדְבָּ֑ר בְּאֶ֖רֶץ תַּלְאֻבֹֽות׃ | 5 |
مەن چۆل-باياۋاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ زېمىنىدا سەن بىلەن تونۇشتۇم؛ |
כְּמַרְעִיתָם֙ וַיִּשְׂבָּ֔עוּ שָׂבְע֖וּ וַיָּ֣רָם לִבָּ֑ם עַל־כֵּ֖ן שְׁכֵחֽוּנִי׃ | 6 |
ئۇلار ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، تويۇنغان، تويۇنغاندىن كېيىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۇنتۇغان. |
וָאֱהִ֥י לָהֶ֖ם כְּמֹו־שָׁ֑חַל כְּנָמֵ֖ר עַל־דֶּ֥רֶךְ אָשֽׁוּר׃ | 7 |
ئەمدى مەن ئۇلارغا شىردەك بولىمەن؛ يىلپىزدەك ئۇلارنى يول بويىدا پايلاپ كۈتىمەن؛ |
אֶפְגְּשֵׁם֙ כְּדֹ֣ב שַׁכּ֔וּל וְאֶקְרַ֖ע סְגֹ֣ור לִבָּ֑ם וְאֹכְלֵ֥ם שָׁם֙ כְּלָבִ֔יא חַיַּ֥ת הַשָּׂדֶ֖ה תְּבַקְּעֵֽם׃ | 8 |
كۈچۈكلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئېيىقتەك مەن ئۇلارغا ئۇچراپ، يۈرەك چاۋىسىنى تىتىۋېتىمەن؛ ئۇلارنى چىشى شىردەك نەق مەيداندا يەۋېتىمەن؛ دالادىكى ھايۋانلار ئۇلارنى يىرتىۋېتىدۇ. |
שִֽׁחֶתְךָ֥ יִשְׂרָאֵ֖ל כִּֽי־בִ֥י בְעֶזְרֶֽךָ׃ | 9 |
سېنىڭ ھالاكىتىڭ، ئى ئىسرائىل، دەل ماڭا قارشى چىققانلىقىڭ، يەنى ياردەمچىڭگە قارشى چىققانلىقىڭدىن ئىبارەتتۇر. |
אֱהִ֤י מַלְכְּךָ֙ אֵפֹ֔וא וְיֹושִֽׁיעֲךָ֖ בְּכָל־עָרֶ֑יךָ וְשֹׁ֣פְטֶ֔יךָ אֲשֶׁ֣ר אָמַ֔רְתָּ תְּנָה־לִּ֖י מֶ֥לֶךְ וְשָׂרִֽים׃ | 10 |
ئەمدى بارلىق شەھەرلىرىڭدە ساڭا قۇتقۇزغۇچى بولىدىغان پادىشاھىڭ قېنى؟ سېنىڭ سوراقچى-ھاكىملىرىڭ قېنى؟ سەن بۇلار توغرۇلۇق: «ماڭا پادىشاھ ۋە شاھزادىلارنى تەقدىم قىلغايسەن!» دەپ تىلىگەن ئەمەسمۇ؟ ــ |
אֶֽתֶּן־לְךָ֥ מֶ֙לֶךְ֙ בְּאַפִּ֔י וְאֶקַּ֖ח בְּעֶבְרָתִֽי׃ ס | 11 |
مەن غەزىپىم بىلەن ساڭا پادىشاھنى تەقدىم قىلغانمەن، ئەمدى ئۇنى غەزىپىم بىلەن ئېلىپ تاشلىدىم. |
צָרוּר֙ עֲוֹ֣ן אֶפְרָ֔יִם צְפוּנָ֖ה חַטָּאתֹֽו׃ | 12 |
ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛ |
חֶבְלֵ֥י יֹֽולֵדָ֖ה יָבֹ֣אוּ לֹ֑ו הוּא־בֵן֙ לֹ֣א חָכָ֔ם כִּֽי־עֵ֥ת לֹֽא־יַעֲמֹ֖ד בְּמִשְׁבַּ֥ר בָּנִֽים׃ | 13 |
تولغاق باسقان ئايالنىڭ ئازابلىرى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ؛ ئۇ ئەقىلسىز بىر ئوغۇلدۇر؛ چۈنكى بالىياتقۇنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا، ئۇ ھازىر بولمىغان! |
מִיַּ֤ד שְׁאֹול֙ אֶפְדֵּ֔ם מִמָּ֖וֶת אֶגְאָלֵ֑ם אֱהִ֨י דְבָרֶיךָ֜ מָ֗וֶת אֱהִ֤י קָֽטָבְךָ֙ שְׁאֹ֔ול נֹ֖חַם יִסָּתֵ֥ר מֵעֵינָֽי׃ (Sheol h7585) | 14 |
مەن بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ كۈچىدىن قۇتۇلدۇرىمەن؛ ئۇلارغا ھەمجەمەت بولۇپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەي، ئۆلۈم، سېنىڭ ۋابالىرىڭ قېنى؟! ئەي، تەھتىسارا، سېنىڭ ھالاكەتلىرىڭ قېنى؟! مەن بۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن! (Sheol h7585) |
כִּ֣י ה֔וּא בֵּ֥ן אַחִ֖ים יַפְרִ֑יא יָבֹ֣וא קָדִים֩ ר֨וּחַ יְהוָ֜ה מִמִּדְבָּ֣ר עֹלֶ֗ה וְיֵבֹ֤ושׁ מְקֹורֹו֙ וְיֶחֱרַ֣ב מַעְיָנֹ֔ו ה֣וּא יִשְׁסֶ֔ה אֹוצַ֖ר כָּל־כְּלִ֥י חֶמְדָּֽה׃ | 15 |
[ئەفرائىم] قېرىنداشلىرى ئارىسىدا «مېۋىلىك» بولسىمۇ، شەرقتىن بىر شامال چىقىدۇ، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ چۆل-باياۋاندىن چىققان بىر شامىلى كېلىدۇ؛ [ئەفرائىمنىڭ] بۇلىقى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سۇ بېشى قاغجىراپ كېتىدۇ؛ ئۇ [شامال] خەزىنىسىدىكى بارلىق نەپىس قاچا-قۇچىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ. |
תֶּאְשַׁם֙ שֹֽׁמְרֹ֔ון כִּ֥י מָרְתָ֖ה בֵּֽאלֹהֶ֑יהָ בַּחֶ֣רֶב יִפֹּ֔לוּ עֹלְלֵיהֶ֣ם יְרֻטָּ֔שׁוּ וְהָרִיֹּותָ֖יו יְבֻקָּֽעוּ׃ פ | 16 |
سامارىيەنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆز زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ، بوۋاقلىرى پارە-پارە قىلىپ چېقىۋېتىلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرى يېرىۋېتىلىدۇ. |