וַיְהִ֕י כַּאֲשֶׁ֥ר זָקֵ֖ן שְׁמוּאֵ֑ל וַיָּ֧שֶׂם אֶת־בָּנָ֛יו שֹׁפְטִ֖ים לְיִשְׂרָאֵֽל׃ | 1 |
شۇنداق بولدىكى، سامۇئىل قېرىغاندا ئوغۇللىرىنى ئىسرائىلغا ھاكىم قىلىپ قويدى. |
וַיְהִ֞י שֶׁם־בְּנֹ֤ו הַבְּכֹור֙ יֹואֵ֔ל וְשֵׁ֥ם מִשְׁנֵ֖הוּ אֲבִיָּ֑ה שֹׁפְטִ֖ים בִּבְאֵ֥ר שָֽׁבַע׃ | 2 |
ئۇنىڭ تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل بولۇپ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىياھ ئىدى. بۇلار بەئەر-شېبادا ھاكىملىق قىلدى. |
וְלֹֽא־הָלְכ֤וּ בָנָיו֙ בְּדַרְכֹו (בִּדְרָכָ֔יו) וַיִּטּ֖וּ אַחֲרֵ֣י הַבָּ֑צַע וַיִּ֨קְחוּ־שֹׁ֔חַד וַיַּטּ֖וּ מִשְׁפָּֽט׃ פ | 3 |
لېكىن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يوللىرىدا يۈرمەيتتى، بەلكى مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئېزىپ، پارىلارنى يەپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى. |
וַיִּֽתְקַבְּצ֔וּ כֹּ֖ל זִקְנֵ֣י יִשְׂרָאֵ֑ל וַיָּבֹ֥אוּ אֶל־שְׁמוּאֵ֖ל הָרָמָֽתָה׃ | 4 |
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى راماھدا جەم بولۇپ سامۇئىلنىڭ قېشىغا كېلىپ |
וַיֹּאמְר֣וּ אֵלָ֗יו הִנֵּה֙ אַתָּ֣ה זָקַ֔נְתָּ וּבָנֶ֕יךָ לֹ֥א הָלְכ֖וּ בִּדְרָכֶ֑יךָ עַתָּ֗ה שִֽׂימָה־לָּ֥נוּ מֶ֛לֶךְ לְשָׁפְטֵ֖נוּ כְּכָל־הַגֹּויִֽם׃ | 5 |
ئۇنىڭغا: ــ مانا سەن قېرىدىڭ، ئوغۇللىرىڭ بولسا سېنىڭ يوللىرىڭدا يۈرمەيدۇ. بارلىق ئەللەردە بولغاندەك ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. |
וַיֵּ֤רַע הַדָּבָר֙ בְּעֵינֵ֣י שְׁמוּאֵ֔ל כַּאֲשֶׁ֣ר אָמְר֔וּ תְּנָה־לָּ֥נוּ מֶ֖לֶךְ לְשָׁפְטֵ֑נוּ וַיִּתְפַּלֵּ֥ל שְׁמוּאֵ֖ל אֶל־יְהוָֽה׃ פ | 6 |
ئۇلارنىڭ «ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھ بېكىتكىن» دېگىنى سامۇئىلنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر كەلدى. سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىۋىدى، |
וַיֹּ֤אמֶר יְהוָה֙ אֶל־שְׁמוּאֵ֔ל שְׁמַע֙ בְּקֹ֣ול הָעָ֔ם לְכֹ֥ל אֲשֶׁר־יֹאמְר֖וּ אֵלֶ֑יךָ כִּ֣י לֹ֤א אֹֽתְךָ֙ מָאָ֔סוּ כִּֽי־אֹתִ֥י מָאֲס֖וּ מִמְּלֹ֥ךְ עֲלֵיהֶֽם׃ | 7 |
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا جاۋابەن: ــ خەلق ساڭا ھەرنېمە ئېيتسا ئۇلارغا قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى «ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولمىسۇن» دەپ مېنى تاشلىدى. |
כְּכָֽל־הַמַּעֲשִׂ֣ים אֲשֶׁר־עָשׂ֗וּ מִיֹּום֩ הַעֲלֹתִ֨י אֹתָ֤ם מִמִּצְרַ֙יִם֙ וְעַד־הַיֹּ֣ום הַזֶּ֔ה וַיַּ֣עַזְבֻ֔נִי וַיַּעַבְד֖וּ אֱלֹהִ֣ים אֲחֵרִ֑ים כֵּ֛ן הֵ֥מָּה עֹשִׂ֖ים גַּם־לָֽךְ׃ | 8 |
مەن ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مېنى تاشلاپ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن. ئەمدى ئۇلار ساڭا ھەم شۇنداق قىلىدۇ. |
וְעַתָּ֖ה שְׁמַ֣ע בְּקֹולָ֑ם אַ֗ךְ כִּֽי־הָעֵ֤ד תָּעִיד֙ בָּהֶ֔ם וְהִגַּדְתָּ֣ לָהֶ֔ם מִשְׁפַּ֣ט הַמֶּ֔לֶךְ אֲשֶׁ֥ר יִמְלֹ֖ךְ עֲלֵיהֶֽם׃ ס | 9 |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئۇنىغىن. لېكىن ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ ئۇلارنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن، دېدى. |
וַיֹּ֣אמֶר שְׁמוּאֵ֔ל אֵ֖ת כָּל־דִּבְרֵ֣י יְהוָ֑ה אֶל־הָעָ֕ם הַשֹּׁאֲלִ֥ים מֵאִתֹּ֖ו מֶֽלֶךְ׃ ס | 10 |
سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ سورىغان خەلققە، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. |
וַיֹּ֕אמֶר זֶ֗ה יִֽהְיֶה֙ מִשְׁפַּ֣ט הַמֶּ֔לֶךְ אֲשֶׁ֥ר יִמְלֹ֖ךְ עֲלֵיכֶ֑ם אֶת־בְּנֵיכֶ֣ם יִקָּ֗ח וְשָׂ֥ם לֹו֙ בְּמֶרְכַּבְתֹּ֣ו וּבְפָרָשָׁ֔יו וְרָצ֖וּ לִפְנֵ֥י מֶרְכַּבְתֹּֽו׃ | 11 |
ئۇ: ــ ئۈستۈڭلاردا سەلتەنەت قىلىدىغان پادىشاھنىڭ تۇتىدىغان يولى مۇنداق بولىدۇ: ــ ئۇ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا قويۇپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەشكە، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بولۇشقا سالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرىدۇ؛ |
וְלָשׂ֣וּם לֹ֔ו שָׂרֵ֥י אֲלָפִ֖ים וְשָׂרֵ֣י חֲמִשִּׁ֑ים וְלַחֲרֹ֤שׁ חֲרִישֹׁו֙ וְלִקְצֹ֣ר קְצִירֹ֔ו וְלַעֲשֹׂ֥ות כְּלֵֽי־מִלְחַמְתֹּ֖ו וּכְלֵ֥י רִכְבֹּֽו׃ | 12 |
ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مىڭ بېشى ۋە ئەللىك بېشى بولۇشقا، يېرىنى ھەيدەشكە، ھوسۇلىنى ئورۇشقا، جەڭ قوراللىرى بىلەن ھارۋا ئەسۋابلىرىنى ياساشقا سالىدۇ. |
וְאֶת־בְּנֹותֵיכֶ֖ם יִקָּ֑ח לְרַקָּחֹ֥ות וּלְטַבָּחֹ֖ות וּלְאֹפֹֽות׃ | 13 |
قىزلىرىڭلارنى ئەتىر ياساشقا، تاماق ئېتىشكە ۋە نان يېقىشقا سالىدۇ. |
וְאֶת־שְׂ֠דֹֽותֵיכֶם וְאֶת־כַּרְמֵיכֶ֧ם וְזֵיתֵיכֶ֛ם הַטֹּובִ֖ים יִקָּ֑ח וְנָתַ֖ן לַעֲבָדָֽיו׃ | 14 |
ئەڭ ئېسىل زېمىنلىرىڭلار، ئۈزۈمزارلىرىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا بېرىدۇ. |
וְזַרְעֵיכֶ֥ם וְכַרְמֵיכֶ֖ם יַעְשֹׂ֑ר וְנָתַ֥ן לְסָרִיסָ֖יו וְלַעֲבָדָֽיו׃ | 15 |
ئۇ ئۇرۇقۇڭلاردىن، ئۈزۈمزارلىرىڭلارنىڭ ھوسۇلىدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۆزىنىڭ غوجىدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ. |
וְאֶת־עַבְדֵיכֶם֩ וְֽאֶת־שִׁפְחֹ֨ותֵיכֶ֜ם וְאֶת־בַּחוּרֵיכֶ֧ם הַטֹּובִ֛ים וְאֶת־חֲמֹורֵיכֶ֖ם יִקָּ֑ח וְעָשָׂ֖ה לִמְלַאכְתֹּֽו׃ | 16 |
ئۇ قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، ئەڭ كېلىشكەن يىگىتلىرىڭلارنى ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا سالىدۇ. |
צֹאנְכֶ֖ם יַעְשֹׂ֑ר וְאַתֶּ֖ם תִּֽהְיוּ־לֹ֥ו לַעֲבָדִֽים׃ | 17 |
ئۇ قويلىرىڭلاردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئالىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرى بولىسىلەر. |
וּזְעַקְתֶּם֙ בַּיֹּ֣ום הַה֔וּא מִלִּפְנֵ֣י מַלְכְּכֶ֔ם אֲשֶׁ֥ר בְּחַרְתֶּ֖ם לָכֶ֑ם וְלֹֽא־יַעֲנֶ֧ה יְהוָ֛ה אֶתְכֶ֖ם בַּיֹּ֥ום הַהֽוּא׃ | 18 |
سىلەر ئۇ كۈندە ئۆزۈڭلارغا تاللىغان پادىشاھ تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنىدە سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، دېدى. |
וַיְמָאֲנ֣וּ הָעָ֔ם לִשְׁמֹ֖עַ בְּקֹ֣ול שְׁמוּאֵ֑ל וַיֹּאמְר֣וּ לֹּ֔א כִּ֥י אִם־מֶ֖לֶךְ יִֽהְיֶ֥ה עָלֵֽינוּ׃ | 19 |
خەلق بولسا سامۇئىلنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي: ــ ياق، بەلكى ئۈستىمىزگە سەلتەنەت قىلىدىغان بىر پادىشاھ بولسۇن، دېدى. |
וְהָיִ֥ינוּ גַם־אֲנַ֖חְנוּ כְּכָל־הַגֹּויִ֑ם וּשְׁפָטָ֤נוּ מַלְכֵּ֙נוּ֙ וְיָצָ֣א לְפָנֵ֔ינוּ וְנִלְחַ֖ם אֶת־מִלְחֲמֹתֵֽנוּ׃ | 20 |
ــ شۇنداق قىلىپ بىز باشقا ھەربىر ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز؛ بىزنىڭ پادىشاھىمىز ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، بىزنى باشلايدۇ ۋە بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، دېدى. |
וַיִּשְׁמַ֣ע שְׁמוּאֵ֔ל אֵ֖ת כָּל־דִּבְרֵ֣י הָעָ֑ם וַֽיְדַבְּרֵ֖ם בְּאָזְנֵ֥י יְהוָֽה׃ פ | 21 |
سامۇئىل خەلقنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. |
וַיֹּ֨אמֶר יְהוָ֤ה אֶל־שְׁמוּאֵל֙ שְׁמַ֣ע בְּקֹולָ֔ם וְהִמְלַכְתָּ֥ לָהֶ֖ם מֶ֑לֶךְ וַיֹּ֤אמֶר שְׁמוּאֵל֙ אֶל־אַנְשֵׁ֣י יִשְׂרָאֵ֔ל לְכ֖וּ אִ֥ישׁ לְעִירֹֽו׃ פ | 22 |
پەرۋەردىگار ئەمدى سامۇئىلغا: ــ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ بېكىتكىن، دېدى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا: ــ ھەربىرىڭلار ئۆز شەھىرىڭلارغا قايتىڭلار، دېدى. |