< תהילים 105 >

הודו ליהוה קראו בשמו הודיעו בעמים עלילותיו 1
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار!
שירו-לו זמרו-לו שיחו בכל-נפלאותיו 2
ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار.
התהללו בשם קדשו ישמח לב מבקשי יהוה 3
مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن!
דרשו יהוה ועזו בקשו פניו תמיד 4
پەرۋەردىگارنى ھەمدە ئۇنىڭ كۈچىنى ئىزدەڭلار، دىدار-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار.
זכרו--נפלאותיו אשר-עשה מפתיו ומשפטי-פיו 5
ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت-ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار،
זרע אברהם עבדו בני יעקב בחיריו 6
ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىبراھىم نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى!
הוא יהוה אלהינו בכל-הארץ משפטיו 7
ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر.
זכר לעולם בריתו דבר צוה לאלף דור 8
ئۆزى تۈزگەن ئەھدىسىنى ئەبەدىي يادىدا تۇتىدۇ ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىشلەشكەن سۆزىدۇر، ــ
אשר כרת את-אברהם ושבועתו לישחק 9
يەنى ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر.
ויעמידה ליעקב לחק לישראל ברית עולם 10
ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ
לאמר--לך אתן את-ארץ-כנען חבל נחלתכם 11
«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن»، ــ دېدى،
בהיותם מתי מספר כמעט וגרים בה 12
ــ گەرچە شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سانى ئاز، ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان، شۇ يەردىكى مۇساپىرلار بولسىمۇ.
ויתהלכו מגוי אל-גוי מממלכה אל-עם אחר 13
ئۇلار ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا، بۇ ئەلدىن ئۇ قەبىلىگە كېزىپ يۈردى؛
לא-הניח אדם לעשקם ויוכח עליהם מלכים 14
ئۇ ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ
אל-תגעו במשיחי ולנביאי אל-תרעו 15
مەن مەسىھ قىلغانلىرىمغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما! ــ دېدى.
ויקרא רעב על-הארץ כל-מטה-לחם שבר 16
ئۇ ئاشۇ يۇرتقا ئاچارچىلىقنى بۇيرۇدى، تىرەك بولغان ئاش-ناننى قۇرۇتۇۋەتتى.
שלח לפניהם איש לעבד נמכר יוסף 17
ئۇ ئۇلاردىن بۇرۇن بىر ئادەمنى ئەۋەتكەنىدى، يۈسۈپ قۇل قىلىپ سېتىلغانىدى.
ענו בכבל רגליו (רגלו) ברזל באה נפשו 18
ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە ئاغرىدى، ئۇنىڭ جېنى تۆمۈرگە كىرىپ قىسىلدى؛
עד-עת בא-דברו-- אמרת יהוה צרפתהו 19
شۇنداقلا تا ئۆزىگە ئېيتىلغان ۋەھىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنى سىناپ تاۋلىدى؛
שלח מלך ויתירהו משל עמים ויפתחהו 20
پىرەۋن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ ئۇنى بوشاتقۇزدى، قوۋملارنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇنى ھۆرلۈككە چىقاردى.
שמו אדון לביתו ומשל בכל-קנינו 21
ئۇنى ئۆز ئوردىسىغا غوجىدار قىلىپ قويدى، پۈتۈن مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ،
לאסר שריו בנפשו וזקניו יחכם 22
ئۆز ۋەزىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىدا بولۇپ تەربىيىلىنىشكە، ئاقساقاللىرىغا دانالىق ئۆگىتىشكە تاپشۇردى.
ויבא ישראל מצרים ויעקב גר בארץ-חם 23
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل مىسىرغا كەلدى، ياقۇپلار ھامنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىدى.
ויפר את-עמו מאד ויעצמהו מצריו 24
[پەرۋەردىگار] ئۆز خەلقىنى كۆپ نەسىللىك قىلىپ، ئەزگۈچىلىرىدىن كۈچلۈك قىلدى.
הפך לבם לשנא עמו להתנכל בעבדיו 25
ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] قەلبىدە ئۆز خەلقىگە نەپرەت ھاسىل قىلدى، ئۇلارنى ئۆز قۇللىرىغا ھىيلە-مىكىرلىك بولۇشقا مايىل قىلدى.
שלח משה עבדו אהרן אשר בחר-בו 26
ئۇ ئۆز قۇلى بولغان مۇسانى، ئۆزىنىڭ تاللىغىنى ھارۇننى يوللىدى.
שמו-בם דברי אתותיו ומפתים בארץ חם 27
ئۇلار [مىسىردا] ئىلاھىي ئالامەتلەرنى ئايان قىلىپ، ھام زېمىنىدا ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئورناتتى.
שלח חשך ויחשך ולא-מרו את-דבריו (דברו) 28
پەرۋەردىگار قاراڭغۇلۇقنى ئەۋەتىپ، [زېمىننى] زۇلمەتكە قاپلىتىۋەتتى؛ [مىسىرلىقلار] ئۇنىڭ ئەمرىگە قارشى تۇرغان ئەمەسمۇ؟
הפך את-מימיהם לדם וימת את-דגתם 29
ئۇ ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى قانغا ئايلاندۇردى، بېلىقلىرىنى قۇرۇتىۋەتتى.
שרץ ארצם צפרדעים בחדרי מלכיהם 30
ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى مىژ-مىژ پاقىلار باستى، شاھ-ئەمىرلىرىنىڭ ھۇجرىلىرىغىمۇ ئۇلار تولۇپ كەتتى.
אמר ויבא ערב כנים בכל-גבולם 31
ئۇ بىر سۆز بىلەنلا، غۇژ-غۇژ چىۋىنلار بېسىپ كەلدى؛ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا غىڭ-غىڭ ئۇچار چۈمۈلىلەر.
נתן גשמיהם ברד אש להבות בארצם 32
ئۇ يامغۇرنىڭ ئورنىغا مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، بۇ زېمىنغا يالقۇنلۇق ئوت چۈشۈردى.
ויך גפנם ותאנתם וישבר עץ גבולם 33
ئۇ ئۈزۈم تاللىرىنى، ئەنجۇر دەرەخلىرىنى ئۇردى، زېمىندىكى دەرەخلەرنى سۇندۇرۇۋەتتى.
אמר ויבא ארבה וילק ואין מספר 34
ئۇ بىر سۆز قىلىشى بىلەنلا، چېكەتكىلەر كەلدى، سانسىز يۇتقۇر ھاشارەتلەر مىژىلداپ،
ויאכל כל-עשב בארצם ויאכל פרי אדמתם 35
زېمىنىدا بار بولغان گىياھلارنى يۇتۇۋەتتى، ئېتىزلارنىڭ بارلىق ھوسۇللىرىنى يەپ تۈگەتتى.
ויך כל-בכור בארצם ראשית לכל-אונם 36
[ئاخىردا] زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى.
ויוציאם בכסף וזהב ואין בשבטיו כושל 37
ئۆز خەلقىنى بولسا، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرگۈزۈپ چىقاردى، قەبىلىلىرىدە بىرسىمۇ يىقىلىپ چۈشۈپ قالغىنى يوق.
שמח מצרים בצאתם כי-נפל פחדם עליהם 38
ئۇلارنىڭ چىققىنىغا مىسىر خۇشال بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسى [مىسىرلىقلارغا] چۈشتى.
פרש ענן למסך ואש להאיר לילה 39
ئۇ ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن بولۇشقا، ئوتنى تۈندە نۇر بولۇشقا بەردى.
שאל ויבא שלו ולחם שמים ישביעם 40
ئۇلار سورىدى، ئۇ بۆدىنىلەرنى چىقاردى، ئۇلارنى ساماۋىي نان بىلەن قاندۇردى.
פתח צור ויזובו מים הלכו בציות נהר 41
ئۇ تاشنى ياردى، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقتى؛ قاقاسلىقتا دەريادەك ئاقتى.
כי-זכר את-דבר קדשו את-אברהם עבדו 42
چۈنكى ئۇ بەرگەن مۇقەددەس سۆزىنى، ئۆز قۇلى ئىبراھىمنى ئەستە تۇتتى.
ויוצא עמו בששון ברנה את-בחיריו 43
ئۇ خەلقىنى شاد-خۇراملىق بىلەن، ئۆز تاللىغىنىنى شادىيانە تەنتەنىلەر بىلەن [ئازادلىققا] چىقاردى.
ויתן להם ארצות גוים ועמל לאמים יירשו 44
ئۇ ئۇلارغا ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىپ، ئۇلارنى خەلقلەرنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر قىلدى،
בעבור ישמרו חקיו-- ותורתיו ינצרו הללו-יה 45
بۇ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تۇتۇپ، قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى! ھەمدۇسانا!

< תהילים 105 >