< ויקרא 13 >

וידבר יהוה אל משה ואל אהרן לאמר 1
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
אדם כי יהיה בעור בשרו שאת או ספחת או בהרת והיה בעור בשרו לנגע צרעת--והובא אל אהרן הכהן או אל אחד מבניו הכהנים 2
بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە بىر چىقان، ياكى تەمرەتكە ياكى پارقىراق تاشما چىقىپ، ئۇنىڭدىن بەدىنىنىڭ تېرىسىدە پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ جاراھىتى پەيدا بولغان بولسا، ئۇ كىشى ھارۇن كاھىننىڭ ياكى ئۇنىڭ كاھىن ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن.
וראה הכהן את הנגע בעור הבשר ושער בנגע הפך לבן ומראה הנגע עמק מעור בשרו--נגע צרעת הוא וראהו הכהן וטמא אתו 3
كاھىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ جاراھىتىگە قارايدۇ؛ جاراھەت بولغان جاينىڭ تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن ھەمدە جاراھەتمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، بۇ پېسە-ماخاۋ كېسەللىكىدۇر. شۇڭا كاھىن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن.
ואם בהרת לבנה הוא בעור בשרו ועמק אין מראה מן העור ושערה לא הפך לבן--והסגיר הכהן את הנגע שבעת ימים 4
لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدىكى پەيدا بولغان ئاشۇ يالتىراق چىقان ئاق بولۇپ، ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنمىسە ۋە تۈكىمۇ ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن بۇ جاراھەت بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
וראהו הכהן ביום השביעי והנה הנגע עמד בעיניו לא פשה הנגע בעור--והסגירו הכהן שבעת ימים שנית 5
يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا قارىسۇن ۋە ئەگەر جاراھەت ئوخشاش تۇرۇپ، تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن ئۇنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
וראה הכהן אתו ביום השביעי שנית והנה כהה הנגע ולא פשה הנגע בעור--וטהרו הכהן מספחת הוא וכבס בגדיו וטהר 6
يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە جاراھەتنىڭ رەڭگى سۇسلاشقان ۋە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ جاراھەتنىڭ پەقەت بىر چاقا ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، كېسەل كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ پاك سانالسۇن.
ואם פשה תפשה המספחת בעור אחרי הראתו אל הכהן לטהרתו ונראה שנית אל הכהן 7
لېكىن ئەگەر ئۇ كاھىنغا كۆرۈنۈپ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن شۇ چاقا تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ يەنە بىر قېتىم كاھىنغا كۆرۈنسۇن.
וראה הכהן והנה פשתה המספחת בעור--וטמאו הכהן צרעת הוא 8
كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە ئەگەر چاقا ئۇنىڭ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ جاراھەت پېسە-ماخاۋدۇر.
נגע צרעת כי תהיה באדם והובא אל הכהן 9
ئەگەر بىركىمدە پېسە-ماخاۋ جاراھىتى پەيدا بولۇپ قالسا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن.
וראה הכהן והנה שאת לבנה בעור והיא הפכה שער לבן ומחית בשר חי בשאת 10
كاھىن ئۇنىڭ جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ۋە ئەگەر تېرىسىدە ئاق بىر چىقان پەيدا بولغان، تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا ۋە چىقان چىققان جايدا ئەت-گۆشى كۆرۈنۈپ قالغان بولسا،
צרעת נושנת הוא בעור בשרו וטמאו הכהן לא יסגרנו כי טמא הוא 11
بۇ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە چۈشكەن كونا پېسە-ماخاۋ جاراھىتىنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشى بولۇپ، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئۇ ناپاك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى سولاشنىڭ ھاجىتى يوق.
ואם פרוח תפרח הצרעת בעור וכסתה הצרעת את כל עור הנגע מראשו ועד רגליו--לכל מראה עיני הכהן 12
لېكىن ئەگەر پېسە-ماخاۋ قوزغىلىپ، جاراھىتى بار كىشىنىڭ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن نەگىلا قارىسا شۇ يەردە شۇ «پېسە-ماخاۋ» بولسا، تېرىسىنى بېشىدىن پۇتىغىچە قاپلاپ كەتكەن بولسا،
וראה הכהן והנה כסתה הצרעת את כל בשרו--וטהר את הנגע כלו הפך לבן טהור הוא 13
ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ مانا، شۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتى پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، ئۇ جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ «پاك» دەپ سانالسۇن.
וביום הראות בו בשר חי יטמא 14
لېكىن قاچانىكى ئۇنىڭدا ئەت-گۆشى كۆرۈنۈپ قالسا، ئۇ كىشى ناپاك سانالسۇن.
וראה הכהן את הבשר החי וטמאו הבשר החי טמא הוא צרעת הוא 15
كاھىن مۇنداق كۆرۈنگەن ئەت-گۆشىگە قاراپ، ئۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى شۇ ئەت-گۆش ناپاك بولۇپ، ئۇ پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر.
או כי ישוב הבשר החי ונהפך ללבן ובא אל הכהן 16
ھالبۇكى، ئەگەر ئەت-گۆشى قايتىدىن ئۆزگىرىپ، ئاقارسا ئۇ كىشى يەنە كاھىننىڭ قېشىغا كەلسۇن.
וראהו הכהן והנה נהפך הנגע ללבן--וטהר הכהן את הנגע טהור הוא 17
كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ جاراھەت ئاقارغان بولسا، كاھىن جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ پاك سانىلىدۇ.
ובשר כי יהיה בו בערו שחין ונרפא 18
ئەگەر بىركىمنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە ھۈررەك چىقىپ ساقىيىپ،
והיה במקום השחין שאת לבנה או בהרת לבנה אדמדמת ונראה אל הכהן 19
ھۈررەكنىڭ ئورنىدا ئاق چىقان ياكى قىزغۇچ داغ پەيدا بولغان بولسا، كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن.
וראה הכהן והנה מראה שפל מן העור ושערה הפך לבן--וטמאו הכהן נגע צרעת הוא בשחין פרחה 20
كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر داغ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ ھۈررەكتىن قوزغىلىپ پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلى جاراھىتىدۇر.
ואם יראנה הכהן והנה אין בה שער לבן ושפלה איננה מן העור והיא כהה--והסגירו הכהן שבעת ימים 21
لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، داغ چىققان جايدا ئاقىرىپ قالغان تۈكلەر بولمىسا، ۋە داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولمىسا، رەڭگى سەل سۇسراق بولغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
ואם פשה תפשה בעור--וטמא הכהן אתו נגע הוא 22
ئەگەر داغ دەرۋەقە تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ [پېسە-ماخاۋ] جاراھىتىدۇر.
ואם תחתיה תעמד הבהרת לא פשתה--צרבת השחין הוא וטהרו הכהן 23
ئەمما ئەگەر داغ ئۆز جايىدا توختاپ يېيىلمىغان بولسا، بۇ پەقەت ھۈررەكنىڭ زەخمى، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن.
או בשר כי יהיה בערו מכות אש והיתה מחית המכוה בהרת לבנה אדמדמת--או לבנה 24
ئەگەر بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىنىڭ مەلۇم جايى كۆيۈپ قېلىپ، كۆيگەن جاي ئاق-قىزغۇچ ياكى پۈتۈنلەي ئاق داغ بولۇپ قالسا،
וראה אתה הכהן והנה נהפך שער לבן בבהרת ומראה עמק מן העור--צרעת הוא במכוה פרחה וטמא אתו הכהן נגע צרעת הוא 25
كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر شۇ داغدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ كەتكەن، داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆيۈك يارىسىدىن پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر؛ كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر.
ואם יראנה הכהן והנה אין בבהרת שער לבן ושפלה איננה מן העור והוא כהה--והסגירו הכהן שבעת ימים 26
لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، داغنىڭ ئورنىدا ھېچقانداق ئاقىرىپ كەتكەن تۈك بولمىسا، شۇنداقلا داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق بولمىسا، بەلكى رەڭگى سۇس بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
וראהו הכהן ביום השביעי אם פשה תפשה בעור--וטמא הכהן אתו נגע צרעת הוא 27
يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن؛ داغ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر.
ואם תחתיה תעמד הבהרת לא פשתה בעור והוא כהה--שאת המכוה הוא וטהרו הכהן--כי צרבת המכוה הוא 28
ئەمما ئەگەر داغ جايىدا توختاپ، يېيىلمىغان بولسا، شۇنداقلا رەڭگى سۇس بولسا، بۇ پەقەت كۆيۈكتىن بولغان چاۋارتقۇ، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ كۆيۈكنىڭ تاتۇقى، خالاس.
ואיש או אשה כי יהיה בו נגע בראש או בזקן 29
ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بېشىدا ياكى ساقىلىدا جاراھەت پەيدا بولسا،
וראה הכהן את הנגע והנה מראהו עמק מן העור ובו שער צהב דק--וטמא אתו הכהן נתק הוא צרעת הראש או הזקן הוא 30
كاھىن جاراھەتكە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر جاراھەت ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، ئۈستىدە شالاڭ سېرىق تۈك بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ جاراھەت قاقاچ بولۇپ، باش ياكى ساقالدىكى پېسە-ماخاۋنىڭ ئالامىتىدۇر.
וכי יראה הכהן את נגע הנתק והנה אין מראהו עמק מן העור ושער שחר אין בו--והסגיר הכהן את נגע הנתק שבעת ימים 31
ئەگەر كاھىن قاقاچ جايغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق قارا تۈكمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
וראה הכהן את הנגע ביום השביעי והנה לא פשה הנתק ולא היה בו שער צהב ומראה הנתק אין עמק מן העור 32
كاھىن يەتتىنچى كۈنى قاقاچقا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ قاقاچ كېڭىيىپ كەتمەي، ئۈستىدىمۇ ھېچقانداق سېرىق تۈك بولمىسا، شۇنداقلا قاقاچ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە،
והתגלח--ואת הנתק לא יגלח והסגיר הכהן את הנתק שבעת ימים שנית 33
جاراھىتى بار كىشى بارلىق چاچ-ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن؛ قاقاچنىڭ ئۆزىنى غىردىمىسۇن. كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
וראה הכהן את הנתק ביום השביעי והנה לא פשה הנתק בעור ומראהו איננו עמק מן העור--וטהר אתו הכהן וכבס בגדיו וטהר 34
يەتتىنچى كۈنى كاھىن قاقاچقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن ئۇ كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاك سانىلىدۇ.
ואם פשה יפשה הנתק בעור אחרי טהרתו 35
لېكىن ئەگەر ئۇ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتسە،
וראהו הכהן והנה פשה הנתק בעור--לא יבקר הכהן לשער הצהב טמא הוא 36
كاھىن ئۇنىڭغا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، سېرىق تۈكنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چۈنكى بۇ كىشى ناپاكتۇر.
ואם בעיניו עמד הנתק ושער שחר צמח בו נרפא הנתק--טהור הוא וטהרו הכהן 37
ئەگەر قاقاچ جايىدا شۇ پېتى قېلىپ، ئۈستىدىن قارا تۈك ئۈنۈپ چىققان بولسا، قاقاچ ساقايغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى پاك بولغاچقا، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىشى كېرەك.
ואיש או אשה כי יהיה בעור בשרם בהרת--בהרת לבנת 38
ئەگەر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە داغ پەيدا بولۇپ، بۇ داغلار پارقىراق ھەم ئاق بولسا
וראה הכהן והנה בעור בשרם בהרת--כהות לבנת בהק הוא פרח בעור טהור הוא 39
كاھىن سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر بەدەننىڭ تېرىسىدىكى شۇ داغلار سۇسلىشىپ بوز رەڭگە يۈزلەنگەن بولسا، بۇ تېرىدىن چىققان بىر تاشما، خالاس؛ بۇ كىشى پاك سانالسۇن.
ואיש כי ימרט ראשו--קרח הוא טהור הוא 40
ئەگەر بىركىمنىڭ بېشىنىڭ تۈكلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ پەقەت بىر تاقىر باش، خالاس؛ ئۇ پاك سانالسۇن.
ואם מפאת פניו ימרט ראשו--גבח הוא טהור הוא 41
ئەگەر ئۇنىڭ بېشىنىڭ تۈكى پېشانە تەرىپىدىن چۈشكەن بولسا، ئۇ پەقەت پاينەكباش، خالاس؛ ئۇ يەنىلا پاك سانالسۇن.
וכי יהיה בקרחת או בגבחת נגע לבן אדמדם--צרעת פרחת הוא בקרחתו או בגבחתו 42
لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدا قىزغۇچ ئاق داغ كۆرۈنسە، ئۇنداقتا شۇ جاراھەت ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدىكى پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر.
וראה אתו הכהן והנה שאת הנגע לבנה אדמדמת בקרחתו או בגבחתו--כמראה צרעת עור בשר 43
كاھىن جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشىدا ياكى پاينەك بېشىدا ئىششىق جاراھەت بولسا ھەمدە پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئالامىتىدەك قىزغۇچ ئاق كۆرۈنسە،
איש צרוע הוא טמא הוא טמא יטמאנו הכהן בראשו נגעו 44
ئۇنداقتا ئۇ پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم بولۇپ، ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېشىغا شۇنداق جاراھەت چۈشكەن بولغاچ، كاھىن ئۇنى مۇتلەق «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن.
והצרוע אשר בו הנגע בגדיו יהיו פרמים וראשו יהיה פרוע ועל שפם יעטה וטמא טמא יקרא 45
شۇنداق جاراھىتى بار پېسە-ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى كىيىملىرى يىرتىق، چاچلىرى چۇۋۇق، بۇرۇت-ساقىلى يېپىقلىق ھالدا: «ناپاك، ناپاك!» دەپ توۋلاپ يۈرۈشى كېرەك.
כל ימי אשר הנגע בו יטמא--טמא הוא בדד ישב מחוץ למחנה מושבו 46
شۇ جاراھىتى بولغان بارلىق كۈنلەردە ئۇ «ناپاك» سانىلىدۇ؛ ئۇ ناپاك بولغاچقا، ئايرىم تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن.
והבגד כי יהיה בו נגע צרעת בבגד צמר או בבגד פשתים 47
ئەگەر بىر كىيىمدە، مەيلى يۇڭدىن ياكى كاناپتىن تىكىلگەن بولسۇن ئۇنىڭدا پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى پەيدا بولسا،
או בשתי או בערב לפשתים ולצמר או בעור או בכל מלאכת עור 48
يەنى كاناپ ياكى يۇڭدىن توقۇلغان رەختتە، ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپلىرىدا بولسۇن، تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرىدىن ئېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىلەردە پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى بولسا،
והיה הנגע ירקרק או אדמדם בבגד או בעור או בשתי או בערב או בכל כלי עור--נגע צרעת הוא והראה את הכהן 49
شۇنداقلا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدا، ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپلىرىدا، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەردە پەيدا بولغان ئىز-داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز-داغ «پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن.
וראה הכהן את הנגע והסגיר את הנגע שבעת ימים 50
كاھىن [داغقا] سەپسېلىپ قارىسۇن، ئاندىن ئىز-داغ پەيدا بولغان نەرسىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم ساقلىسۇن.
וראה את הנגע ביום השביעי כי פשה הנגע בבגד או בשתי או בערב או בעור לכל אשר יעשה העור למלאכה--צרעת ממארת הנגע טמא הוא 51
ئۇ يەتتىنچى كۈنى ئىز-داغغا قاراپ باقسۇن؛ ئىز-داغ چۈشكەن كىيىم-كېچەك، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئۇ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئىز-داغ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلى دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلار ناپاك سانالسۇن.
ושרף את הבגד או את השתי או את הערב בצמר או בפשתים או את כל כלי העור אשר יהיה בו הנגע כי צרעת ממארת הוא באש תשרף 52
شۇنىڭدەك كاھىن ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپىدا ئىز-داغ بولسا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە شۇنداق ئىز-داغ بولسا ئۇلارنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتسۇن؛ چۈنكى بۇ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر. مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش كېرەكتۇر.
ואם יראה הכהן והנה לא פשה הנגע בבגד או בשתי או בערב או בכל כלי עור 53
لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتىكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ئارقاق يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئىز-داغ كېڭەيمىگەن بولسا،
וצוה הכהן וכבסו את אשר בו הנגע והסגירו שבעת ימים שנית 54
ئۇنداقتا كاھىن دېغى بار نەرسىنى يۇيۇلسۇن دەپ بۇيرۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ساقلىسۇن.
וראה הכהן אחרי הכבס את הנגע והנה לא הפך הנגע את עינו והנגע לא פשה--טמא הוא באש תשרפנו פחתת הוא בקרחתו או בגבחתו 55
بۇ نەرسە يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن يەنە داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا (گەرچە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ)، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر؛ سەن ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگىن. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ ئىز-دېغى ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن ئۇ چىرىتكۈچ ئىز-داغ ھېسابلىنىدۇ.
ואם ראה הכהן והנה כהה הנגע אחרי הכבס אתו--וקרע אתו מן הבגד או מן העור או מן השתי או מן הערב 56
لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، مانا، داغنىڭ رەڭگى يۇيۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ قىسمىنى كىيىم-كېچەكتىن، ئۆرۈش يىپتىن ياكى ئارقاق يىپتىن بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن بولسۇن ئۇنى يىرتىپ ئېلىپ، تاشلىۋەتسۇن.
ואם תראה עוד בבגד או בשתי או בערב או בכל כלי עור--פרחת הוא באש תשרפנו את אשר בו הנגע 57
ئەگەر بۇ ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە كۆرۈنسۇن، بۇ كېڭىيدىغان بىرخىل پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى دەپ سانالسۇن؛ سەن ئۇ چاپلاشقان كىيىم-كېچەكنى كۆيدۈرۈۋەتكىن.
והבגד או השתי או הערב או כל כלי העור אשר תכבס וסר מהם הנגע--וכבס שנית וטהר 58
لېكىن ئەگەر ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە بولسۇن (ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپىدا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، يۇيۇلۇش بىلەن چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ ئېگىن ئىككىنچى قېتىم يۇيۇلسۇن، ئاندىن پاك سانالسۇن.
זאת תורת נגע צרעת בגד הצמר או הפשתים או השתי או הערב או כל כלי עור--לטהרו או לטמאו 59
پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭكىدەك ئىز-داغ پەيدا بولغان يۇڭ ياكى كاناپ رەختتىن توقۇلغان كىيىم-كېچەك (ئىز-داغ ئۆرۈش يىپتا ياكى ئارقاق يىپتا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاك ياكى ناپاك جاكارلاشقا بولىدۇ.

< ויקרא 13 >